بەرغەمۇت

 بەرغەمۇت

ئانا ۋەتىنى غەربىي ھىندىستان ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدىغان بەرغەمۇت، ئاپلىسىن ئائىلىسىگە تەۋە بىر دەرەختۇر.

ئۇيغۇرچە نامى بەرغەمۇت
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئاپېلسىن ئائىلىسى
تۈرى تۇرۇنج تۈرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 佛手
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى سۇزاپ تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاپېلسىن ئۇرۇقدىشى
ئۆزگەرگەن تۈرى بەرغەمۇت تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانا ۋەتىنى غەربىي ھىندىستان ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدىغان بەرغەمۇت، ئاپلىسىن ئائىلىسىگە تەۋە بىر دەرەختۇر. بەرغەمۇت دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى ئۇزۇن ۋە قېنىق يېشىل بولىدۇ، چېچەكلىرى كىچىك ۋە ئاق رەڭلىك كېلىدۇ. مېۋىلىرى يۇمىلاق بولۇپ، ئامۇت شەكلىگە ئوخشايدۇ. مېۋىلىرىنىڭ پوستى لىمون سېرىقىدا، ئېتى بولسا چۈچۈمەل بولىدۇ.

يۇپۇرمىقى

بەرغەمۇتبەرغەمۇت رەتسىز شاخلىمسىمان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يېڭى يۇمران شاخلىرى، بىخ ۋە غۇنچىلىرىنىڭ ھەممىسى تۇتۇق بېغىر رەڭ، غولى شاخلىق كۆپ تىكەنلىك، تىكىنى ئۇزۇنلۇقى 4 سانتىمېتىر. ئاددىي يوپۇرماقلىرى شالاڭ ھەم يەككە مۇرەككەپ يوپۇرماق، لېكىن قاناتسىمان يوپۇرماقلىقى يوق؛ يوپۇرماق سېپى قىسقا، يوپۇرمىقى ئېللىپىسسىمان ياكى تۇخۇمسىمان سوقىچاق ، ئۇزۇن 6-12سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3-6 سانتىمېتىر، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ، ئۈستى يۇمىلاق ياكى دىقماق، قىسقا ھەم شالاڭ ئۇچلۇق، گىرۋىكىدە سۇس دىقماق ھەرە چىشىسىمان. 

گۈل چېچىكى

بەرغەمۇتبەرغەمۇتنىڭ ئۇمۇمى گۈل رېتىدە 12 تال چېچىكى بار بۇلۇپ، بەزىدە قوشۇمچە يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، تاق گۈللۈك بولىدۇ؛ گۈلى ئىككى جىنىسلىق، تاق جىنسلىق گۈللىرىمۇ، بەش تال گۈل تاجى ياپراقچىسى بار، ئۇزۇنلۇقى 5.1 - 2 سانتىمېتىر؛ ئاتىلىقى 30 دانە؛ ئانىلىق بوينى توم ھەم ئۇزۇن، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان. ئۇرۇقدان گۈل چۈشۈپ كېيىن دەرھال بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ، مېۋىسىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا بارماق شەكىللىك بولىدۇ. 

مېۋىسى

بەرغەمۇتبەرغەمۇتنىڭ مېۋىسى بارماق شەكىللىك ئۇزۇنچاق، ئېغىرلىقى 2000 گىرام ئەتراپىدا، مېۋە پوستى سۇس سېرىق رەڭلىك، سىرتىقى شەكلى قوپال، مېۋە پوستى ناھايىتى قېلىن، ئاجرىتىش تەس، ئاق، سەل ئاچ سېرىق ياكى پاختا رەختلىك يۇمشاق، مېۋە ئېتى رەڭسىز، بەك سۈزۈك ياكى سۇس ساغۇچ سۈت رەڭلىك، چۈرۈك، تەمى ئاچچىق ياكى ئازراق تاتلىق، خۇش پۇراقلىق؛ ئۇرۇقى كىچىك، سىلىق، تەكشى، ئۇرۇق ياپرىقى ئاق، ئادەتتە ئۇرۇق يوقلىرىمۇ بار. 4-5-ئايلار چېچەكلەش مەزگىلى، 10-11-ئايلار مېۋىلەش مەزگىلى.

