لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى
لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ئەسلى ئورنى بۇلۇپ، پىچان ناھىيەسى نىڭ لۈكچۈن بازىرى غا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ئەسلى ئورنى بۇلۇپ، پىچان ناھىيەسى نىڭ لۈكچۈن بازىرى غا جايلاشقان. بۇ شەھەر شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنىپ، لۈكچۈن دەپ ئاتالغان، شىنجاڭ دورغابى بەن يۇڭ مۇشۇ جايدا تۇرۇپ ئەسكەرلىرىگگ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن ۋە چىگرانى قوغدىغان. 16 پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئالدىنقى لىياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى جاڭ جۈن بۇ يەردە تىيەندى ناھىيەسىنى قۇرغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۈكچۈن ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەېرىدە لۈكچۈن شەھىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۈكچۈن ياكى ۋاڭ-غوجاملار شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يەر تۇرپان ئىنانچىسىنىڭ ئوردىسى ۋە ئىمىن غوجا جەمەتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ھېسابلىنىدۇ.
لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرىلۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئەممە شەكلىنى يەنىلا ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەكشى يۈزى ئۇزۇنچاق چاشا شەكىللىك بۇلۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ؛ غەربىي سېپىلنىڭ جەنۇبىي قىسمى ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغان. سېپىل خاڭداپ ياسالغان بۇلۇپ، ئېگىزلىكى 12 مېتىر، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 5 مېتىر، ئۇستىنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىرچە كېلىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىنانچى جەمەتى لۈكچۈن شەھىرىنىڭ غەربىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ يېڭى شەھەردىن بىرنى سالغان بۇلۇپ، قەدىكە شەھەرنىڭ غەرنىي تېمى يېڭى شەھەرنىڭ شەرقىي تېمى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىزناسى ھېلىمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا. ۋاڭ ئوردىسى يېڭى شەھەر ئىچىگە بىنا قىلىنغان؛ قەدىمكى شەھەرنىڭ غەربىي سېپىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ساراي سېلىنغان بۇلۇپ، سۇپا ئۇلى سېپىل بىلەن تەكشى چىقىرىلغان، ئۇ ھازىرمۇ بار بۇلۇپ، ۋاڭ سۇپىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.