سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۆپكە، كانايچە ۋە كۆكرەك قەپىزىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ يۆتىلىش، بەلغەم تۆكۈرۈش، ھاسىراش، كۆكىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى
خەنزۇچە نامى 慢 性 肺 心 痛
كېسەللىك ئورنى ئۆپكە
ئاساسلىق ئالامىتى يۆتىلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، بەلغەم تۆكۈرىدۇ، قان تۆكۈرىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. كاناي ئۆپكە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

مەسىلەن: كانايچە كېڭىيىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە سىلى، زىققە، چاڭلىق ئۆپكە قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئۆپكە قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ، ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەرىكىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

مەسىلەن: ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياكى كۆكرەك قەپىزى ئېغىر غەيرىيلىكى، كۆكرەك پەردىسىنىڭ قېلىنلىشىشى، چاپلىشىپ قېلىشى، رېماتىزملىق ئومۇرتقا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى باسىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كانايچىلار ۋە ئۆپكە قان تومۇرى ئەگرى-بۈگرىلىشىپ، ئۆپكە قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، ئوڭ يۈرەك يۈكىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. ئۆپكە قان تومۇرلاردىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

مەسىلەن: قان شورىغۇچى پارازىت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ئىنچىكە ئارتېرىيە نېكروزلۇق ياللۇغى، ئۆپكە كىچىك ئارتېرىيە كەپلەشمىسى ۋە ئۆپكە ئىنچىكە ئارتېرىيىلىرى ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ، ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ، ئوڭ يۈرەك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

سوزۇلما خاراكتېرلىك  ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ سەۋەبى ئوخشاش بولمىسىمۇ كېسەللىك تەرەققىياتى ئوخشاش، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ ئوڭ يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن ئوڭ يۈرەك قېلىنلاش بىلەن ئاخىرىدا يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبى بولغان سوزۇلما كاناي ياللۇغىنى مىسالغا ئالساق، كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلانغاچقا، يەرلىك ئورۇندا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بەزلىرى ئۆسۈپ قېلىنلاپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىشى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنچىكە كانايچىلار تولۇقسىز توسۇلۇپ ھەرىكەتچان كلاپانلىق رولىنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەپەس ئالغاندا كانايچە كلاپان بوشلۇقى كېڭەيگەنلىكتىن، ھاۋا ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە كىرەلەيدۇ. نەپەس چىقارغاندا كانايچە كانال بوشلۇقى تارىيىپ، ھاۋا ئاسانلىق بىلەن سىرتقا چىقالماي ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئىچىدە تۇرۇپ قېلىپ، بېسىمى بارا-بارا ئېشىپ، ئاخىرىدا ئۆپكە پۈۋەكچىسى دىۋارى يېرىلىپ، ئۆزئارا بىرىكىپ، ئۆپكە چوڭ پۈۋەكچىسىنى پەيدا قىلىپ، نەتىجىدە سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ، ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. دەسلەپكى دەۋردىكى ئالامىتى:

يۆتىلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، بەلغەم تۆكۈرىدۇ، قان تۆكۈرىدۇ، ئۆپكىدىن ھۆل قۇرۇق خىرىپ ياكى سۇناي تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆكىرىش بولىدۇ. بامبۇك بوغۇسىمان بارماق شەكىللىنىدۇ. كۆكرەك شەكلى تۇڭ شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ. ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاجىزلايدۇ، ئاۋاز تىترەش تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ، ئۆپكە رايونىدا زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى كىچىكلەيدۇ، نەپەس چىقىرىش دەۋرى ئۇزىرايدۇ، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدىن ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ ياكى قىسقىرىش دەۋرىلىك شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ. ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان رايونىدىن قىسقىرىش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ. 

2. ئېغىرلاشقان دەۋردىكى ئالامەتلەر:

نەپەس خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ئالامەتلىرىدىن:

1) ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ. يۆتەل ئېغىرلىشىدۇ، سېرىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ، قىزىتما بولۇش بىلەن بىرگە يۈرەك سوقۇش تېزلىتىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، روشەن ھالدا كۆكىرىدۇ، مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باش قايىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ھەتتا ھوشسىزلىنىپ ئۆلۈش كېلىپ چىقىدۇ. 

2) كاربون (Ⅳ) ئوكسىد يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن باش قايىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ئۇيقۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئەس-ھوشى ئوچۇق بولمايدۇ ياكى ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. 

3) يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن يۈرەك سېلىش، ھاسىراش، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قورساق ئېسىلىپ ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، سۈيدۈك ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

3. بەدەن بەلگىلىرى:

ئېغىر دەرىجىدە كۆكىرىدۇ، بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، تال، جىگەر چوڭىيىدۇ، قورساققا سۇ چۈشىدۇ، ئۆپكە تېگىدىن ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ: ئېغىر بولغاندا يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى چوڭىيىدۇ، تۆش سۆڭەك سول تۆۋەنكى قىرى بىلەن خەنجەرسىمان ئۆسۈكچە ئەتراپىدىن قىسقىرىش دەۋرىلىك شامال پۈۋلىگەندەك شاۋقۇن ۋە ئېچىلىش دەۋرلىك تەكرار رېتىم ئاڭلىنىدۇ )بۇ  ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىشتىن، ئۈچ قاپقاقلىق كلاپاننىڭ نىسپىي خاراكتېرلىك تولۇق يېپىلماسلىقىدىن چىقىدۇ(. 

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

يۇقۇملىنىش، زىيادە چارچاش، تاماقنى كۆپ يېيىش، قان ئازلىق، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىقلار قوزغاتقۇچى ئامىل بولىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

يۈرەك سېلىش، ئېغىر دەرىجىدە ھاسىراش، كۆكىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، تال، جىگەر چوڭىيىش، قورساققا سۇ چۈشۈش، تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، ئۆپكە تېگىدىن ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىش، يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى چوڭىيىش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىش، بەزىدە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، كانايچە كېڭىيىش، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، چاڭلىق ئۆپكە، زىققە ۋە باشقا كۆكرەك قەپىزى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

 (1 رېنتگېندە تەكشۈرۈش: ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئۆپكىنىڭ سۈزۈكلىكى كۈچىيىش، قوۋۇرغا ئارىلىق بوشلۇقى كېڭىيىش، دىئاگرافنى تۈۋۈكلەپ ھەرىكەتچانلىقى كىچىكلەش قاتارلىقلار. ئوڭ ئۆپكە تۆۋەنكى ئارتېرىيە غولىنىڭ دىئامېتىرى 15مىللىمېتىردىن كىچىك ياكى تەڭ بولىدۇ، ئوڭ ئۆپكە تۆۋەنكى ئارتېرىيىسىنىڭ كۆندىلەڭ دىئامېتىرى بىلەن كانايچىلارنىڭ دىئامېتىرى ئېنىق، پەرقلىق بولىدۇ. ئۆپكە تۆۋەنكى ئارتېرىيە غولىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مىللىمېتىردىن چوڭ بولىدۇ. ئۆپكە ئارتېرىيە بۆلىكى ئوتتۇرا دەرىجىدە بوشىشىپ چىقىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئېگىزلىك دەرىجىسى ئۈچ مىللىمېتىردىن چوڭ بولىدۇ. مەركىزىي ئۆپكە ئارتېرىيىسى كېڭىيىپ، تاشقى دائىرىدىكى شاخچىلىرى ئىنچىكىلەپ، ئىككىسى ئېنىق سېلىشتۇرما بولىدۇ. كۇنۇسىمان قىسمى ئېنىق بوشىشىپ چىقىدۇ ياكى پرامىدا ئېگىزلىكى يەتتە مىللىمېتىردىن كىچىك ياكى تەڭ بولىدۇ. ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىدۇ. 

 (2 يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش: QRS دولقۇنىنىڭ ئېلېكتر بېسىمىدىكى ئۆزگىرىش 

[JY,2]V1R/S>1 \ RV1+SV5>1. 2mv. R1V1>1. 0mV

[JY,2]R aVR>0. 5mV \ V5r/S<1 ياكىR>Q 

rSR1 ياكى aR، R، Rs دولقۇنى QRS لاردىكى V3، V1 شەكىللەردىن بولۇشى مۇمكىن. ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا سىلجىغان بولۇپ، +110° دىن ئاشىدۇ. V1 دىكى T، A، 0. 03V سېكۇنتتىن يۇقىرى بولىدۇ. V1، V2 لەردىكى ST بۆلىكى تۆۋەنلەيدۇ. V1 دىكى T دولقۇنى تىك ياكى قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ. 

 (3 لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ھىموگلوبىن سانى كۆپىيىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە نىتروفىل ھۈجەيرىسى ئۆپكە قىسىم يۇقۇملانغاندا كۆپىيىدۇ.

