يۇرۇڭقاش دەرياسى

يۇرۇڭقاش دەرياسى

يۇرۇڭقاش دەرياسى، خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان جاي بولغاچقا، يەنە بىر ئىسمى قاشتېشى دەرياسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى بىر دەريا. دەريا ئۇزۇنلۇقى 325 كىلومېتىر، نۇرغۇن تارماق ئېقىنىلىرى بار، ھاۋزىسىنىڭ كۆلىمى 1.45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دەريادا ئاق قاشتېشى، كۆك قاشتاش كۆپ چىقىدۇ، قەدىمدىن تارتىپ خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان ئاساسلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يۇرۇڭقاش دەرياسى
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
چەتئەلچە نامى Yurungqash River
ھاۋزىسىنىڭ كۆلىمى 1.45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 玉龙喀什河
قاراشلىق رايون خوتەن ۋىلايىتى
باشقا نامى قاشتېشى دەرياسى
دەريا ئۇزۇنلۇقى 325 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇرۇڭقاش دەرياسىيۇرۇڭقاش دەرياسى-خوتەن دىيارىدا ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان توختىماي شاۋقۇنلاپ ئېقىپ، خوتەن شەھىرى ۋە خوتەن، لوپ ناھىيەلىرىنى، قىسقىسى پۈتكۈل يۇرۇڭقاش ۋادىسىنى ئۆزىنىڭ ئابىھايات سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ خوتەننىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇپ، ياشنىتىپ كىلىۋاتقان بىر ئەزىم دەريا.

يۇرۇڭقاش دەرياسى تارىختا شاھ دەرياسى، قاشتېشى دەرياسى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، خوتەن دەرياسىنىڭ ئىككى تارمىقىنىڭ بىرى. ئۇ 

يۇرۇڭقاش دەرياسىكۇئىنلۇن تېغى سىستېمىسىدىكى مۇز تاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىمالىي شىزاڭ ئېگىزلىكى قارلىق چوققىلىرىنىڭ ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، ئادەتتە توڭغۇزلۇقنىڭ ئۈستىدىكى تەرىپى يۇقىرى ئېقىنى، توڭغۇزلۇقتىن خوتەن ناھىيەسى نىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى غىچە بولغان قىسمى ئوتتۇرا ئېقىنى، يېڭىئېرىق يېزىسىدىن قوشلاشقىچە بولغان قىسمى تۆۋەن ئېقىنى ھىساپلىنىدۇ. يۇرۇڭقاش دەريا مەنبەسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئېگىزلىكى 6000 مېتردىن ئاشىدىغان بىر قانچە تاغ چوققىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ ئېگىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7282 مېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريانىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 280 مىليون كۈپ مېتىر. ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلى 6-ئايدىن 8- ئايغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 513 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان پەسىللىك دەريا. 

يۇرۇڭقاش دەرياسىيېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا پايدىلىقلىقىنى، ئۆپكە، جىگەرنى ياشارتىپ، ئۆت ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە شىپا بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى ئولكىلىرىدە بازار تاپقان بولۇپ، نۆۋەتتە خوتەن خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قوتۇلۇشتىكى ئۈمىدى بوپقالماقتا.

يۇرۇڭقاش دەرياسى قوشلاش دېگەن جايدا قاراقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ، خوتەن دەرياسىنىڭ ئېقىنى شورتا دېگەن جايدا تارىم دەرياسى غا قويۇلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ خوتەن شەھىرى دىن يۇرۇڭقاش بازىرىغىچە بولغان ئارىلىقى كىشلەرنىڭ كۆڭۈللۈك سەيلىگاھى بولماقتا. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#