مېۋە

ئۆسۈملۈكلەر ئىنسانلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ۋە مەززىلىك ھۆل مېۋە-چېۋىلەر، ساقلاشقا چىداملىق ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ھەر خىل قۇرۇق يەل-يېمىشلەر، يەنە «ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى مېۋە» دەپ نام ئالغان خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېۋە ئادەتتە مېۋە شۆپۈكى بىلەن ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىشقان مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىپ سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى ۋە ئىچكى مېۋە شۆپۈكىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇلنىڭ تىۋىت تۈكلۈك سىرتقى قەۋىتى سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرىسىدىكى شىرنىلىك گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى، مەركىزىدىكى قاتتىق ئۈچكىسى ئىچكى مېۋە شۆپۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى بولسا ئۇرۇقىدۇر. 

مېۋىلەر ئادەتتە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: يەنى بىر گۈلدە پەقەت بىر تاللا ئانىلىق بولۇپ بىرلا مېۋە ھاسىل قىلسا، ئۇ ئاددىي مېۋە دېيىلىدۇ؛ بىر گۈلدە نۇرغۇنلىغان ئايرىلىپ ئۆسكەن يەككە ئانىلىقلار بولسا ھەم ھەربىر ئانىلىق بىر ئاددىي مېۋە ھاسىل قىلىپ، ئوخشاش بىر غولغا توپلىشىپ ئۆسكەن بولسا، ئۇ توپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەن، نېلۇپەر، ئاق ماگنولىيە قاتارلىقلار؛ بەزى مېۋىلەر پۈتۈن گۈل رېتىدىن يېتىلىپ پىشىدۇ، بۇلار مۇرەككەپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئاناناس، ئەنجۈر، ئۈجمە(جۈجەم) قاتارلىقلار.

ئاددىي مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار گۆشلۈك، سۇلۇق ۋە شىرنىلىك كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم، پەمىدۇر، ئىبنوس(ھالۋابىدىت) قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى گۆشلەشكەن بولۇپ، يۇمشاق ھەم شىرنىلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزلۈكىدىن يېرىلىدىغان قاسىراقلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، باقىلە، كۆك پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۇلار پىشقان چاغدا دۈمبە-قورساق سىزىقىنى بويلاپ يېرىلىدۇ، بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزى قوش قانىتى بولغان قاناتلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، قارىياغاچ، زەرەڭ، لاپىن دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى. بۇ مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ئۇزىراپ ئۆسۈپ بىر جۈپ قاناتقا ئايلانغان بولۇپ، شامال كۈچىگە تايىنىپ لەپىلدەپ ئۇچىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇرۇقىنى تارقىتىدۇ. مېۋە مەركىزى تاشتەك قاتتىق ئۈچكىلىك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، شاپتۇل، ئۆرۈك، چىلان، ئالۇچا قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۆزلۈكىدىن پارتلاپ يېرىلىدىغان غوزەك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، سېمىزئوت، پاقىيوپۇرمىقى، خېنە قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسىدىكى ئۇرۇقلار شامالنىڭ تەۋرىتىشى بىلەن ئېتىپ چىقىرىلىدۇ ياكى پۈركۈپ چىقىرىلىدۇ.

مېۋىلەر يەنە ھەقىقىي مېۋە ۋە يالغان مېۋە دەپ بۆلۈنىدۇ. ئۇرۇقداندىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە ھەقىقىي مېۋە دېيىلىدۇ. باشقا قىسىملاردىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە يالغان مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت ۋە دولانا قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى. 

كۆپ ساندىكى مېۋىلەر مېۋە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا مېۋىلەيدۇ، لېكىن كاكائو دەرىخى، كارىكا دەرىخى(كۇلى بېھىسى) ، بولو دەرىخى(ئاتروكارپۇس دەرىخى) قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى بولسا ئاساسىي دەرەخ غولىدا مېۋىلەيدۇ؛ توغراق چىنار(جۇڭگو چىنارى) ، شىزاڭ خېلۋنگىيە چاتقىلى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى يوپۇرمىقىدا مېۋىلەيدۇ؛ خاسىڭنىڭ مېۋىسى بولسا يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. 

 راست مېۋە

بوتانىكىدا، گۈل تۈگۈنچىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن مېۋە راست مېۋە (ھەقىقىي مېۋە) دېيىلىدۇ، مەسىلەن، شاپتۇل، قارىئۆرۈك، ئالۇچا، ئۆرۈك قاتارلىقلار. بۇ خىل مېۋىلەرنى يېرىپ ئىككىگە بۆلگەندە شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت نېپىز پوستى بولۇپ، ئۇ سىرتقى مېۋە پوستى (مېۋە شۆپۈكى) دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئوتتۇرىسىدىكى قېلىن ھەم شىرنىلىك كەلگەن مېۋە ئېتى ئوتتۇرا پوستى دېيىلىدۇ؛ ئىچىدە بىر تال قاتتىق يادروسى بولۇپ، ئۇ ئىچكى مېۋە پوستى دېيىلىدۇ. يادروسىنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى مېۋىنىڭ ئۇرۇقىدۇر.

 يالغان مېۋە

 ئەگەر ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىى ئانىلىقتىكى گۈل تەگلىكى، گۈل يېپىنچىسى قاتارلىقلارنىڭ گۈل تۈگۈنچىكى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولسا، بۇ يالغان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئالما بىلەن نەشپۈتنىڭ مېۋىسى يالغان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئالما بىلەن نەشپۈتنىڭ مېۋىسى يالغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋە ئېتى گۈل تەگلىكى، ئانىلىقى ۋە گۈل يېپىنچىسىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ تەڭ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن.

راست ۋە يالغان مېۋىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

بىز بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن مېۋىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. گۈلنىڭ ئانىلىقى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى، ئاتىلىقى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقى، ئانىلىق بوينى قاتارلىقلار تۆكۈلۈپ، گۈل تۈگۈنچىكىلا قېلىپ قالىدۇ. ئارقىدىنلا گۈل تۈگۈنچىكى ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنى تەرەققىي قىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتاگۈل تۈگۈنچىكىمۇ چوڭىيىپ تەرەققىي قىلىپ راست مېۋىگە ئايلىنىدۇ.

يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى بىلەن ئۇرۇقىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاپتاپپەرەسنىڭ دانىچىسىنى ئۇرۇقى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ گۈل تۈگۈنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن مېۋە بولۇپ، بىز يەيدىغان مېغىزى-ئۇرۇقى، تۈكۈرۈۋېتىدىغان شاكىلى بولسا مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دېھقانلار شال، بۇغداي دېنى، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى ئۇرۇق دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ «ئۇرۇق» لارنىڭ ھەممىسى گۈل تۈگۈنچىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن راست مېۋە بولۇپ، بوتانىكىدا پوستلۇق مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. گىنكو يەنە ئاق مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئۇ ھەقىقىي ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇرۇق كۆتىكى يېپىنچىسىنىڭ بۆلۈنىشىدىن شەكىللەنگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#