گانا

گانا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىدىكى گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان دۆلەت، يەر مەيدانى 239 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى گانا جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى گانا
ۋاقىت رايونى UTC+0
دۆلەت شېئىرى تەڭرىم ساقلىسۇن بىزنىڭ يۇرتىمىز-گانا
سىياسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加纳
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى ئاككرا
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى
نوپۇسى 2740 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىدىكى گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان دۆلەت، يەر مەيدانى 239 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان. بۇ يەرنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولۇپ، نۇرغۇن دەريالار شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ گۋېنىيە قولتۇقىغا قيۇلىدۇ. گانانىڭ ئىقلىمى سۇبترپىك ساۋاننا ئىقلىمىغا، غەربىي جەنۇب قىسمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ساۋاننا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 800-1200 مىللىمېتىر كېلىدۇ، تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1200-2200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئورمان مەيدانى 80 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت يەر مەيدانىنىڭ %34 نى ئىگىلەيدۇ.

گانانىڭ ئاھالىسى 12 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئاسانىتى مىللىتى %44 نى، موشى-داگومبا مىللىتى % 16 نى، ئېۋى مىللىتى % 13 نى، گا-ئادەنگوبى مىللىتى % 9.7 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا (تەخمىنەن % 42.8)، قالغىنى ئىسلام دىنى (% 12)، ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ.

گانا 4-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە غەربىي ئافرىقىدا قۇرۇلغان گانا دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان. گانا دېگەن نام شۇ چاغدا ئولتۇراقلاشقان گانا قەبىلىسىنىڭ نامىغا بېرىلگەن. 13-ئەسىردىن باشلاپ بۇ جايدا ئاگىن، موشى خەلقلىرى شىمال ۋە جەنۇبىدا ئايرىم-ئايرىم دۆلەت قۇرغان.

1471-يىلى پورتوگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جايدا ئالتۇن بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ جايغا بېسىپ كىرىشكە باشلىغان ھەمدە بۇ جاينى «ئالتۇن قىرغاق» دەپ ئاتىغان.

1595-يىلىدىن كېيىن گوللاندىيە، ئەنگلىيىلىكلەر بۇ جايدا قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1844-يىلى گانانىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنى ئەنگلىيە ئىگىلىگەن. 1901-يىلى پۈتۈنلەي ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1957-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، دۆلەت نامىنى گانا دەپ بېكىتكەن. 1960-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گانا جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان، ئۇ ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى.

گانا ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 52% نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى % 60 تىن ئاشىدۇ، كاكائۇ، ياغاچ ماتېرىياللىرى، كان بايلىقى ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ، ئېكسپورتىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلە يدۇ. كاكائو ئۆستۈرۈش مەيدانى پۈتۈن تېرىلغۇ مەيدانىنىڭ % 35 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ مەھسۇلاتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن خاسىڭ، كىۋەز، ياغلىق پالما، كاۋچۇك، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن تېرىق، شال، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە كۆللەردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائەتتە كاكائو، يېمەك-ئىچمەك، ياغاچچىلىق سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاليۇمىن تاۋلاش، پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، سېمونت، توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، دورىگەرلىك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار.

ئۇنىڭ كانا سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئالتۇن، ئالماس مەھسۇلاتى جەھەتتە ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. گانا كاكائو، كان مەھسۇلاتلىرى، ئورمان مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل، ئىستېمال بۇيۇملىرى، يېقىلغۇ، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.

گانانىڭ تولۇق ئاتىلىشى «گانا جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. گانا نامى بۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئەمەس بولۇپ، ھەقىقىي نامى «ئاككار»، گانا سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى «جەڭگاھتىكى داھى»، «قوشۇن ئاتامانى» بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەت نامى. چۈنكى ئەرەبلەر پادىشاھىنىڭ ئىسمى ياكى نامىدا دۆلەت ياكى رايوننى ئاتاشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۇلار مۇشۇ گانا نامىنى ئاككار دۆلىتىنىڭ ۋاكالەت نامى سۈپىتىدە قوللانغان.

مىلادى تۆتىنچى ئەسىردە، قەدىمكى گانا پادىشاھلىقى سېنېگال ۋە نېگىر دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا (يەنى بۈگۈنكى مالى ۋە بوركىنافاسو) قۇرۇلغان.

13-ئەسىردە يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، بۇ دۆلەتنىڭ ئاھالىسى ئاستا-ئاستا جەنۇبقا يۆتكىلىپ، ھازىرقى گانا تەۋەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1471-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى بۇ جايغا تاقاۋۇز قىلىپ، گانا دېڭىز قىرغىقىدىن ئالتۇن كۆپ چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ، «ئالتۇن كان» دېگەن مەنىدە Mina دەپ ئاتىغان. كېيىن بۇ ئەتراپلار «ئالتۇن قىرغاق» دەپ ئاتالغان.

1897-يىلى ئەنگلىيە نىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1957-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى گانا مۇستەقىل بولۇپ، غەربىي ئافرىقا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان «گانا» نامىنى دۆلەت نامى قىلغان، 1960-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گانا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 239.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 15 مىليون 800 مىڭ. پايتەختى ئاككرا، پۇل بىرلىكى سېدى.

1471-يىلى، پورتۇگالىتىكلەر گاناغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئالتۇنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا ۋە قۇللارنى يۆتكەپ سېتىشقا باشلىغان. 1897-يىلى، گانا يەنە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، قالغان. 1957-يىلى مارتتا، گانا خەلقى ئىنكرومانىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىر قەدەر بۇرۇن مۇستەقىل بولغان دۆلەتكە ئايلانغان ئاجايىپ رىۋايەت تۈسكە ئىگە ئىنكروما قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭدىن ئىبارەت ئافرىقىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ ئۈچ خىل رەڭنى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاساسىي رېڭى قىلىپ، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا سىمۋول قلغان بەش بۇرجەكلىك بىر قارا يۇلتۇزنى قوشقان. بۇ لايھە كېيىن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى لايھىسىنىڭ ئەندىزىسىگە ئايلانغان. دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان باتۇر-ئەزىمەتلەر تۆككەن ئىسسىق قاننى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن، يېشىل رەڭ باياشات ماكان ۋە بۈك-باراقسان ئورمانلارنى بىلدۈرگەن، پارلاق سېرىق رەڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول قېزىلما بايلىقى بىلەن تەبىئىي بايلىققا سىمۋول قىلىنغان.

بىر كۆك قالقانسىمان بەلگە گان دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، يېشىل ساينىت گېئورگ كرېسىتى قالقاننى تۆتكە بۆلگەن، كرېسىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك شىر گانا بىلەن ئەنگلىيە فېدېراتىپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن. كرېسىتنىڭ ئۈستى قىسىمىغا گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان كالتا تاياق بىلەن قىلىچ ۋە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر قەلئەنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، گانا پادىشاھلىقىنىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە مۇقەددەس ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان؛ كرېسىتنىڭ ئاستى قىسىمىغا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق زىرائىتى-كوكو دەرىخى بىلەن قېزىلما بايلىقى-ئالتۇن سىزىلغان. قالقاننىڭ چوققىسىدىكى ئالتۇن قىرلىق قارا بەشيۇلتۇز مۇستەقىل ۋە ئەركىن ئافرىقا مىللەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىنغان؛ پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى شۇڭقار خەلقىنىڭ دۆلەت مەنپئەئىتىنى باتۇرانە قوغداشتەك ئەقىدىسىنى ئىپادىلىگەن. ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا گانا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇقەددەس بۇرچ-«ئەركىن ۋە ئادالەت» دېگەن خەت يېزىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#