بەرغەمۇتبەرغەمۇت ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى، ئىللىق، نەم، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشكەن مۇھىتنى ياقتۇرىدۇ، قاتتىق سوغۇققا چىداملىق ئەمەس، مۇز، قىرو ۋە قۇرغاقتىن قورقىدۇ، سايىگە، ئۈنۈمسىزلىككە، ھۆلچىلىككە چىداملىق. قىش پەسلىدە مۇز يوق رايونلاردا ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق. ئەڭ مۇۋاپىق ئۆسۈش تېمپېراتۇرىسى ℃22-24، قىشلىق تېمپېراتۇرىسى ℃5 دىن يۇقىرى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىر بولغان رايۇنلاردا ئۆسۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 1200-1800 سائەت بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ماس كېلىدىغان تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، يۇمشاق، مۇنبەت، چىرىندى ماددىلار مول، سۇ چىقىرىشى ياخشى بولغان كىسلاتالىق تۇپراقتا تۇپراق ياكى سېغىز توپا ئىچىدە ئۆسىدۇ.[1] 

بەرغەمۇتبەرغەمۇت ئاز تېپىلىدىغان بىر دەرەخ بولۇشىغا قارىماي، ئىنتايىن خۇش پۇراقلىقى ۋە ئاق رەڭلىك چېچەكلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن باغچا ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرگەن كىشىلەرمۇ بار. دۇنيادا بەرغەمۇتنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ھىندىستاندا يېمەك – ئىچمەكلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ، ھەتتا دورا – دەرمەك سۈپىتىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرۈلىدۇ. بەرغەمۇتنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، ئوخشىمىغان پايدىلىنىش ساھەلىرىمۇ بار. مەسىلەن ، خىمىيە سانائىتى. بەرغەمۇت لىمون كىسلاتاسى ۋە كالىتسىي كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغان، سودا قىممىتى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، ناھايىتى مۇھىم خام ماددا ھېسابلىنىدۇ.

بەرغەمۇت مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئالاھىدىلىكى ۋە پوستىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ياغ ئارقىلىق پەداز سانائىتىدە، مۇنچا بۇيۇملىرىدىن خۇش پۇراق ئەتىرگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلارنى ياساشتا ئالدىن تاللىنىلىدىغان ئۆسۈملۈكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، گۆشنى ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، گۆشنى پاكىزە ساقلاش مەقسىتىدە باكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بەرغەمۇتتىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.

ئىستىمال قىممىتى

بەرغەمۇت مېۋىسىنىڭ پوستىلىرىنى سىقىپ بەرغەمۇت يېغى چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ياغ سېرىق رەڭلىك، خۇش پۇراق ۋە ناھايىتى لەززەتلىك بولىدۇ. بەرغەمۇت چېيى بولسا، كىشىلەر قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ تاللاپ ئېچىدىغان چايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بەرغەمۇت چېيى،بەرغەمۇت دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان ياپراقلىرى، ئۇرۇقلىرى ياكى مېۋىسىنىڭ پوستىدىن ياسىلىدۇ. بەرغەمۇت چېيىنى سوغۇق ياكى قىزىق قىلىپ ئىچكىلى بولىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى

بەرغەمۇتبەرغەمۇت چېيىنى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، ھۆتەل ۋە بۇرۇن تۆشۈكى كېسەللىكلىرىگە قارشى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇزۇن دەملەنگەن بەرغەمۇت ياپراقلىرىنىڭ ھورىنى ھوردىغاندا، باش ئاغرىقى، دىمىقى پۈتۈپ قىلىش، زۇكام، ھۆتەل ۋە كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

مەنزىرە قىممىتى

بەرغەمۇتبەرغەمۇتنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر نەچچە خىل بولۇپ، پىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن پوستىدا مۇدۇر چۇقۇرلار پەيدا بولۇپ كېيىن بارماققا ئوخشاش ئۇزىراپ چۈشىدىغان بىر خىلىمۇ يېرىم مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قاتاردا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ.

