باغچى بازىرى
باغچى بازىرى قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىگە جايلاشقان، خوتەن ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كېلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 307.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باغچى بازىرى قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىگە جايلاشقان، خوتەن ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كېلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 307.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 42 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. يېزا ئىگلىك ۋە باقمىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان بۇلۇپ ياڭاق كۆپ چىقىدۇ، خوتەن پىلە غوزىسى كۆپ چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى.
باغچى بازىرى قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كېلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا خوتەن ناھىيەسى بوزاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبتا لايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 9 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۇپرىقى سېرىق توپىنى ئاساس قىلىدۇ، قۇم تاختىسى شورلاشقان، نېپىز چۆل تۇپراق. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل، بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃18، يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃4700. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.8 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 280 كۈن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-1300 مېتىر كېلىدۇ.[0]
باغچى بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ماكرولۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى بازارلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرگەن، دېھقانلار نەپكە ئېرىشتۈرۈلگەن.
باغچى بازىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويغان : «تېخنىكا بولسا بازاردىكى بىر قىيىن مەسىلە، كۆپ ھاللاردا دېھقانلارنىڭ ئاز مەبلەغ سېلىپ، كۆپ ھاسىلات ئالمىقى قىيىن بۇلىدۇ، ياڭاق سۈپىتى ياخشى بولمىغاندا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەس بۇلىدۇ، ياخشى باھاغا ساتالمايدۇ. باغچى بازىرىدا ياڭاق ئۇلاشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. ئۇرۇقچىلىق شىركىتى باغچى بازىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي يېتىشتۈرۈش، كۆممىقوناق سورتى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. باغچى بازىرىدا پەن-تېخنىكا تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ».
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.