تېرەك ئورمان باغچىسى
تېرەك ئورمان باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى دە بۇلۇپ، باي سېمونت زاۋۇتى بىلەن تېرەك بازىرى نىڭ ئوتتۇرسى، قاپسىلاڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، باي ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 47 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرەك ئورمان باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى دە بۇلۇپ، باي سېمونت زاۋۇتى بىلەن تېرەك بازىرى نىڭ ئوتتۇرسى، قاپسىلاڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، باي ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 47 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي.
تېرەك ئورمان باغچىسى جۇغراپىيەلىك كوئوردېنات شەرقىي ئۇزۇنلۇقى ″39 ′29°81، شىمالىي پاراللېل ''56 ′58°41، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزىلىكى 1800 مېتىر. جىلغا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان، غەربىي تەرىپى ئېگىز، شەرقىي تەرىپى پەس. جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدىكى تاغ ئېگىز ئەمەس.
ئورمان بەلۋېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.0 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 0.5 كىلومېتىر. ئەتراپىدا قۇشۇمچە مىنېراللار، جىغان، ئاق قاڭالتىر، ئازغان قاتارلىق چاتقاللار بار. ئورمانلىقتا ھەر خىل ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن، ئوت-چۆپنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 8-20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. ئورمان رايونىدا بىلىنەر-بىلىنمەس ئەگرى-بۈگرى يوللار بار، مەنزىرىسى گۈزەل. ئىپتىدائىي تەبىئىي قىياپىتى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قېلىنغان. ئورمان رايونى غەربىي تېرەك ئارىشىڭى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، ئارىشاڭ رايونىدا كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش، تەتىل ئۆتكۈزۈش، ئارشاڭدا داۋالاش بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.