بەرغەمۇتبەرغەمۇت دۇنيادىكى ساناقلىق دۆلەتلەردە يېتىشىدىغان، كەم كۆرۈلىدىغان بىر دەرەختۇر. دۇنيادا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جالابىرىيات رايونىدا ئەڭ كۆپ ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە ئاق دېڭىز رايونىدا، ئانتاليا، مەرسىن، خاتاي ۋە ئادانادا يېتىشىدۇ. ئانادولۇ خەلقى بەرغەمۇتنى بەگ ئامۇتى، دەپ بىلىدۇ. بەرغەمۇت ئىسمىنىڭ ياۋروپا تىللىرىغا ئانادولۇدىن كىرگەنلىكى توغرىسىدا ئىككى ئانالىز بار.

بىرىنچىسى، بەگ ئامۇتى دېگەن سۆزنىڭ ياۋروپا تىللىرىدا بەرغەمۇتقا ئۆزگەرگەنلىكى. 

ئىككىنچىسى، 16–ئەسىردە ئانادولۇغا كەلگەن ياۋروپالىق سودىگەر ۋە ئۆسۈملۈكشۇناسلارنىڭ بەرغەمۇتنى بەرگامىدا كۆرۈپ، بۇ يېڭى مېۋىگە شۇ يەرنىڭ نامىنى بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەرغەمۇتقا ئۆزگەرگەنلىكىدۇر. بەرگامىدىكى بەرغەمۇت دەرەخلىرى، كۈنىمىزدە كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، بەرغەمۇت كۈنىمىزدە ئانتاليا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم سودا قىممىتىگە ئىگە. 

بەرغەمۇتبارلىق ئۆسۈملۈك چايلىرىغا ئوخشاش، بەرغەمۇت چېيىنىمۇ جىق ۋە داۋاملىق ئىچمەسلىك لازىم. بولۇپمۇ، ھامىلە ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ بەرغەمۇت چېيىنى ئېچمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنمۇ 4–3 كۈندىن كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. بىر ھەپتە ئىزچىل بەرغەمۇت چېيى ئىچكەن بولساق، كېيىنكى ھەپتىسى بەرغەمۇت چېيى ئىچىشنى توختىتىپ، قوشۇمچە تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. بۇ قوشۇمچە تەسىرلەر قايسى دېگىنىمىزدە، مىسال قىلىپ ئېيتساق، خانىم – قىزلارنىڭ ھەيىز كۆرۈشىدە قالايمىقانلىشىش ۋە بالىياتقۇ موسكۇللىرى تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

خۇش پۇراقلار تۈرك مىللىي تېبابىتىدە ھەر دائىم مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ھەر خىل خۇش پۇراق ماددىلاردىن پايدىلىنىلغان. ئىبىن سىنا ۋە بىرۇنىغا ئوخشاش تۈرك تىۋىپلىرى خۇش پۇراق ئارقىلىق داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تېبابەت تارىخىغا قارىغىنىمىزدا، تىۋىپلارنىڭ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كېسەللىكتىن خالىي، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى كۆرىمىز. تېبابەتتە كېسەللىكتىن ساقلىنىش ئاساسىي مەقسەت بولغان ۋە كۈنىمىزدىمۇ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلىدى. ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە شىپا بولىدىغانلىقى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە بەزى ئۆسۈملۈكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەلۇماتلار كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ كەلدى. بەرغەمۇت يېغىغا كەلسەك، يېتىلىۋاتقان باسقۇچتىكى ياشلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى بايقايمىز. يېتىلىۋاتقان باسقۇچتىكى ياشلارنىڭ ھورمونلىرى كۆپ ئىشلىگەنلىكتىن، تېز تەرسالىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، سەۋرسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يېتىلىۋاتقان مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى راھەتلىتىدىغان، ئارام بېرىدىغان خۇش پۇراقلارغا ئېھتىياجى بار. بەرغەمۇت يېغى قوشۇلغان ئەتىرلەر بۇ ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىكى تىۋىپلار، مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ «خۇش پۇراق كۆڭۈل كۆزىنى ئاچىدۇ» دېگىنى بويىچە ھەرىكەت قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ تەبىئىيىتى بويىچە خۇش پۇراقلارنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، بۇنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن. كۈنىمىزدە بولسا، خۇش پۇراقلارغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقىنىنى كۆرمەكتىمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە، خۇش پۇراقلار ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، خۇش پۇراقلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈستىدىكى ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بەرغەمۇت مېۋىسىنىڭ خۇش پۇرىقى، ئۇنى مۇراببا ياساشقا تولىمۇ باپ كېلىدىغان مېۋىگە ئايلاندۇرغان. بەرغەمۇت پوستىلىرىدىن ھاسىل قىلىنغان. بۇ ياغ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ، ئىشىلتىلىپ كەلمەكتە. بەرغەمۇت يېغىنىڭ روھىي بېسىمغا داۋا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئادەمنى راھەتلىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۇيقۇ نورمالسىزلىنىشقا ياخشى كېلىدۇ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشىلتىلىدۇ. بەرغەمۇت يېغىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل قوللىنىش ئۇسۇلى بار:

