ليۇ باڭ

ليۇ باڭ

ليۇ باڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256 -−195-يىللار) جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى نى قۇرغان پادىشاھ بولۇپ، تارىختا خەن گاۋزۇ دەپ ئاتالغان، پېي(ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. چىن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ليۇ باڭ سىشۈي كەنتىنىڭ باشلىقى بولغان. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ليۇ باڭ شياۋخې، ساۋ سەن قاتارلىق دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، پېيشيەن ناھىيەسىنىڭ ئامبىلىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشىدۇ ھەمدە ئۆزىنى پېيگۇڭ دەپ ئاتايدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ باڭ
باشقا نامى پېيگۇڭ، 刘季
يۇرتى ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 195-يىلى
ياشىغا دەۋرى خەن سۇلالىسى
خەنزۇچە ئىسمى 刘邦
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى
كەسپى پادىشاھ، سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ باڭليۇ باڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256 −195-يىللار) جۇڭگو نىڭ خەن سۇلالىسى نى قۇرغان پادىشاھ بولۇپ، تارىختا خەن گاۋزۇ دەپ ئاتالغان، پېي (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. 

چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ليۇ باڭ سىشۈي كەنتىنىڭ باشلىقى بولغان. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ليۇ باڭ شياۋخې، ساۋ سەن قاتارلىق دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، پېيشيەن ناھىيەسىنىڭ ئامبىلىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشىدۇ ھەمدە ئۆزىنى پېيگۇڭ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قوشۇنىغا قىزىل بايراقنى بەلگە قىلىدۇ، قوشۇنىدىكىلەرنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ 2000 −3000 كىشىگە يېتىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 207-يىلى، ئۇ قوشۇن باشلاپ شيەنياڭغا ھۇجۇم قىلىپ، كېيىنكى يىلى شيەنياڭغا ئوڭۇشلۇق ھالدا كىرىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، گۇەنجۇڭدىكى ئاقساقال-مويسىپىتلارنى چاقىرىپ كېلىپ، جامائەت ئالدىدا چىن سۇلالىسى نىڭ قاتتىق جازا، ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، «قاتىللىق قىلغانلار قەتل قىلىنىدۇ، خەقنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلار ۋە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ» دېگەن سىياسەتنى جاكارلايدۇ، بۇ ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «ئۈچ يوسۇن» دۇر. ئاندىن كېيىن، ئۇ شيەنياڭغا قوشۇن تۇرغۇزۇپ، ئۆزى شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، شياڭ يۈمۇ چىن سۇلالىسى نىڭ سانغۇنى جاڭ خەننى مەغلۇپ قىلىپ، قوشۇن تارتىپ خەنگۇ قورۇلىدىن ئۆتۈپ، شىنفېڭ خۇڭمېن دېگەن يەرگە جايلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى قوشۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا 40 چاقىرىملا ئارىلىق قالىدۇ. شياڭ يۈ «زىياپەت راسلاپ» ليۇ باڭنى مېھمان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. ليۇ باڭ ئۆزىنىڭ شياڭ يۈ بىلەن جاھان تالىشىش خىيالى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ زىياپەتكە بارىدۇ. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «خۇڭمېن زىياپىتى» دۇر. زىياپەتتە ليۇ باڭ دانا مەسلىھەتچىسى جاڭ لياڭنىڭ ئەپچىللىك بىلەن يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن، شياڭ يۈ ئۆزىنى غەربىي چۇ بەگلىكىنىڭ ھاكىمبېگى دەپ ئاتاپ، ليۇ باڭغا خەن بېگى مەنسىپىنى بېرىدۇ. 

ليۇ باڭليۇ باڭ خەن بېگى بولغاندىن كېيىن، خەن شىننى باش سەركەردىلىككە تەيىنلەپ، گۇەنجۇڭ رايونىدىكى ئۈچ بەگلىكنى يوقىتىدۇ ھەمدە شياڭ يۈ بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ، ئىككى بەگلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش قوزغايدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز بولغاچقا، شياڭ يۈ تەرىپىدىن بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىنىدۇ. كېيىن، ئۇ شياڭ يۈگە قارشى بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، شياڭ يۈنى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ھالسىرىتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئامالسىز قالغان شياڭ يۈ چۇ بەگلىكى بىلەن خەن بەگلىكىنىڭ خۇڭگۇ جىلغىسى (قەدىمكى قانال) نى چېگرا قىلىشقا قوشۇلىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 202-يىلى، ليۇ باڭ شياڭ يۈنىڭ قوشۇن چېكىندۈرگەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گەيشيا دېگەن يەردە چۇ بەگلىكىنىڭ قوشۇنىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. كېچە بولغاندا، ئۇ ئەسكەرلىرىگە تەرەپ-تەرەپتە تۇرۇپ چۇ بەگلىكىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇنى ئاڭلىغان شياڭ يۈ خەن بەگلىكىنىڭ ئەسكەرلىرى مېنىڭ زېمىنىمنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىپ بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقىغا پايلىماي چېدىردا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، «ئامراق بانۇسىدىن ئايرىلىپ»، ئۆزىنى ۋۇجياڭ دەرياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ليۇ باڭ خەن سۇلالىسى نى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلىپ، ئۆزى پادىشاھ بولىدۇ، مانا بۇ دەل خەن گاۋزۇدۇر. 

ليۇ باڭ قۇرغان سۇلالە تارىختا غەربىي خەن سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، چىن سۇلالىسى نىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەن شىن، پېڭ يۆ، يىڭ بۇ قاتارلىق باشقا جەمەتتىن بولغان بەگلىكلەرنى يوقاتقان؛ «خەلققە ئاراملىق بېرىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان؛ ھونلار بىلەن قۇدىلىشىپ، ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغان؛ سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتكەن دېھقانلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلغان؛ نامراتلىق دەستىدىن قۇل بولۇپ كەتكەنلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن؛ يەر ئىجارىسىنى كېمەيتىپ، ھەر يىلى 15 تىن بىر ئۈلۈش يەر ئىجارىسى ئېلىشنى بەلگىلىگەن؛ ھاشارغا ئەۋەتىشنى ئازايتىپ، دېھقانلارنىڭ خاتىرجەم دېھقانچىلىق قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن. ليۇ باڭ يولغا قويغان بۇ سىياسەتلەر ئەمدىلا قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ۋېن جىڭ دەۋرىگىچە داۋاملاشقان، دۆلەت روناق تېپىپ، خەلق ئاسايىشلىققا ئېرىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#