باقالى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.قوي يېغى بىلەن سودانى مۇجۇپ ئالىقاندا پىششىقلاپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ھەسەل، شېكەر، كاكائو، سۈتنى قۇيۇپ شېكەر ئېرىگىچە قوچۇپ، ئۇنىڭغا قوناقتەك توغرالغان ياڭاق مېغىزى، تۆت پارچە توغرالغان ئۇرۇقسىز ئۈزۈمى، ئۇننى سېلىپ قوچۇپ، قويۇق شىرە تەييارلىنىدۇ.
2. دوخاپكىنى قىزىتىپ، لىسنى ياغلاپ تەييارلانغان شىرەنى لىسقا قۇيۇپ، دوخاپكىغا سېلىپ ئوتتۇرا ئوتتا كۆپتۈرۈلىدۇ.
باقالى پىشقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ. كۆپۈپ قېلىنلاشقاچقا، ئوتتۇرىسىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەرەڭگىنى تىقىپ كۆرۈلىدۇ. سەرەڭگىگە چاپلاشقان خۇرۇچقا قاراپ پىشقان-پىشمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
پىشقان باقالىنى سوۋۇتۇپ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، بىر ئىلىك قېلىنلىقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ توغرىلىشى ھەرخىل بولىۋاتىدۇ. ئېھتىياج بويىچە توغرىسا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.