قىزىلچا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قىزىلچا (خام دورا)
  2. قىزىلچا (كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى )
خام دورا

قىزىلچا

قىزىلچا

قىزىلچا بولسا ئۆسـۈملـۈك قىـزىلـچا بولۇپ  ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى قىزىلچا ،قەنت چامغۇرى ياكى چەقەندەر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.  بەدەننى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

 

ئۇيغۇرچە نامى قىزىلچا
ئەرەبچە نامى سىلىق
ئىنگلىزچە Beet Root
تەمى تاتلىق، پۇراقسىز
ۋاقتى كۈز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甜菜根
پارسچە نامى چەقەنىدەر
ئوردۇچە نامى چەكەندەر
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلچاقىزىلچا بولسا لويلا ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى20-60سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدىغان ئىكـكى يىـللىـق ياكـى كـۆپ يىـلـلـىـق سـامان غولـلـۇق ئۆسـۈملـۈك  قىـزىلـچا بولۇپ  ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى قىزىلچا ،قەنت چامغۇرى ياكى چەقەندەر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.يىلتىزى ئەتلىك توم، كۇنۇس شەكىللىك ياكى ئورچۇق شەكىلىك، سىرتقى پوستى سۆسۈنگە مايىل قىزىل ياكى سارغۇچ ئاق رەڭلىك كېلىدۇ. تەمى تاتلىق، پۇراقسىز،كۈزدە كولاپ ئېلىنىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىچىنى يۇمشىتىش،تېرىگە جۇلا بېرىش، ئىسسىق ياندۇرۇش، قان كۆپەيتىش، بەلغام بوشىتىش، پەينى چىڭىتىش، بەدەننى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئەكىس تەسىرى

 كۆپ ئىستېمال قىلسا ئىشتىھانى كېمەيتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

 1. ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش؛ 2. مەددە قۇرتىنى ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار.

تەركىبىدە قىزىلچا ئالكالوئىدى، قەنت (ئاساسلىقى قومۇش شېكىرى، گلوكوزا، مېۋە قەنتى ۋە چىگىت قەنتى، پېنتوزان، مېۋە يېلىمى، تالالىق ماددا، كراخمال)، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا، سودا ئېرىمەيدىغا ۋىتامىن قاتارلىقلار بار.

قىزىلچا1.قىزىلچىنى  گۆش بىلەن ياكى ئۆزىنى يالغۇز پىشۇرۇپ يېسە، ئوزۇق بولىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىدۇ.

2.قىزىلچىنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن باشنى يۇسا،باشنىڭ كېپەكلىشىشىنى يوقىتىدۇ ۋە پىتلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.

3.قىزىلچىنىڭ يوپۇرمىقىنى قايتا-قايتا قاينىتىپ پۇت- قوللارنى يۇسا، پۇت-قول يېرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ،ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.

4. چاچ ئۈندۈرۈش ۋە تېرىنى چىرايلىق، يۇمران قىلىش ئۈچۈن خېنە يوپۇرمىقىنى قىزىلچا بىلەن قوشۇپ ئېزىپ چاچقا سۈركىسە چاچقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. قىزىلچىنى سىركە ۋە قىچا بىلەن بەرسە،تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

6. يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەمرەتكە،سۆگەل،بەھەق،داغ ۋە سەپكۈنلەرگە چاپسا پايدا قىلىدۇ.

7. قىزىلچىنى بادام يېغى بىلەن قوشۇپ بېرىلسە،كۈچلۈك يەلدىن بولغان قولۇنجىغا پايدا قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

يىلتىزى

مىقدارى 

40گرام

تۈزەتكۈچىسى

چۈچۈمەل نەرسىلەر

ئورۇنباسارى

چامغۇر

قىزىلچا شەربىتى، قىزىلچا مۇرابباسى.

بۆرەك ۋە مەقئەت كېسەللىكلىرى، مۇپاسىل، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، لەقۋا، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش ئورنى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=347

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#