مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى 1982–يىلى 11–ئاينىڭ 19–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1982–يىلى 11–ئاينىڭ 19–كۈنى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó wén wù bǎo hù fǎ
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国文物保护法
ماقۇللانغان ۋاقتى 1982–يىلى 11–ئاينىڭ 19–كۈنى
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى 1982–يىلى 11–ئاينىڭ 19–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (5–نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى) قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

1982–يىلى 11–ئاينىڭ 19–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1991–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 – يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى)نىڭ 30–، 31– ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن، 2002–يىلى 10–ئاينىڭ 28– كۈنى 9– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013– يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى)قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 3-قېتىم تۈزىتىلگەن.

 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە، تۆۋەندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت قوغدايدۇ:

(1) تارىخىي، بەدىئىي، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، قەدىمىي قەبرىلەر، قەدىمىي ئىمارەتلەر، تاشغار ئىبادەتخانا ۋە تاش ئويمىلار، تام رەسىملىرى؛

(2) زور تارىخىي ۋەقەلەر، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر ياكى مەشھۇر شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە مۇھىم خاتىرە ئەھمىيىتىگە، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ياكى تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى مۇھىم يادىكارلىقلار، بۇيۇملار، ۋەكىل ئىمارەتلەر؛

(3) تارىختىكى ھەر قايسى دەۋرلەرگە خاس قىممەتلىك بەدىئىي ئەسەرلەر، ھۈنەر–سەنئەت بۇيۇملىرى؛

(4) تارىختىكى ھەر قايسى دەۋرلەرگە خاس مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىياللار ۋە تارىخىي، بەدىئىي، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قوليازمىلار ۋە كىتاب–ماتېرىياللار؛

(5) تارىختىكى ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋەكىل بۇيۇملار.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تۈزىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي ئومۇرتقىلىق ھايۋان تاشقاتمىسى ۋە قەدىمىي ئادەم تاش قاتمىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىمۇ ئوخشاش دۆلەت قوغدايدۇ.

3–ماددا قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزناسى، قەدىمىي قەبرە، قەدىمىي ئىمارەت، تاشغار ئىبادەتخانا، تاش ئويما، تام رەسىم، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا خاس مۇھىم تارىخىي يادىكارلىق ۋە ۋەكىل ئىمارەت قاتارلىق يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارىخىي، بەدىئىي، ئىلمىي قىممىتىگە قاراپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

تارىختىكى ھەر قايسى دەۋرلەرگە خاس مۇھىم بۇيۇم، بەدىئىي ئەسەر، ھۆججەت، قوليازما، كىتاب – ماتېرىيال، ۋەكىل بۇيۇم قاتارلىق يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئادەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئايرىلىدۇ؛ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى 1-، 2–، 3– دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئايرىلىدۇ.

4–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى خىزمىتىدە قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1–ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.

5–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى يەر ئاستىدىكى، ئىچكى دەريا–كۆللەردىكى، دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ.

قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، قەدىمىي قەبرىلەر، تاشغار ئىبادەتخانىلار دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ. دۆلەت قوغداشنى بېكىتكەن خاتىرە ئىمارەت، قەدىمىي ئىمارەت، تاش ئويما، تام رەسىم، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا خاس ۋەكىل ئىمارەت قاتارلىق يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن دۆلەت ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىرىدىن باشقىلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.

يۆتكىگىلى بولىدىغان تۆۋەندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ:

(1) جۇڭگو تەۋەسىدە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلايدىغان ئورۇنلار ھەمدە باشقا دۆلەت ئورگانلىرى، قىسىملار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار يىغىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى؛

(3) دۆلەت توپلىغان، سېتىۋالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى؛

(4) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتكە ئىئانە قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى؛

(5) قانۇندا دۆلەت ئىلكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مەدەنىيەت يادىكارلىقى.

دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ساقلاش، يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ يوقىلىشى ياكى ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا دەخلى – تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

6–ماددا كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلكىدىكى خاتىرە ئىمارەت، قەدىمىي ئىمارەت ۋە ئاتا مىراس مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەمدە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن باشقا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىگىسى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا دائىر قانۇن، نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت.

7–ماددا بارلىق ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

8–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

9–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

ئاساسىي قۇرۇلۇش، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمىتى فاڭجېنىغا رىئايە قىلىش شەرت، بۇنداق پائالىيەتلەردە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، تاموژنا، شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلىشى لازىم.

10–ماددا دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن مالىيەدىن ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان پۇلنى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا قاراپ ئاشۇرىدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، خاتىرە ساراي، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارلىقلارنىڭ كەسپىي كىرىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت ئىئانە قاتارلىق شەكىل بىلەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئىجتىمائىي فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، بۇ فوند مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

11–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى قايتا پەيدا بولمايدىغان مەدەنىيەت بايلىقى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

12–ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى دۆلەت مەنىۋى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرىدۇ ياكى ماددىي مۇكاپاتلايدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشقا دائىر قانۇن–نىزاملارنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلغان، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛

(2) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشتا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغانلار؛

(3) ئۆزى ساقلاۋاتقان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى دۆلەتكە تەقدىم قىلغان ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغانلار؛

(4) بايقىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ ياكى تاپشۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداپ قالغانلار؛

(5) ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشقانلار؛

(6) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش پەن–تېخنىكىسى جەھەتتە مۇھىم كەشپىيات، ئىجادىيەت ياراتقانلار ياكى باشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلار؛

(7) مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇزغۇنچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇنى قۇتقۇزۇپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر؛

(8) مەدەنىيەت يادىكارلىقى خىزمىتى بىلەن ئۇزاق شۇغۇللىنىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار.

2–باب يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى

13–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىن مۇھىم تارىخىي، بەدىئىي، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىرىنى تاللاپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىدۇ ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى بىۋاسىتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلىنمىغان ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تىزىملايدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

14–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئالاھىدە كۆپ ساقلانغان ھەمدە زور تارىخىي قىممەتكە ياكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە شەھەرلەرنى گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى دەپ ئېلان قىلىدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئالاھىدە كۆپ ساقلانغان ھەم زور تارىخىي قىممەتكە ياكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە بازار، كوچا، كەنتلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، كەنتى دەپ ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، كەنتى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى ۋە مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، كەنتىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ئۇنى شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى ۋە مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، كەنتىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.

15–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ تېگىشلىك قوغدىلىش دائىرىسىنى بېكىتىپ، چۈشەندۈرۈش تاختىسى ئورنىتىدۇ، خاتىرە ئارخىپى تۇرغۇزىدۇ ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ، باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئاپپارات قۇرىدۇ ياكى مەخسۇس ئادەم قويىدۇ. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىنى ۋە خاتىرە ئارخىپىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش تەلىپىگە ئاساسەن، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كونكرېت قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى لازىم.

16–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاۋۋال شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداش تەدبىرىنى بېكىتىشى ۋە ئۇنى يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈشى لازىم.

17–ماددا قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە باشقا قۇرۇلۇش قىلىش ياكى پارتلىتىش، بۇرغىلاش، قېزىش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە باشقا قۇرۇلۇش قىلىشقا ياكى پارتلىتىش، بۇرغىلاش، قېزىش مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قوغدىلىدىغان شۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى بېكىتىپ ئېلان قىلغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت، تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە باشقا قۇرۇلۇش قىلىش ياكى پارتلىتىش، بۇرغىلاش، قېزىش مەشغۇلاتى قىلىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت، تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

18–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئەتراپىدىكى مەلۇم دائىرىنى قۇرۇلۇش كونترول دائىرىسى قىلىپ ئايرىشقا ھەمدە ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش كونترول دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلغاندا، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى بۇزۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارمىقىغا تەستىقلىتىش لازىم.

