چىغانلىق جىلغىسى

چىغانلىق جىلغىسى

چىغانلىق جىلغىسى بۈگۈر ناھىيەسى نىڭ چېدىر يېزىسى دىكى چىغانلىق ئېقىننىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى چېدىر يېزىسى تۇرۇشلۇق جايغا 12 كىلومېتىر كىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چىغانلىق جىلغىسى
باشقا نامى چېدىر جىلغىسى 策大雅沟
قاراشلىق رايون شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 齐依昂勒克沟
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى بۈگۈر ناھىيەسى چېدىر يېزىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىغانلىق جىلغىسى بۈگۈر ناھىيەسى نىڭ چېدىر يېزىسى دىكى چىغانلىق ئېقىننىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى چېدىر يېزىسى تۇرۇشلۇق جايغا 12 كىلومېتىر كىلىدۇ.

جىلغا ئىچىنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە نەم بولۇپ، ھەر خىل ئۇچار–قاناتلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ئارام ئېلىشقا باپ، ئېسىل مەنزىرىلىك جايدۇر.

چىغانلىق جىلغىنىڭ ئاساسلىق مەنزىرىسى مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كۆككە تاقاشقان تىك قىيالار ئارىسىدا شاقىراپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن ئىبارەت. مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھىرى ئېقىن ئىچىدىكى بىر پارچە يېرىم ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈستىدە تاش ئۆي خارابىسى بار. كىشىلەر بۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمنى ئەسلىگەندە قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىي قەلئەگە جاي تاللاش ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. كىشىلەر يېرىم ئارالدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسا، يىرقتىكى ئېگىز–پەس تاغ تىزمىلىرىنى، تىك يار–قىيالارنى كۆرۈپ، شادلىنىپ يايراپ كىتىدۇ.

 ئەگەر شىمالىي تەرەپتىن ئېقىن ساھىلىگە چۈشسە، يەنە باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جىلغا ئىچى تاشلىق ساي بولۇپ، تەخمىنەن بىر قانچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى تاغ تېرىكى ۋە ھەر خىل چاتقاللار قاپلاپ كەتكەن، شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپنى ئېگىزلىكى 50 مېتىردىن ئاشىدىغان تىك قىيالار ئوراپ تۇرىدۇ. 

چىغانلىق جىلغىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈپ–سۈزۈك سۈيى شىمالدىن جەنۇپقا شاۋقۇنلاپ ئېقىپ، جىمجىت جىلغىغا ئاجايىپ بىر خىل سادا بەخش ئېتىپ تۇرىدۇ. جىلغا ئىچىنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە نەم بولۇپ، ھەر خىل ئۇچار–قاناتلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ئارام ئېلىشقا باپ، ئېسىل مەنزىرىلىك جايدۇر. جىلغىنىڭ جەنۇبىي تەرىپدىكى ئېقىن سۈيى ئۇدۇل ئېقىپ بېرىپ، بىر چوڭ يانتۇ قىياغا ئۇرۇلۇپ، قاينام ھاسىل قىلىدۇ–دە ئوڭغا بۇرۇلۇپ كەڭلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كېلىدىغان بىر تار قىسىلچاقتىن پەسكە قاراپ ئاقىدۇ. بۇ قىسىلچاقمۇ سۇنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان، سۇ يەر يۈزىنى 50 مېتىردەك تىلىۋېتىپ، ئۇ يەرنى خۇددى بوتۇلكىنىڭ بوينىغا ئوخشىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ قىسىلچاقتا سۇغا كېچىپ ماڭسا، ئاسمان بوشلۇقى خۇددى بىر ئىنچىكە تاناپتەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەرگە كۈن بويى قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئادەم مۇزلاپ تۇرىدۇ، تىك قىيالاردا چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#