لاتىن يېزىقى

لاتىن يىزىقى

لاتىن يىزىقى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ يىزىقلارنىڭ بىرى.لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان .لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

ئۇيغۇرچە لاتىن يىزىقى
ئىنگىلىسچە Latin alphabet
خەنزۇچە 拉丁字母
تۈرى ھەرىپلىك يىزىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاتىنلاتىن ھەرپلىرى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەرپ بەلگىسى(قالغان ئىككىسى:خۇاشيا خەنزۇ يېزىقى،ئەرەب رەقىمى)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەرپلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-7-ئەسىرلەردە گېرىتسيە ھەرپلىرىنى Etruscan ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلارنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان ،رىملىقلارنىڭ ھەربى يۈرۈشىنىڭ كېڭىيشىغا ئەگىشىپ ،رىملىقلارنىڭ مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ،غەربى ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان .لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تىنىش بەلگىسى يوق ،پەقەت چوڭ ۋە كىچىك يېزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى.كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان .لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.<<ئىنجىل>>مۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ،ھەمدە خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى،مۇستەملىكىسى تەسىردىن نۆۋەتتە غەربى ياۋروپا،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر،ئوكئانىيە ،ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەكتە .خەنزۇتىلىنىڭ پىنيىنىمۇ مۇشۇ ھەرپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .

لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق.ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ .تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ.دۇنيا تىلمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن .

ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى

(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx

كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى

(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz

ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى

(26ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz

تەسىرى

بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەردىن ئاساسلىقى :ئىنگلىزلار،گېرمانلار،فرانسۇزلار،ئىتاليانلار،گوللاندىيىلىكلەر.....بار .لاتىن تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئوخشاش تىل سىستېمىسى ھەمدە ئوخشىمىغان تىل تارمىقىغا كىرىدۇ .ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى لاتىن يېزىقنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىدىن كەلگەن.

ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى 20-ئەسىردە لاتىن يىزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ ئەرەب يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا ئىشلىتىلىدۇ.

[1][0] ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#