19–ماددا قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسى ۋە قۇرۇلۇش كونترول دائىرىسىدە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى بۇلغايدىغان ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقان ئەسلىھەلەرنى سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

20–ماددا قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللاشتا، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن ئىمكانقەدەر چەتلەش كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن چەتلىگىلى بولمىسا، قوغدىلىدىغان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى ئىمكانقەدەر ئۆز ئورنىدا قوغداش كېرەك.

ئۆز ئورنىدا قوغداشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن قوغداش تەدبىرلىرىنى بېكىتىشى، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ مۇناسىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە قوغداش تەدبىرىنى مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى ياكى لايىھەلەش ۋەزىپىنامىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئۆز ئورنىدا قوغداشقا ئامال بولماي، باشقا جايغا يۆتكەشكە ياكى چېقىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك؛ ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى يۆتكەش ياكى چېقىشقا توغرا كەلسە، تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى چېقىشقا بولمايدۇ؛ يۆتكەشكە توغرا كەلگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى شەرت.

يۆتكىگىلى بولمايدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ساقلاش قىممىتىگە ئىگە تام رەسىم، ھەيكەل، ئىمارەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە چېقىشقا توغرا كەلسە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ساقلايدۇ.

بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز ئورنىدا قوغداش، يۆتكەش، چېقىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ.

21–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا پايدىلانغۇچىلار مەسئۇل بولىدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئىگىدارلىق قىلغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇزۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ رېمونت قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، شۇجايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياردەم بېرىشى لازىم؛ ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ رېمونت قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇپ، رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى رەت قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە رېمونت قىلىدۇ، خىراجىتىنى ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى رېمونت قىلىشتا، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، مۇناسىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن ئورۇنلاردىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىشتا، ئۇنى تىزىمغا ئالغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش لازىم.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى رېمونت قىلىش، كۆچۈرۈش، قايتا ياساشنى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇش ساپانامىسى ئالغان ئورۇن ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، كۆچۈرۈشتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت.

22–ماددا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەنلىرىنىڭ ئىزناسىنى قوغداش كېرەك، ئەسلىي ئورنىدا قايتىدىن ياساشقا بولمايدۇ. لېكىن ئالاھىدە ئەھۋالدا ئەسلىي ئورنىدا قايتا ياساشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ؛ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىن ئەسلىي ئورنىدا قايتا قۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

23–ماددا قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى خاتىرە ئىمارەت ياكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى مۇزېي، ساقلاش ئورنى ياكى ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت ئورنى قىلىشتىن تاشقىرى، باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇنلار شۇ ئورۇننى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ ئورۇننى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك؛ ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى شۇ ئورۇننى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك؛ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

24–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. مۇزېي، ساقلاش ئورنى ياكى ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت سورۇنى قىلىنغان دۆلەت ئىلكىدىكى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى كارخانا مۈلكى ئورنىدا تىجارەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

25–ماددا دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، مۇناسىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

26–ماددا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن پايدىلىنىشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئىمارەتنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇش شەرت. يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بۇزۇۋېتىشكە، ئۆزگەرتىشكە، كۆپەيتىشكە ياكى چېقىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئۇنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇنداق ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى چېقىۋېتىشى لازىم.

3-باب ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش

27–ماددا بارلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىدە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش شەرت؛ ئارخېئولوگىيەلىك قازغۇچى ئورۇنلارنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆز مەيلىچە قېزىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28–ماددا ئارخېئولوگىيەلىك قازغۇچى ئورۇنلار پەن تەتقىقات ئۈچۈن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، قېزىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك؛ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلاشتىن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، باشقا پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

29–ماددا چوڭ–چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغۇچى ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان دائىرىدە كۆمۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇش ئېھتىمالى بولغان جايلارنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، چارلاشقا تەكلىپ قىلىشى لازىم.

ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، چارلاش جەريانىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى بايقالغان بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش تەلىپىگە ئاساسەن، قوغداش تەدبىرلىرىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ؛ مۇھىم نەرسە بايقالسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىدۇ.