1. رېماتىزملىق ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

رېماتىزملىق ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشتىن ئىلگىرى رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، 20 ياشلاردىكى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلۈش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان رايونىدىن ئېچىلىش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش ياكى مۈشۈك خىرقىرىغاندەك تاۋۇش ئاڭلىنىش، سول يۈرەك دالانچىسى كېڭىيىش، يۈرەك ئېلېكتر رەسىمدە ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تىپىدىكى P دولقۇن كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

2. تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىكى يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، ئۆپكە، كاناي، كۆكرەك قەپىزى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخ بولماسلىق، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىدا قېلىنلاش بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

3. تۇغما يۈرەك كېسىلىدىكى قېرىنچە ئارىلىق پاسىل كەمتۈكلۈكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

تۇغما يۈرەك كېسىلىدىكى قېرىنچە ئارىلىق پاسىل كەمتۈكلۈكىدە تۆش سۆڭەك تۆۋەنكى بۆلەك سول قىرىدىن قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش بىلەن بىرگە تىترەش سېزىمى بولۇش، ئەگەر يۈرەك خىزمىتى تولۇقسىزلىق بولسا ئۇنى تېزگىنلىگەندىن كېيىنمۇ شاۋقۇن داۋاملىق مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

2. يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

3. سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. لوئوقى بادام كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ لوئوقى سەرپىستان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، لوئوقى چىلغۇزا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30مىللىلىتىردىن؛ ھەببى غارىقۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~5 3 دانىدىن، ئەنسىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى زۇفا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ پەريادىرەس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ~50 30مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

ئەنسىل شەربىتى نۇسخىسى:

تەركىبى: تاغ پىيىزى (ئەنسىل) 100گرام، گاۋزىبان، غارىقۇن 30گرامدىن، قەدىرمانە 20گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 30گرام، زۇپا، پىرسىياۋشان 15گرامدىن، بەدىيان 21گرام، چىلان 30گرام، بادام مېغىزى 30گرام، ئەنجۈر 100گرام، ئۈزۈم (كىشمىش) 20گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئۈستقۇددۇس، خەشخەش ئۇرۇقى 30گرامدىن، قەنت 500گرام ئېلىپ، چالا سوقۇپ، ئۈچ لىتىر قايناق سۇغا سەككىز سائەت چىلاپ، قاينىتىپ دورا تىرىلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 

مەجۇنى زۇپا نۇسخىسى:

تەركىبى: زۇپا 48گرام، خەشخاش پوستى 40گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، رۇم بەدىيان 10گرامدىن، زىرە، قىزىلگۈل 8 گرامدىن، شۇمشا ئۇرۇقى 10گرام، نىشاستە 8 گرام، بەدىيان يىلتىزى 10گرامدىن، غارىيقۇن 16گرام، نېلۇپەر 8 گرامدىن، گاۋزىبان ھىندى، سەمغى ئەرەبى 10گرامدىن، سەرپىستان 8 گرام، ئىزخىر، سۇمبۇل 16گرامدىن، ھەسەل، قەنت 400گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل ۋە قەنتنى قىيام قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 

چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 100گرام، قىزىلگۈل 36گرام، ئىزخىر 30گرام، كىشمىش 30گرام، بىنەپشە 10گرام، بادام مېغىزى 20گرام، شېكەردىن 200گرام ئېلىپ، چالا سوقۇپ، بىر لىتىر سۇغا چىلاپ قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا  50~30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 

سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 

خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا  100~80مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىتئۈزۈمى، بىنەپشە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، بادرەنجى بۇيا، بالەنگۇ، سۇمبۇل، رەيھان، بەسباسە، لاچىندانە، گاۋزىبان قاتارلىقلارنى 10گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ بېرىلىدۇ. 

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىم 10مىللىلىتىردىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، تۇزلۇق، يەل پەيدا قىلغۇچى، مايلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، كەكلىك گۆشى، كىيىك گۆشى، مائۇللەھىمى، ئۈگرە، شويلا، يۇمغاقسۈت، چامغۇر، پالەك، ئالما، ئانار، نەشپۈت قاتارلىقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن، ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە چاڭ-توزانلىق مۇھىتتا تۇرۇشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش كېرەك.[0]

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئوڭ يۈرەك زەئىپلىشىش، ھەتتا پۈتۈن يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=781

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=781

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#