باراك ئوباما

باراك ئوباما

ئوباما 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 44-نۆۋەتلىك ئامرىكا زۇڭتۇڭى.

ئىسمى باراك ئوباما
چەتئەلچە ئىسمى Barack Hussein Obama
دۆلەت تەۋەلىكى ئامرىكا
بوي ئىگىزلىكى 185 سانتىمىتىر
كەسپى سىياسىيون، ئادۋوكات، پرېزىدېنت
خەنزچە ئىسمى 贝拉克·奥巴马
تۇغۇلغان ۋاقتى 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى
قان تىپى AB
ئايالى مېچىل ۋارىن ئوباما
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باراك ئوباما

ئوباما 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى كىنىيەلىك، ئانىسى كانزاس ئىشتاتىدىن. ئۇلار ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان. دادىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئوبامانى ئانىسى كىچىكىدىن باشلاپ باققان. ئوباما ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا ئوباما ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيە دە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

تۆت يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كالىفورنىيە ئىشتاتى غەرب ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن. 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىي بويىچە باكالاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1985-يىلى ئۇ چىكاكوغا كېلىپ مەھەللە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1988-يىلى ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1991-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىكاكودىكى بىر ئادۇكاتخانىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

باراك ئوبامائوباما دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن، 1996-، 1998-، 2002-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2004-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا ئوباما قوشما شىتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، قوشما شىتاتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئۇ مۇنتىزىم قۇراللارنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە، قوشما شىتات فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئامما نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، سايلام ئالدامچىلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يادرو تېررورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ يەنە شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. 

2007-يىلى 2-ئايدا ئوباما پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە «ئىسلاھات» تېمىسى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيەدە ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باجنى ئازايتىش سىياسىتىنى توختىتىش، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەن ھەمدە پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارادا قايتىدىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 56-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پىرېزىدېنتقا ئايلانغان. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوباما رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

باراك ئوباما ۋە شىجىنپىڭ2009-يىلى10-ئاينىڭ 9-كۈنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 2009-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئوباماغا بېرىپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئارىسىدىكى ھەمكارلىق»نى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلىگەن.

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئوباما جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر يىل ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى.

ئوباما ۋە ئۇنىڭ بەختلىك ئائىلىسى

ئوباما 1992-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقدىشى مىچىل روبىنسۇن بىلەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى قىزى بار.

دادامدىن كەلگەن ئارزۇ ناملىق كىتاب

ئوبامانىڭ «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ »، «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» ناملىق ئەسەرلىرى بار. «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ » دېگەن ئەسەر ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىردىن چىققان. «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» 2006-يىلى نەشىردىن چىققان، ئاساسلىقى ئوبامانىڭ سىياسىي غايىسى ۋە كۆز قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#