لاۋازېر

لاۋزېر

فرانسىيە لىك مەشھۇر ئالىم لاۋزېر خىمىيە پېنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس. 1743-يىلى، لاۋازېر پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇ مەزگىللەردە فىزىكا، ماتېماتىكا پەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا خىمىيە تېخى ناھايىتى ئارقىدا ئىدى. خىمىيە ئالىملىرى نۇرغۇنلىغان پارچە-پۇرات ئەمەلىي نەرسىلەرنى بايقىغان .

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاۋزېر
باشقا نامى Antoine-Laurent de Lavoisier
تۇغۇلغان ۋاقتى 1743-يىلى
كەسپى خېمىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 安托万-洛朗·德·拉瓦锡
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1794-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاۋزېرفرانسىيە لىك مەشھۇر ئالىم لاۋزېر خىمىيە پېنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس. 1743-يىلى، لاۋازېر پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇ مەزگىللەردە فىزىكا، ماتېماتىكا پەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا خىمىيە تېخى ناھايىتى ئارقىدا ئىدى. خىمىيە ئالىملىرى نۇرغۇنلىغان پارچە-پۇرات ئەمەلىي نەرسىلەرنى بايقىغان، لېكىن بۇ پارچە-پۇرات نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ئۆز خىللىرى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىيدىغان بىرەرمۇ ئىلمىي ئاساس يوق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر خاتا ھالدا، ھاۋا بىلەن سۇنى ئىككى خىل ئېلېمېنت دەپ قاراپ كەلگەنىدى، ئوتنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىمۇ خاتا ئىدى. ئۇلار بارلىق كۆيىدىغان ماددىلاردا «كۆيگۈچى ئېلېمېنت» دەيدىغان ماددا بولىدۇ، ماددا كۆيگەندە بىر خىل تەسەۋۋۇردىكى «كۆيگۈچى ئېلېمېنت» قويۇپ بېرىدۇ، دەپ قارايتتى. 1754-1774-يىلغىچە نۇرغۇنلىغان ئىختىدارلىق خىمىيە ئالىملىرى بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئوكسىگېن، ھىدروگېن، ئازوت، كاربون(Ⅳ) ئوكسىدى قاتارلىق گازلارنى ئايرىپ چىقاردى. بىراق، بۇ ئالىملار «كۆيدۈرگۈچى ئېلېمېنت» تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۆزلىرى بايقىغان بۇ ماددىلارنىڭ خىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنىچۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. 

لاۋازېر شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇجەسسەملەپ، توغرا يۆنىلىش بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان خىميە نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ ئالدى بىلەن «كۆيگۈچى ئېلېمېنت» تەلىماتى خاتا دەپ چىقتى. ئۇ كۆيۈش جەريانى كۆيگۈچى ماددا بىلەن ئوكسېگىننىڭ بىرىكىشى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سۇ بىر خىل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان بولماستىن، بەلكى ئوكسىگېن بىلەن ھىدروگىننىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن، ھاۋامۇ كۆپ خىل گازدىن تەشكىللەنگەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسىگېن، ھىدروگېن، كاربون(Ⅳ) ئوكسىدى بار دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. 

بۇ قاراشلار بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى ئېنىق، بىراق، لاۋازېرنىڭ ئەجدادلىرى ۋە دەۋىرداشلىرى بۇنى بىلمەيتتى. لاۋازېر ئۆزى تۈزۈپ چىققان دەرسلىك كىتاب «خىمىيە ئاساسلىرى دەرسلىكى» دە، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى بايان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ياش خىمىيە ئالىملىرى ئۇنىڭ قارىشىنى ئاسانلا قوبۇل قىلدى. لاۋازېر سۇ بىلەن ھاۋا ئىككى خىل ئېلېمېنت ئەمەسلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، كىتابىغا بىر خىمىيە ئىلېمېنتىنىڭ جەدۋىلىنى كىرگۈزدى؛ گەرچە بۇ جەدۋەلدە خاتالىقلار بولسىمۇ، بىراق، يېڭى خىمىيە ئېلېمېنتلار جەدۋىلى بولسا لاۋزېر ئېلېمېنتلار جەدۋىلىنىڭ كىڭەيتىلمىسى ئىدى. 

لاۋزېرلاۋزېر بىرىنچى بولۇپ خىمىيە رېئاكسىيىسىدە ماددىنىڭ يوقالمايدىغانلىق قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىمىيە رېئاكسىيىسى ماددىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىراق ماددا يوقالمايدۇ. 

فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، لاۋازېر باشقا 27 كىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لاۋازېر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى ناھايىتى ياراملىق ئايال بولۇپ، ئېرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەنىدى. 

سوت قىلىش جەريانىدا، لاۋازېر ۋەتەن ۋە ئىلىم-پەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىشنى تىلىگەن بولسىمۇ، بىراق سوتچى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدى ھەمدە: «جۇمھۇرىيەت تالانتقا مۇھتاج ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى. بىراق لاۋازېرنىڭ خىزمەتدىشى، ئۇلۇغ ماتېماتىك لاگرانگې: «ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىردەملىك ئىش، بىراق، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تولدۇرۇۋېلىش نەچچە يۈز يىلدىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەنىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#