قان تىپى
قان تىپى قان تەركىبىنى كۆرسىتىدۇ. (قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، قان پلاستىنكىسى ۋە قان پلازما ئاقسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سىرتقى يۈزى بولسا ئانتىگېن شەكلىدە بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ABO قان تىپلىرى بولسا ئاساسەن قىزىل قان ھۈجەيرسىدە ئانتېگىن A ۋە ئانتېگىن B نىڭ مەۋجۈت ياكى ئەمەسلىكى بۇ تۆت تۈرلۈك قان
تىپلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى جەھەتتە پەقەت ئانتىگېن A بولسا A تىپلىق، پەقەت ئانتىگېن B بولسا B تىپلىق، ئەگەر A ۋە B ئانتىگېن تەڭلا مەۋجۇت بولسا AB تىپلىق، بۇ ئىككى خىل ئانتېگىن بولمىغانلىرى O تىپلىق. ئوخشاش بولمىغان قان تىپىدىكى ئادەمنىڭ قان زەردابى تەركىبىدە ئوخشاش بولمىغان ئانتىتېلا مەۋجۈت، لېكىن ئۆزىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ئانتېگىنغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن : A قان تىپىدىكى قان زەردابى تەركىبىدە پەقەت B ئانتىتېلا مەۋجۈت. ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقى A تىپلىق، B تىپلىق ۋە O تىپلىق قان تەخمىنەن %30 نى ئىگىلەيدۇ، AB تىپلىقلار %10 ئەتراپىدا.
ئادەمنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە تۇراقلىق بولغان دەريا مايمۇنىنىڭكىگە ئوخشاش ئانتىگېن Rh مۇسبەت قان تىپى مەۋجۈت. تەركىبىدە بۇخىل پىرىنسىپتىكى Rh مەنپىي قان تىپىمۇ مەۋجۈت. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ ۋە كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى خەلق
ئارىسىدا، Rh مۇسبەتلىك قان گۇرۇپپىسى تەخمىنەن %99 كە يەتكەن، Rh مەنپىي قان تىپلىقلار%1 نى ئىگەللەيدۇ. Rh قان تىپى سىستېمىسى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قان گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ بولغانلىرىنىڭ بىرى، بايقالغان 40 نەچچە خىل Rh ئانتېگىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى D ئانتىگېننىڭ ئانتىگېنلىقى ئەڭ كۈچلۈك، ئادەتتە قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى D ئانتېگىننى Rh مۇسبەت تىپلىق، ئەكىسچە قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە D ئانتېگىنى كەمچىل بولسا Rh مەنپىي تىپلىق دەيمىز. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.