جىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى
جىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى چاپچال ناھىيەسى نىڭ بەش سۇمبۇل يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1895-يىلى ياسالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى شىنجاڭ نىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى بەشسۇمۇل كەنتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 14-يىلى ياسىلىشقا باشلىنىپ (1888-يىلى) گۇاڭشۈ 17-يىلى (1891-يىلى) پۈتكەن.
بۇ ئىبادەتخانا شىمالدىن جەنۇبقا قارايدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھازىرقى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8350 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1047.48 كۋادرات مېتىر. بۇ ئىبادەتخانا 12 يەككە ئىمارەتتىن تەركىب تاپقان، جوبېيسەن، ساڭرام قوۋۇقى، تۆت تەڭرىقۇت قەسىرى، ئىبادەتخانا، ئۈچ ئەۋلاد بۇددا نوملىرى ۋە باشقىلار. بۇ ئىبادەتخانا ئەتراپى ئىنتايىن ئېگىز قورشاۋ تام، ھويلا ئىچى كەڭ، ھەرقايسى قەسىرلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىدۇ، پۈتكۈل ئىمارەتلەرنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق، خىش ئويما، رەڭلىك سىزما قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت، بۇنىڭ ئىچىدە لاي ھەيكەل، خىش ئويما، رەڭلىك ياغاچ ئويمىنىڭ ئاپتورى ئىلانلىق شىبە ھۈنەرۋىنى. ئىمارەت بىر پۈتۈن شەرق، غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شەرقىي شىبە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان، غەربىي رايونى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىك بىناكارلىق تۈسىنى ئالغان.
بۇ ئىبادەتخانا 1990-يىلى 12-ئايدا 3-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن، 2006-يىلى 6-ئايدا 6- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بۇيىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10003/10003/10001/2006/761414.htm
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.