ماش

ماش ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ياخشى ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياخشى دورىلىق قىممىتىگىمۇ ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ماش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 绿豆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماش ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ياخشى ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياخشى دورىلىق قىممىتىگىمۇ ئىگە. ماشنىڭ پىشقان دېنى تولغان، قۇرۇق ھەم قاتتىق، يۇمىلاق چاسا شەكىلدە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سارغۇچ يېشىل رەڭ ياكى توق يېشىل رەڭدە، پارقىراق، تەمى تاتلىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.

ماش _ ئاق ماش، قىزىل ماش ۋە كۆك ماش دىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

ھەر 100 گرام ماشنىڭ تەركىبىدە 22 گرام ئاقسىل، 0.8 گرام ماي، 59 گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 49 مىللىگرام كالتسىي، 268 مىللىگرام فوسفور، 3.2 مىللىگرام تۆمۈر، ئاز مىقداردا كاروتىن، تىئانىن، ۋىتامىن B2، نىكوتىن قاتارلىقلار بار.

كۆك ماشنىڭ ھەر 100 گرامىدىن 332 كىلوكالورىيە، قىزىل ماشتىن 319 كىلوكالورىيە، ماش ئۈندۈرمىسىدىن 30 كىلوكالورىيە، قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھارارەت ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەپ، قىزىتمىنى چۈشۈرىدۇ، ياللۇغ ۋە زەھەر قايتۇرىدۇ، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

1. ماشنى سۇدا پىشۇرۇپ ماش شورپىسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتا كۆڭلى ئىلىشىش ۋە گال قۇرۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ماشنى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، دورا ئۆسۈملۈكتىن زەھەرلىنىش، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋە كۆمۈر گازى قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە جىددىي ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردىكى ماشنى پىشۇرۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، بادام مېغىزى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. ماشنى قاينىتىپ، سامساقتىن ئىككى دانە قوشۇپ شورپا قىلىپ بەرسە، زۇكامغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. مۇۋاپىق مىقداردىكى ماشنى يۇمشاق ئېزىپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ، سەپكۈن، ئاقكېسەل ۋە بوۋاسىرغا چېپىپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. ماش ئۇنىدىن 30 گرام، داغۇر داڭگۇي تالقىنىدىن 15 گرام ئېلىپ، بىر دانە تۇخۇمنىڭ ئېقىغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ بەرسە، دانىخورەك ۋە داغنى يوقىتىپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. ماشنى ھەددىدىن زىيادە ئېزىلدۈرۈپ پىشۇرۋەتسە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

2. ماشنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، سوغۇق مىزاج كىشىلەر، ياشانغانلار، بالىلار، تېنى ئاجىزلار، قۇۋۋەت دورىسى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار ۋە تال، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

3. ماش كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىكى زىرە ياكى زەنجىۋىل قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا، زىيانلىق تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

1. ماشنى ساقلاش ئاسان، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلاشقا بولىدۇ.

2. ماشنى قايناق سۇغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا يېيىپ قۇرۇتۇپ ساقلىسا، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى ۋە قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#