ئېۋېنكې مىللىتى

ئېۋېنكې مىللىتى

ئېۋېنكې تونگۇس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «ئېگىز تاغلار، بۈك-باراقسان ئورمانلاردا ياشايدىغانلار» دېگەن مەنىدە. ئېۋېنكې مىللىتى ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ يەتتە خوشۇنى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ناخې ناھىيىسىگە تارالغان بولۇپ، موڭغۇللار، داغۇرلار، خەنزۇلار ۋە ئېلۇنچۈن مىللىتى بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېۋېنكې مىللىتى
نوپۇسى 30000
تىلى ئېۋېنكې تىلى
خەنزۇچە نامى 鄂温克族
ئېتقاد قىلىدىغان دىنى شامان دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېۋېنكې مىللىتىئېۋېنكې تونگۇس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «ئېگىز تاغلار، بۈك-باراقسان ئورمانلاردا ياشايدىغانلار» دېگەن مەنىدە. ئېۋېنكې مىللىتى ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ يەتتە خوشۇنى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ناخې ناھىيىسىگە تارالغان بولۇپ، موڭغۇللار، داغۇرلار، خەنزۇلار ۋە ئېلۇنچۈن مىللىتى بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ ئوخشاشمايدۇ.

ئېۋېنكې مىللىتىئېۋېنكې ئاپتونومىيە خوشۇنى ۋە چېنبارخۇ خوشۇنىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئېۋېنكې مىللىتى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 4—5 ئائىلە ياكى 10 نەچچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار كىچىك ئائىلىلەر چارۋا باقىدىغان كىچىك گۇرۇپپا «نېمۇر» بولۇپ تەشكىللىنىدۇ، چېدىردا ئولتۇرىدۇ، سۇ ۋە ئوتلاق قوغلىشىپ كۆچىدۇ. ئوغۇللار كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ موزايلارغا قارايدۇ، ئات مىنىشنى ئۆگىنىدۇ. قىزلار سۈت سېغىشنى ئۆگىنىدۇ. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلار «مېكولې» بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. كىشىلەر ئوچۇق رەڭلىك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىپ، بىر يەرگە يىغىلىپ، مال سويۇپ، مالغا بەلگە سالىدۇ، قىزلار ئالقىش ياڭرىتىدۇ. يىگىتلەر ئاتنى ئېگەرلەيدۇ ۋە كۆندۈرىدۇ. ھەربىر ئۆيلەردە ھاراق، گۆشلەر تەييارلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆيمۇ ئۆي بېرىپ مېھمان بولىدۇ. 

بۇتچان ۋە ئاروڭ خوشۇنىدىكى ئېۋېنكې مىللىتى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇنداقلا دەرەخ كېسىش ۋە چوڭ چاقلىق ھارۋا ياساش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئېرغۇنا خوشۇنىدىكى ئېۋېنكې مىللىتى ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلار بۇغىنى كۆندۈرۈپ، كۆندۈرۈلگەن بۇغا بىلەن نەرسە-كېرەك توشۇيدۇ ۋە ئۆي كۆچىدۇ. شۇڭا، ئۇلار «كۆندۈرۈلگەن بۇغا ئىشلىتىدىغان ئېۋېنكېلار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوۋچىلار تىمەن ۋە ساغلام، ئۇلار ئات مىنىش، قار تېيىلىشقا ماھىر، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە پىششىق بولۇپ، ھەممىسى ماھىر مەرگەنلەردۇر. ئوۋچىلىققا چىققاندا دائىم بىرنەچچە كىشى بىر توپ بولۇپ چىقىدۇ. ئوۋچىلار ئورماندىكى نەرسە-كېرەك ساقلايدىغان ئامبارنى ئەزەلدىن قۇلۇپلىمايدۇ. ئامباردىكى نەرسىلەرنى باشقا ئوۋچىلارمۇ خالىغانچە ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىپ بولۇپ ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. 

ئېۋېنكې مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

 قاتتىق بولغان قانداشلىقى يوق جەمەت بىلەن نىكاھلىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېۋېنكې مىللىتىمۇ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرۈشكە ئۆتتى. پىنھان چارۋىچىلىق كەنتىدە، تىمتاس كېچىدە بىر قىز چېدىردىن ئاستا چىقىپ، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان يىگىتنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئىككىيلەن بىرلىكتە يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان ساتمىغا كىردى، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان موماي قىزنىڭ سەككىز تال ئۆرۈم چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوغۇل تەرەپ ئىككى كىشىنى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا «ھارغىچە» خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. چىنھارفۇ خوشۇنىدىكى ئېۋېنكىلار ئارىسىدا بۇ خىل قېچىپ كېتىپ توي قىلىدىغان ئەركىن نىكاھ ھازىرغىچە ساقلانماقتا. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#