قۇمۇل چوڭ چىلىنى
قۇمۇل چوڭ چىلىنى ئاپتونۇم رايونىمىز قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارا دۆۋە ، راھەتباغ ، شەھەر ئىچى رايۇنلىرىغا تارقالغان ، 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇمۇل چوڭ چىلىنى ئاپتونۇم رايونىمىز قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارا دۆۋە ، راھەتباغ ، شەھەر ئىچى رايۇنلىرىغا تارقالغان ، 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . قۇمۇل چوڭ چىلىنى چىقىدىغان جاي شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى . قۇمۇل چوڭ چىلىنى 2000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە ، «قەدىمكى چىلان » دەپ قارىلىدۇ . قۇمۇل چوڭ چىلىنى ئىتى قېلىن ، تاشقى كۆرۈنۈش بېغىر رەڭ ، چىرايلىق پارقىراقلىققا ئىگە ، مەملىكەت بويىچە چىلان سورتىلىرى ئىچىدە داڭلىق بولغان مېۋە ، چىلاننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .
مېۋە دانىسى چوڭ ، سوقىچاق ، مېۋە يۈزى سىلىق ، يالتىراق ، ھۆل يەككە مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 17.6 گرام ، ئەڭ چوڭلىرى 33 -75 گرام كېلىدۇ . ئۇرۇقى كىچىك ، مېغىزى تويۇنمىغان ، مېغىز چىقىش نىسبىتى بەك تۆۋەن ، بىراق مېۋە سۈپىتى ياخشى. مېۋىسىنىڭ سۇ تەركىبىي تۆۋەن ، قۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ ، %65 كە يىتىدۇ . ساقلاش توشۇشقا چىداملىق .
ﺷﯩﻨﺠﺎڭنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق مىقدارى مول ، ھۆل - يېغىن ئاز ، تۇپراق سۈپىتى ئەلا . ئۆزىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك كىلىمات مۇھىتى ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيادىكى داڭلىق شىنجاڭ چىلىنى بولغان. شىنجاڭ قۇمۇل چىلىنىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى . شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىتى ۋە كىلىماتى چىلان دەرىخىگە دورا پۈركۈش ئاز ياكى دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش مىقدارىنى ئازلىتىدۇ ، بۇ شارائىت قۇمۇل چىلىنىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ياخشى بولغان يېتىشتۈرۈش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.
ئىستىمال قىممىتى
قۇمۇل چوڭ چىلىنىنى بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا ياكى قۇرۇتۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ، قۇرۇتۇش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلمىگەن تەبىئى يېشىل يىمەكلىك، يەيدىغان ۋاقىتتا پەقەت يۇيۋىتىپلا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ . قۇمۇل چوڭ چىلىنىنى يېمەكلىكلەرگە قۇشۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەسلەن: شوۋىگۈرۈچ ، ئۇماچ قىلغاندا بىر نەچچە تال چىلاننى سېلۋەتسە، شوۋىگۈرۈچ ۋە ئۇماچنىڭ تەمىنى مەززىلىك ھەم يىيىشلىك قىلىدۇ . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.