شىگوبى بازىرى

شىگوبى بازىرى

شىگوبى بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى 36 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شىگوبى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 760 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西戈壁镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 11 مىڭ 800 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى xī gē bì zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

شىگوبى بازىرىشىگوبى بازىرى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى 36 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي دۇڭۋەن بازىرى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي بورتۈڭگى يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، شىمالىي 143-تۈەننىڭ 1-يىڭى بىلەن يانداش، جەنۇبىي تەڭرىتاغ تىزمىسى بىلەن خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى بىلەن كېسىشكەن. ئومۇمىي كۆلىمى 760 كۋادرات كىلومېتىر، جەنۇبى شىمالى تار، تەخمىنەن 76 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 10 كىلومېتىر. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 118 مىڭ مو، تاغلىق رايونلاردىكى ئورمان كۆلىمى 153 مىڭ مو، تەبىئىي ئوتلاق مىڭ 600 مو.

كىلىماتى

شىگوبى بازىرى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىگە تەۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەر شەكلى دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئوتتۇرا ئاسىيا تاغلىق ۋېرتىكال زوناسى ئىگە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1405 مېتىر، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ سوتكىلىق ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

شىگوبى كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جەنۇبىغا قارىغاندا سەل شىمالىغا جايلاشقان، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5.4-بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20، ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃14-~ ℃15-، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃3.9، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 185.5 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 160 ~ 190 كۈن ئەتراپىدا. تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئوزۇقلۇقى مول، شورلىشىشى يېنىك، دات كېسىلى، يىلتىز چىرىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنى بىر قەدەر يېنىك، تۇپرىقى ئەت تۇپراق.

شىگوبى بازىرى قارمىقىدا: شىسەنخۇ كەنتى، شىگېبىي كەنتى، ئاقتۇمشۇق كەنتى، بەيتەن كەنتى، جياساۋزا كەنتى، زىڭجياجاڭ كەنتى، لوجياجاڭ كەنتى، مياۋتەيزە كەنتى، بەيجەنتەيزە كەنتى، بىيسەن كەنتى، جىنخېپەن كەنتى، شوپىندى كەنتى، ئۇداۋگۇ كەنتى، يۇقارقى باجياخۇ كەنتى، ئەرسىڭتەيزە كەنتى، شىخېيەن كەنتى، شىياۋ پىڭيۇەن كەنتى، دۇسەن كەنتى، دۇڭسەن كەنتى قاتارلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

شىگوبى بازىرىتەۋەلىكىدە 19 مەمۇرىي كەنت بار، نوپۇسى 11 مىڭ 800 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، قازاق مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %53 نى، خەنزۇ لارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %41 نى ئىگەللىگەن.

شىگوبى بازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە 20 نۇقتىلىق كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىش يېزا-بازارلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەن، 2011-يىلى 11-ئايدا، ناھىيە بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان، جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى بىر ئىناۋەتلىك يېزا-بازار، قەرز پۇل كۆلىمى 2012-يىلىدىكى 49 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 2014 ـ يىلى 76 مىليون 420 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

شىگوبى بازىرى2014-يىلى، بازار بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 240 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2013-يىلىدىكى 130 مىليون يۈەندىن %4.62 ئاشقان، تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 76 مىليون 520 مىڭ يۈەن بولغان، كوللېكتىپ ئىگىلىك تېخىمۇ زورايغان، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليون 55 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ، %4.8 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10635 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى 9893 يۈەندىن  742 يۈەن كۆپەيگەن، ئېشىش نىسبىتى %7 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق كىرىمى 82 مىليون 397 مىڭ 300 يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ %33.9 نى ئىگەللىگەن، 2013-يىلىدىكىدىن 1 مىليون 880 مىڭ 600 يۈەن ئاشقان. پۈتۈن بازارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تىز بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#