لى جىشېن

لى جىشېن (1885-1959-يىللار) جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى جىشېن
باشقا نامى 李任潮
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1885-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى ھەربىي ئالىم، سىياسىئون، ئىنقىلابچى
خەنزۇچە ئىسمى 李济深
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭشى ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1959-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇ گۇاڭشىنىڭ ۋۇجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 18 يېشىدا خۇاڭپۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 29 يېشىدا بېيجىڭدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. كېيىن سۈن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى قانۇننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە گۇاڭدۇڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي بازىسى كۈرىشىگە قاتناشقان. 1926-يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان. 1927-يىلى جياڭ جيېشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغان. گومىنداڭنىڭ يېڭى مىلىتارىستلىرى قالايمىقان ئۇرۇش قىلغان مەزگىللەردە، جياڭ جيېشى گۇاڭدۇڭ بىلەن گۇاڭشىنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن، لى جىشېننى تاڭشەندە تۇتۇپ قالغان ھەمدە گومىنداڭ پارتىيىسىدىن چىقىرىۋەتكەن، كېيىن نەنجىڭغا نەزەربەند قىلغان. «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە پارتىيىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

 1933-يىلى لى جىشېن بىلەن جياڭ گۇاڭنەي، سەي تىڭكەي قاتارلىق كىشىلەر فۇجيەن ۋەقەسىنى قوزغاپ، جياڭ جيېشىغا ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان «جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى» نى قۇرغان ۋە ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلانغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن گومىنداڭ پارتىيەسىدىن يەنە بىر قېتىم قوغلاپ چىقىرىلغان. 1935-يىلى شياڭگاڭدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، رەئىس بولغان. 

 «7-ئىيۇل »ۋەقەسىدىن كېيىن، لى جىشېن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جەڭ مەيدانىدا پارتىيە-ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى ۋە گۇيلىن بەڭگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، نۇرغۇن كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەچكە، جياڭ جيېشىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغان. جياڭ جيېشى ئادەم ئەۋەتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي قالغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇ خې شياڭنىڭ، سەي تىڭكەي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1946-يىلى 11-ئايدا گومىنداڭ پارتىيىسى ئاچقان ئاتالمىش مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، شياڭگاڭدا جياڭ جيېشىنىڭ مۇستەبىت ئىچكى ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان «يەتتە تۈرلۈك پىكىر» باياناتىنى ئېلان قىلىپ، جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۈچىنچى قېتىم پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ماڭا كېرەك بولغىنى بىر پارچە تاختاي ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئۈچ مەسلەك» دېگەن. 1948-يىلى 1-ئايدا، ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنى تەشكىللەپ، رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چاقىرغان يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ «1-ماي» خىتابنامىسىگە ئاۋاز قوشۇپ شەرقىي شىمال ئازاد رايونىغا كىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 1949-يىلى لى جىشېن يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1949-يىلى 11-ئايدا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، دېموكراتىيە بىرلەشمىسى ۋە گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قىلىپ قۇرۇلغاندا، ئۇ داۋاملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. 1959-يىلى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.[0]

لى جىشېن(1885 −1959-يىللار) جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

ئۇ گۇاڭشىنىڭ ۋۇجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 18 يېشىدا خۇاڭپۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 29 يېشىدا بېيجىڭدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. كېيىن سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى قانۇننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە گۇاڭدۇڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي بازىسى كۈرىشىگە قاتناشقان. 1926-يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان. 1927-يىلى جياڭ جيېشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغان. گومىنداڭنىڭ يېڭى مىلىتارىستلىرى قالايمىقان ئۇرۇش قىلغان مەزگىللەردە، جياڭ جيېشى گۇاڭدۇڭ بىلەن گۇاڭشىنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن، لى جىشېننى تاڭشەندە تۇتۇپ قالغان ھەمدە گومىنداڭ پارتىيىسىدىن چىقىرىۋەتكەن، كېيىن نەنجىڭغا نەزەربەند قىلغان. «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە پارتىيىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1933 sf

-يىلى لى جىشېن بىلەن جياڭ گۇاڭنەي، سەي تىڭكەي قاتارلىق كىشىلەر فۇجيەن ۋەقەسىنى قوزغاپ، جياڭ جيېشىغا ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان «جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى» نى قۇرغان ۋە ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلانغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن گومىنداڭ پارتىيىسىدىن يەنە بىر قېتىم قوغلاپ چىقىرىلغان. 1935-يىلى شياڭگاڭدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، رەئىس بولغان. sf

» 7-ئىيۇل «ۋەقەسىدىن كېيىن، لى جىشېن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جەڭ مەيدانىدا پارتىيە-ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى ۋە گۇيلىن بەڭگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، نۇرغۇن كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەچكە، جياڭ جيېشىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغان. جياڭ جيېشى ئادەم ئەۋەتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي قالغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇ خې شياڭنىڭ، سەي تىڭكەي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1946-يىلى11-ئايدا گومىنداڭ پارتىيىسى ئاچقان ئاتالمىش مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، شياڭگاڭدا جياڭ جيېشىنىڭ مۇستەبىت ئىچكى ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان» يەتتە تۈرلۈك پىكىر «باياناتىنى ئېلان قىلىپ، جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۈچىنچى قېتىم پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:» ماڭا كېرەك بولغىنى بىر پارچە تاختاي ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئۈچ مەسلەك «دېگەن. 1948-يىلى1-ئايدا، ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنى تەشكىللەپ، رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى چاقىرغان يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ» 1-ماي «خىتابنامىسىگە ئاۋاز قوشۇپ شەرقىي شىمال ئازاد رايونىغا كىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1949

-يىلى لى جىشېن يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1949-يىلى11-ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، دېموكراتىيە بىرلەشمىسى ۋە گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قىلىپ قۇرۇلغاندا، ئۇ داۋاملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. 1959-يىلى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/46344.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#