مۈشۈكئېيىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى1.5 -1.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق بولۇپ، بېشى يۇمىلاق، قۇلىقى كىچىك، پۇت-قوللىرى توم، قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا كېلىدۇ. مۈرە، پۇت-قول، بۇرۇن ۋە قۇلىقى قارا بولغاندىن سىرت قالغان يەرلىرى ئاق رەڭلىك بولىدۇ، كۆزلىرى قارا چوڭ، كۆزىنىڭ ئەتراپى بولسا قارا ھالقىسىمان شەكلىدە. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئوماق بولۇپلا قالماي، ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنى ياخشى بېقىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە خىزمەت. شۇنىڭدا ئالدى بىلەن مۈشۈكئېيىقنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىگىلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقق كۆرستىپ، سۈنئىي بېقىش شارائىتى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىقا، يېمەكلىك، يېتىپ-قوپۇش شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ساغلام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مۈشۈكئېيىقنىڭ ئەۋلادى گۆشخور ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئوت-چۆپ يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان. بامبۇك ئۇنىڭ يېمەكلىكلىرىنىڭ 99 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ. ئۇ جۇڭگو بامبۇكىغا ئالاھىدە ئامراق. جۇڭگو بامبۇكى قەرەرللىك چېچەكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچەكلىگەندىن كېيىن قۇرۇپ قالىدۇ. يېڭى نوتىلار 20-30 يىلدا ئاران چوڭ بولىدۇ. ئەگەر مۈشۈكئېيىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى جۇڭگو بامبۇكى چېچەكلەپ قالسا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ-دە، ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ مىجەزى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنى بىقىش تەس بولۇپلا قالماي، كۆپەيتىش تېخىمۇ تەس. مۈشۈكئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپەيتىش ناھايىتى تەس ئىش، لېكىن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئوبدان بېقىش ئاچقۇچ. مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئاران بىر-ئىككىنى تۇغىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 90-150 گرام كېلىدۇ. ئادەتتە ئالتە-يەتتە ئايدىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ئوزۇقلىنالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەندىلا، مۈشۈكئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنۆۋەتتە مۈشۈكئېيىق ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قالدى. ھەمدە دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىردى.[0]
ھايۋانات باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىقنى كۆپەيتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟
ئەسلىدە، تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇزاق ياشىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە قانۇنىيىتى بولىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدىكى ئەھۋال ئۇنىڭكىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھەتتا ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيتىگە، بەدىنىدىكى ھەر قايىسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا، شۇنداقلا نورمال كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.