بالىلار پىسخىكا تەربىيەسى

بالىلاردىكى پىسخىك تەربىيەسى

بالىلاردا قانداق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنى تەربىيلەۋاتقان ئاتا- ئانىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلاردىكى ئوي-خىيال، تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر ئوبراز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئوبراز بالىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بالىلار پىسخىكا تەربىيەسى
خەنزۇچە نامى 儿童心理教育

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلار پىسخىكا تەربىيەسىبالىلاردا قانداق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنى تەربىيلەۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلاردىكى ئوي-خىيال، تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر ئوبراز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئوبراز بالىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇكى، بالىلارنىڭ قانداق خۇي-پەيلىك بولۇشى، روھىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قانداق بولۇشى، كىشىلىك تۇرمۇش كۆز قارىشىنىڭ قانداق بولۇشى قاتارلىقلار بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاتا-ئانىلار بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.

پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نورمال ئەھۋالدا بالا ئالتە ئايدىن كېيىن ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىگە يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، ئىككى ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا دەسلەپكى قەدەمدە ئەخلاقىي ھېسسىيات پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، 5-6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىسخىكا تەربىيەسىنى قانچە بۇرۇن باشلىسا، بالىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق، بۇ دەۋرلەردە ئېلىپ بېرىدىغان پىسخىك تەربىيە بالىلارغا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.

بالىلار پىسخىكا تەربىيەسىپىسخىك تەربىيەسى ئېلىپ بارغاندا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

تىل تەرەققىياتى: بالىلار ئىككى ياش ئەتراپىدىن باشلاپ سۆزلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەلۇم ئوي-پىكىر ھېسسىياتنى چوڭلارغا ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىلار دىققىتىنى ئۆزلىرى دەۋاتقان گەپلەرنىڭ توغرا-خاتالىقى، سۆز مەزمۇنى ۋە ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلىرىگە قارىتىدۇ. 

كەيپىياتى جىددىي ۋە خىجىلچان بالىلاردا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن قورقۇش، ئۆزى دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇش سەۋەبىدىن، دېمەكچى بولغان ئو- پىكرىنى دېيەلمەسلىك، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «ئاقساقال» دەپ ئەيىبلىشىدىن قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا چوڭلار بالىلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ «ئاقساقاللىق قىلما، چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالمايدىغان، كىچىك بولغاندىنكىن ئاغزىڭنى يۇمۇپ جىم ئولتۇر» دەيدىغان گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ،  باشقىلارغا ئۆز ئوي-پىكرىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر

بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئىنتايىن ئاددىي ۋە يۈزەكى بولىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاددىيلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، يۈزەكىلىكتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ راۋاجلىنىدۇ. تۇرمۇش ۋە بىلىم تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن بالىلاردىكى تەپەككۇر ھەمىشە لوگىكىغا چۈشمەيدۇ، شۇڭا چوڭلار ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى

پىسخولوگىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەستە تۇتۇش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، 

بىرىنچىسى، مەقسەتسىز ئەستە تۇتۇش، يەنى ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولمىغان، ئىرادە تىرىشچانلىقى ھاجەتسىز بولغان ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلى؛ 

ئىككىنچىسى بولسا، مەقسەتلىك ئەستە تۇتۇش، يەنى مەلۇم شەيئىگە قارىتا ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولغان، ئىرادە جەھەتتە مەلۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلىدۇر.

كەيپىياتنىڭ تەرەققىياتى

بالىلار پىسخىكا تەربىيەسىبالىلارنىڭ كەيپىياتى بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كەيپىياتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، پەرق شۇ يەردىكى، كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كەيپىياتنى ئىپادىلەش جەھەتتىلا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت. بالىلاردىكى كەيپىيات بولسا تاشقى دۇنياغا مايىلراق كېلىدۇ، كونترول قىلىش نىسبەتەن تەسرەك، كەيپىيات ھەمىشە جۇشقۇن ۋە يۇقىرى پەللىدە تۇرىدۇ. شۇڭا بالىلار ئاسانلا يىغلايدۇ ياكى خۇشال بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىلاردا تاشقى دۇنيادىن كېلىدىغان قورقۇش ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى قورقۇش ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قورقۇتۇپ تەربىيەلەش بىر خىل ئاڭسىزلارچە ئۇسۇلدۇر، قورقۇتۇش مەلۇم مەزگىل ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىلەن، سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدە ئۇزۇن ۋاقىت ھەتتا مەڭگۈلۈك قورقۇنچلارنى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋاللار داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىگە تەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى جىسمانىي جەھەتتىمۇ بەزى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

خاراكتېر ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى

بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن ئالاقىسى قويۇقلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز-ئۆزىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. ئەمما بۇ خىل تونۇشى ئاسان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ باھاسى ياخشى بولسا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ بارىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، بالىلاردا قورۇنۇش، خىجىل بولۇش ۋە روھىي جەھەتتە ئازابلىنىش پىسخىكىلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزگە كىچىك مەسىلە بولۇپ تۇيۇلغىنى بىلەن، بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك، خوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئوينىغاندا بولسۇن ياكى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان چوڭراق پائالىيەتلەردە بولسۇن  ھەممىسى ئوخشاشلا بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرىدىغان ياخشى پۇرسىتى.

 ئەگەر مەلۇم پائالىيەتتە غەلبىگە ئېرىشكەن بولسا ياكى مەغلۇپ بولسا ئاتا-ئانا بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك، ئەگەر غەلبە قازانغان بولسا ئۇنىڭغا يەنە ئىلھام بېرىش، ھەرگىز كارى بولماي تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بالىلار ئەتراپ مۇھىتتىن تەقدىرلەشكە ئېرىشىشنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ھېچقانداق تەقدىرلەشكە ئېرىشەلمىسە تاشقى دۇنيادىن نارازى بولىدۇ-دە، كېيىنكى قېتىم يەنە غەلبىگە ئېرىشىشكە ئىنتىلمەيدۇ.

 بالىلاردىكى ئالامەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك، ئۇلارغا رەددىيە سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#