بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى چاڭنىڭ، جياڭئەن ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان .

نامى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون سىچۇەن ئۆلكىسى چاڭنىڭ، جياڭئەن ناھىيىلىرى
جۇغراپىيىلىك ئورنى سىچۇەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان
خەنزۇچە نامى 蜀南竹海风景区
ئۆلكىسى سىچۇەن ئۆلكىسى
يەر مەيدانى 120 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىسىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى بامبۇك دېڭىزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى چاڭنىڭ، جياڭئەن ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 120 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بامبۇكزارلىقنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. مەنزىرىلىك رايوندىكى 28 تاغ چوققىسى ياپيېشىل بامبۇكلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، نەنچۈ بامبۇكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاق بامبۇك، چىپار بامبۇك، چوت بامبۇك، يۇمشاق بامبۇك، قويۇق يوپۇرماقلىق بامبۇك، تۈكلۈك بامبۇك، چوڭ يوپۇرماقلىق بامبۇك قاتارلىق 30 نەچچە خىل بامبۇك بار. 

نەچچە ئون شارقىراتما بار، سەنديې شارقىراتمىسى تەخمىنەن 200 مېتىر ئېگىز، 15 مېتىر كەڭ بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. تاغ چوققىلىرىدا 20 نەچچە غار بار، شيەنيۈدۇڭ غارىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، بىر يېنى ئوچۇق بولۇپ، غاردىكى تاش ئويما ھەيكەللەرنىڭ قىياپىتى چىنلىققا يېقىن. تيەنباۋدۇڭ غارى ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر، ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان تاغ غارى بولۇپ، ئۈستى تەرىپىدە پىچاق بىسىدەك قىزىل تاش يار، ئاستىدا چوڭقۇر ھاڭ بار، باھار ۋە ياز كۈنلىرى قىزىل قىيا ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#