يامبۇ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىشلىتىلگەن بىر خىل مېتال پۇلنىڭ نامى بولۇپ، كۈمۈشتىن قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ نامى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى پۇل نامى «元宝» دىن كەلگەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل پۇلنىڭ شەكلى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە ئوبوروت قىلىنغان «ياستۇق» نىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، گۇاڭشۈيخان زامانىدىن تارتىپ پەيدا بولغان، دەپ قارايدۇ.
ئەينى دەۋردە شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان يامبۇلار «تەڭنە شەكىللىك يامبۇ» ، «يۇمۇلاققا مايىل يامبۇ» ، «ئولتاڭ شەكىللىك يامبۇ» ، «ئات تويىقى شەكىللىك يامبۇ» دىن ئىبارەت تۆت خىل بولغان. ئېغىرلىقى 8.3 سەردىن 65 سەرگىچە بولغان. ھەر بىر سەر شنىجاڭ يامبۇسى 25 چارەك(ئەسلىدىكى كەمچەن) يەنى 40 جىڭدىن 60 جىڭغىچە ساپ بۇغداي بىلەن تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.