يۈز تېرىسىگە سۈركەپ، ئۇۋۇلاپ، بېسىم ۋە ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتە قوللانغانغا ئوخشاش، بىر پىيالە سۇغا 3–2 تىمىم تىمىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچسەك بولىدۇ. بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ. بەرغەمۇت يېغىنىڭ ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاشقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانىلىقى بىلىنىدۇ. پاشا چاققان يەرلەرگە، دانىخورەكلەرگە ۋە گال ئاغرىغاندا بەرغەمۇت يېغىنى سۈركىگەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەرغەمۇت يېغىنى راھەتلىنىش ۋە مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنچا سۈيىگە قاتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ھوردىغىلىمۇ بولىدۇ.[0]

بەرغەمۇت مېۋىسىنىڭ خۇش پۇرىقى، ئۇنى مۇراببا ياساشقا تولىمۇ باپ كېلىدىغان مېۋىگە ئايلاندۇرغان. بەرغەمۇت پوستىلىرىدىن ھاسىل قىلىنغان. بۇ ياغ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ، ئىشىلتىلىپ كەلمەكتە. بەرغەمۇت يېغىنىڭ روھىي بېسىمغا داۋا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئادەمنى راھەتلىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۇيقۇ نورمالسىزلىنىشقا ياخشى كېلىدۇ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشىلتىلىدۇ. بەرغەمۇت يېغىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل قوللىنىش ئۇسۇلى بار:

يۈز تېرىسىگە سۈركەپ، ئۇۋۇلاپ، بېسىم ۋە ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتە قوللانغانغا ئوخشاش، بىر پىيالە سۇغا 3–2 تىمىم تىمىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچسەك بولىدۇ. بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ. بەرغەمۇت يېغىنىڭ ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاشقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانىلىقى بىلىنىدۇ. پاشا چاققان يەرلەرگە، دانىخورەكلەرگە ۋە گال ئاغرىغاندا بەرغەمۇت يېغىنى سۈركىگەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەرغەمۇت يېغىنى راھەتلىنىش ۋە مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنچا سۈيىگە قاتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ھوردىغىلىمۇ بولىدۇ.

بەرغەمۇت دۇنيادىكى ساناقلىق دۆلەتلەردە يېتىشىدىغان، كەم كۆرۈلىدىغان بىر دەرەختۇر. دۇنيادا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جالابىرىيات رايونىدا ئەڭ كۆپ ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە ئاق دېڭىز رايونىدا، ئانتاليا، مەرسىن، خاتاي ۋە ئادانادا يېتىشىدۇ. ئانادولۇ خەلقى بەرغەمۇتنى بەگ ئامۇتى، دەپ بىلىدۇ. بەرغەمۇت ئىسمىنىڭ ياۋروپا تىللىرىغا ئانادولۇدىن كىرگەنلىكى توغرىسىدا ئىككى ئانالىز بار.

بىرىنچىسى، بەگ ئامۇتى دېگەن سۆزنىڭ ياۋروپا تىللىرىدا بەرغەمۇتقا ئۆزگەرگەنلىكى. ئىككىنچىسى بولسا، 16 – ئەسىردە ئانادولۇغا كەلگەن ياۋروپالىق سودىگەر ۋە ئۆسۈملۈكشۇناسلارنىڭ بەرغەمۇتنى بەرگامىدا كۆرۈپ، بۇ يېڭى مېۋىگە شۇ يەرنىڭ نامىنى بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەرغەمۇتقا ئۆزگەرگەنلىكىدۇر. بەرگامىدىكى بەرغەمۇت دەرەخلىرى، كۈنىمىزدە كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، بەرغەمۇت كۈنىمىزدە ئانتاليا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم سودا قىممىتىگە ئىگە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5758

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#