خۇرجۇن
خۇرجۇن-ئۇيغۇر لارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇرجۇن-ئۇيغۇر لارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى.
خۇرجۇن توقۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاق خۇرجۇن، گۈللۈك خۇرجۇن ۋە گىلەم خۇرجۇن؛ خام ماتېرىيالغا ئاساسەن پاختا يىپ خۇرجۇن، يۇڭ يىپ خۇرجۇن، ئارىلاشما يىپ خۇرجۇنغا بۆلىنىدۇ. خۇرجۇننى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن خالۋاپلار توقۇيدۇ. خۇرجۇن قىزىل، كۆك، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدۇ. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدۇ. ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە.
خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ، نەرسە-كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئېشەككە ئارتىپ ماڭسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ نەرسە - كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك. ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە-كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ئۇنىڭدا نەرسە-كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ.
خۇرجۇنغا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى، پاكىزلىق چۈشەنچىسى ۋە ئەخلاق ئېڭى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇرلار خۇرجۇننى ناھايىتى پاكىز ساقلايدۇ، ئىشلىتىپ بولۇپلا ئېگىزگە ئېسىپ قويىدۇ، دائىم يۇيۇپ تۇرىدۇ. خۇرجۇنغا كىيىم–كېچەك سېلىشقا بولمايدۇ. خۇرجۇن ناھايىتى چىداملىق تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، ياخشى توقۇلغان خۇرجۇننى نەچچە ئون يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئالاھىدە ھەۋەس قىلماقتا. دېمەك، خۇرجۇن ئادەتتىكى ئىستېمال بۇيۇمىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىۋاتىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا، ھازىر بىر قىسىم ئائىلىلەردە قىممەتلىك مىراس ۋە سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ساقلانماقتا. خۇرجۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، جۇغراپىيەلىك شارائىت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بۇلالايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.