ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ سېھىرلىك ﻗﯘﻣﻠﯩﺮﻯ

 تۇرپان نىڭ سېھرىي كارامەتلىرى ئىچىدە قۇم ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۇرپان تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ئويمانلىق بولغاچقا، ئويمانلىققا چۈشكەن قۇياش نۇرى پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق ئاسانلىقچە تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯘﻣﻠﯩﺮﻯ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپاننىڭ سېھرىي كارامەتلىرى ئىچىدە قۇم ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۇرپان تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ئويمانلىق بولغاچقا، ئويمانلىققا چۈشكەن قۇياش نۇرى پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق ئاسانلىقچە تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. يازدا قۇياش نۇرى تۇرپاننىڭ ھاۋاسى، تۇپراق، قۇملىرىنى ئوتتەك قىزدۇرۇپ، كىشىگە خۇددى قىززىق تونۇر ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇنداق شارائىت تەبىئىي مۇنچىنىڭ، يەنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاشنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. تۇرپاندا بىر قەدەر مۇنتىزىم قۇم بىلەن داۋالاش ئورۇنلىرىدىن تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىغا جايلاشقان ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا قاراشلىق قۇم بىلەن داۋالاش مەركىزى، پىچان ناھىيەسى نىڭ لۈكچۈن بازىرى دىكى قۇم ساناتورىيىسى قاتارلىقلار بار. كىشىلەر يەنە ئىدىقۇت تېغىنىڭ بۆلەكلىرىدىكى ئۆزلىرىگە قۇلاي قۇملۇقلاردا قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىدۇ. بىر قىسىم سەيلىگاھ، ساياھەت نۇقتىللىرىمۇ سىرتتىن قۇم ئەكىلىپ، قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇ قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش ئورۇنلىرى داۋالاش قىممىتى، ئۆرۈپ-ئادەت ئالاھىدىلىكى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى بىلەن يەنە تۇرپان ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ مۇھىم قانات بولۇپ قالغان. 

پىچان دىكى قۇمتاغ سەيلىگاھى دۇنيادىكى بىردىنبىر بازار بىلەن تۇتۇشىپ تۇرىدىغان قۇملۇق بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپمۇ ھەيۋەتلىك قۇم بارخانلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى62 كىلومېتىر، كەڭلىكى40كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇمتاغنىڭ بازارغا يۈزلەنگەن شىمالىي باغرىدا بۇلاق سۇلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر ئېقىن ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئېقىن ئىدىقۇت تېغى تىزمىسىنىڭ باش قىسمى بىلەن قۇمتاغ ئوتتۇرسىدا شەكىللەنگەن جىلغىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ جىلغىدا بىر يېشىل ئورمان بەلبىغى بولۇپ، بۇ يەردىكى دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر قۇمنى تىزگىنلەش رولىنى ئويناپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ھەيۋەتلىك قۇمتاغ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئاجايىپ  جەلىپ قىلارلىق مەنزىرىنى، يېشىللىق بىلەن چۆللۈك ھاۋاسىنىڭ ئەڭ  يېقىن ئارلىقتىكى  سېلىشتۇرمىسىنى، قۇملىقتىن ئۆزگىچە قۇمتاغ سەيلىگاھىنى شەكىللەندۈرگەن. 

تۇرپان خەلقى ئۆز يېرىنىڭ خاس ھاۋا كېلىماتى، ئالاھىدە تەبىىي شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان بىر مۆجىزە. قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش بىر خىل فىزىكىلىق داۋالىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرقى مېدىتسسىنا ئىشلىرىدىكى توك بىلەن داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، قىزدۇرۇپ داۋالاش، نۇر بىلەن داۋالاشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. بۇ يەردىكى قۇمنىڭ ماگنىتلىق تەركىبى يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى يېتەرلىك بولۇپ، رېماتىزىم، بۇغۇم يەللىكى، سوزۇلما خارەكتېرلىك بەل-پۇت ئاغرىقى، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەلگە شىپا بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#