ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى − گېرمانىيىدىكى چوڭ تىپتىكى پەن تەتقىقات تەشكىلاتى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئابرۇيى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ زور ئاپتونومىيىلىك ئىلىم-پەن تەشكىلاتى.

ئۇيغۇرچە نامى ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى
چەتئەلچە نامى Max Planck Gesellschaft or Max Planck Society
تەۋە دۆلەت گېرمانىيە
خەنزۇچە نامى 马克斯·普朗克学会
قۇرۇلغان ۋاقتى 1948-يىلى 9-ئاي
باش شتابى ميۇنخېن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتىماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى − گېرمانىيىدىكى چوڭ تىپتىكى پەن تەتقىقات تەشكىلاتى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئابرۇيى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ زور ئاپتونومىيىلىك ئىلىم-پەن تەشكىلاتى. ئۇ 1911-يىلدىكى ۋىليام خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1948-يىل 9-ئايدا، ئىلمىي جەمئىيەت مەشھۇر فىزىك، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ماركس پلانكنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. باش شتابى ميۇنخېندا.

باھالاش ھەيئىتى

باھالاش ھەيئىتى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ مەركىزىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى بولۇپ، باھالاش ھەيئىتىدە دۆلەت، پەن ساھەسى ۋە جامائەت پىكرى ساھەسى ۋەكىللىرى باراۋەر ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ.

 ئىلىم ھەيئىتى

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلىم ھەيئىتى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئالىي ئىلىم ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇ مۇنداق ئۈچ ئىلىم يۇرتىغا ئايرىلغان: خىمىيە، فىزىكا، تېخنىكا پەنلىرى يۇرتى(16 تەتقىقات يۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، بىئولوگىيە، مېدىتسىنا يۇرتى(23 تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە گۇمانىتار پەنلەر يۇرتى(11 تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) . ئىلىم يۇرتى ئۆز قارىمىقىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا، باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىلىم-پەن سىياسەتلىرىگە تەكلىپ بېرىشكە، مەسىلەن، تەتقىقات ئورنى، ئىشخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئىلىم يۇرتىغا يېڭى ئەزا تەيىنلەش تەكلىپى بېرىشكە مەسئۇل.

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتىماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ %80 تىن كۆپرەك خىراجىتىنى ھۆكۈمەت تەمىنلىسىمۇ، كەسپىي جەھەتتىكى مەسلىھەتچىلىكنى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكى زاتلاردىن تەشكىللەنگەن مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بار بولۇپ، پەن تەتقىقات سىياسەتلىرىنى بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. ئىلمىي جەمئىيەتتە ھازىر 10 مىڭغا يېقىن تەتقىقاتچى بار، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئالىملار، يەنە 1000 چە چەت ئەللىك ئالىم بار. ئىلمىي جەمئىيەت ئىزچىل دۆلەت تەۋەلىكىنى نەزەرگە ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىق پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاۋاتىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#