داپ

داپ _ دۇمباق چالغۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈرى، بىر خىل ئۇرما چالغۇ. ھەر قايسى جايلار، ھەر مىللەت نامىنىڭ ئوخشىماسىلىقى سەۋەبلىك ياساش ئۇسۇلىدا سەل پەرق بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىكى ئۇيغۇر داپلىرى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ داپ چالغۇلىرى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى داپ
چەتئەلچە نامى Tambourine ،dap
خەنزۇچە باشقا نامى 达卜 ،达甫
خەنزۇچە نامى 手鼓
چالغۇ تىپى ئۇرما چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داپدۇمباق ياپىلاق، دۇمباق رامكىسى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بەزىلىرى كۆپ قەۋەتلىك تاختاي ئارقىلىق قاقلاپ قۇرۇتۇلغان ئەگرى تۇراقلىق بولۇپ، دۇمباق ئېغىز دىئامېتىرىنى 19.5 سانتىمېتىر، دۇمباقنىڭ ئېگىزلىكى 3.5~4 سانتىمىتىرغىچە، ئىككى يۈزى كالا ياكى قوي تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. چوڭ دۇمباق ئېغىزى يۇمىلاق تۆمۈر چەمبەر ئۈستىگە ياسىلىدۇ، تۆمۈر ھالقىسى توم سىمدىن ياسالغان، دىئامېتىرى 21.5 سانتىمېتىر، ئىككى تۆمۈر ھالقا ئارىسىدا ئارغامچا ئورنۇتىلغان، ئۇ تۆمۈر ھالقا دۇمباق تېرىسىنى چىڭ تارتىپ چىڭىتىش رولىنى ئوينايدۇ. دۇمباق رامكىسى قىسقا ياغاچ ساپلىق، دەستە ئۇزۇنلۇقى 9 سانتىمېتىر، سېپىنىڭ دىئامېتىرى 2.6 سانتىمېتىر. داپنىڭ يۈزى سىلىق، پارقىراق، بېزەك ماددىلار يوق. 

 داپ — شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش بايراملىرىدا دائىم ئىشلىتىدىغان چالغۇ. 

داپ 1400-يىللار ئىلگىرى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى جەمئىيەتتىلا شەكىللەنگەن، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە داپ بىلەن بىللە غەربىي يۇرت ناخشىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرگەن. 1759-يىلىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار داپقا مۇزىكا كىرگۈزگەن. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بويان، داپ شىنجاڭ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق  خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابى. 

داپداپ دۇمباق چالغۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈرى، بىر خىل ئۇرما چالغۇ. ھەر قايسى جايلار، ھەر مىللەت نامىنىڭ ئوخشىماسىلىقى، ياساش ئۇسۇلىدا سەل پەرق بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىكى ئۇيغۇر دابلىرى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ داپ چالغۇلىرى بار.  

داپ ئىچىدە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ داپلىرى شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇرلاردا «ئۇسۇللۇق داپ» ياكى قىسقارتىپ «داپ» دەپ ئاتىلىدۇ. دۇمباق ياپىلاق يۇمىلاق ياكى سەككىز قىرلىق شەكىلدە، بىر يۈزلۈك ئىشەك تېرىسى، رامكىسى ئەتراپىدا بىر قانچە مىس ياكى تۆمۈردىن ياسالغان كىچىك مىس جاڭ بار. دىئامېتىرى 20–50 سانتىمېتىر.

ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى جەريانىدا، مىللەتلەرنىڭ داپ شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاۋاز تۈسى ناھايىتى مول، كەڭ مۇزىكا ئورۇندىغاندا ئەل ئىچى ناخشا-ئۇسسۇللىرى تەڭكەش قىلىنىدۇ. 

داپنى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە قېرى-ياش ھەممىسى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى چالغۇلارنى كوللېكتىپ چېلىش ۋە ناخشا تەڭكەش قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر چالغۇ، دائىم مۇزىكىغا باشلامچىلىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان چالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، ھەمدە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئاۋاز ۋە بىر تۇتاش رېتىملىق قوماندانلىق قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

داپداپ ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا تارقالغان بولغاچقا، ھەر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئورۇنلاش ئۇسلۇبى ۋە ئېقىمى شەكىللەنگەن. ئەنئەنىۋىي ئورۇنلاش ماھارىتىدە ئاساسلىقى دۇمباق يۈرەك تاۋۇشى، دۇمباق قوۋۇز تاۋۇشى، ئالىقان تاۋۇشى، ئاۋاز، سوقما ئاۋاز بىلەن ئوق ئاۋاز قاتارلىقلارنى چېلىشتىن چىققان يۇقىرى ئاۋازنىڭ توختىشىدىكى مول مۇزىكىلىق تىلى. 

ئۇيغۇرلار : مۇزىكا ئورۇندىغان چاغدا، ئىككى قولنى «يولۋاس ئېغىزى» ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، دۇمباق رامكىسىنى تۇتىدۇ قولىنىڭ باش بارمىقىدىن باشقا قالغان ھەممىسىدە دۇمباق چېلىنىدۇ. بارماق بىلەن چېلىنغان ئورۇنلار ئوخشاش بولمايدۇ، «دۇم» قىلغان ئاۋازدىن باشقا «تا» ئاۋازىنىمۇ چىقىرىدۇ، ئاۋاز تۈسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئىپادىلەش كۈچى ئىنتايىن مول. تەۋرەنمە دۇمباقتا كىچىك تۆمۈر ھالقىنىڭ سوقۇلۇشىدىن «شىر-شىر» ئاۋاز چىقىرىدۇ. 

ئۆزبېك : مۇزىكا ئورۇندىغان چاغدا، سول قولىدا ساپىنىنى تۇتۇپ، ئوڭ قول بىلەن دۇمباقنى چالىدۇ. 

ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۆزبېك مىللىتىدە داپنى ئادەتتە ئەرلەر چالىدۇ.

ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغىنى بولسا، تاجىك ىللىتىنىڭ داپ چېلىشى، ھەممىسى دېگۈدەك ئاياللار چالىدۇ، بۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان قېلىپ قالغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#