30–ماددا قۇرۇلۇشقا ماسلاشتۇرۇپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى چارلاش خىزمىتى ئاساسىدا، قېزىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، باشقا پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى لازىم.

جىددىي قۇرۇلۇش قىلىشقا توغرا كېلىپ ياكى تەبىئىي بۇزغۇنچىلىق خەۋپى بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، قەدىمىي قەبرىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن قېزىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى قېزىشنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە تەستىق رەسمىيىتىنىمۇ تولۇقلايدۇ.

31–ماددا ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە، چارلاش، قېزىشقا كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ.

32–ماددا قۇرۇلۇش قىلىش ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى داۋامىدا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بايقىسا، نەق مەيداننى قوغداپ، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، 24 سائەت ئىچىدە نەق مەيدانغا بېرىشى ھەمدە يەتتە كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نەق مەيداننى قوغداشقا ياردەملىشىشىنى ئۇقتۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقى بايقالسا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىغا، بۆلۈشۈۋېلىشىغا، يوشۇرۇپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

33–ماددا ھەرقانداق چەت ئەللىك ياكى چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەندىن ئالاھىدە ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، چارلاش، قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

34–ماددا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، چارلاش، قېزىش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تىزىملاپ، ئوبدان ساقلاش، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلايدىغان باشقا ئورۇنلارنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ئارخېئولوگىيەلىك قازغۇچى ئورۇنلار قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن ئاز مىقداردا ئېلىپ قېلىپ، پەن تەتقىقات ئەۋرىشكىسى قىلسا بولىدۇ.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

35–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدا قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ، مەملىكەت دائىرىسىدە قېزىۋېلىنغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

4–باب ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى

36–ماددا مۇزېي، كۇتۇپخانا ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ساقلايدىغان باشقا ئورۇنلار يىغىپ ساقلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى دەرىجىگە ئايرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ساقلىشى، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى ھەمدە مەسئۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى شەرت.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت 1 – دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلانما ئارخىپىنى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ساقلاش ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

37–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشسە بولىدۇ:

(1) سېتىۋېلىش؛

(2) ئىئانە قوبۇل قىلىش؛

(3) قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىش ياكى يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشسىمۇ بولىدۇ.

38–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ساقلاۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارخىپى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

39–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكىسە بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئۆزى مەسئۇل بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكىسە بولىدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدىكى 1 – دەرىجىلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكەشتە، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

40–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، كۆرگەزمە، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنىسى جەھەتتىكى تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىشى لازىم.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ئارا كۆرگەزمە ئېچىش، ئىلمىي تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشتە، مەسئۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش؛ 1–دەرىجىلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.

دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئورۇنلار كۆرگەزمە ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشتە، مەسئۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش؛ دۆلەت ئىلكىدىكى 1 – دەرىجىلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرى ئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

41–ماددا ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىپ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرسا بولىدۇ. 1 – دەرىجىلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئالماشتۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت.

42–ماددا ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپى تۇرغۇزمىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 40–، 41– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

43–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قانۇن بويىچە يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش، ئارىيەت ئېلىش يولى بىلەن ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بېرىپ تۇرغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ؛ كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش، ئارىيەت بېرىش يولى بىلەن ئېرىشكەن تولۇقلىما پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالماي، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋە يېڭى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىشقا ئىشلىتىشى شەرت؛ ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. يۆتكىگەن، ئالماشتۇرغان، ئارىيەت ئالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ياخشى ساقلاش شەرت، يوقىتىپ قويۇشقا، بۇزۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

44–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقا ئورۇنلارغا، شەخسلەرگە ھەدىيە قىلىشى، ئىجارە بېرىشى ياكى سېتىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

45–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار ساقلىمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

46–ماددا ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىشتا، ئۇنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلىگەندە، سۈرەتكە تارتقاندا، قارىسىنى ئالغاندا ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

يۆتكىگىلى بولمايدىغان يەككە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىش، تەقلىد قىلىپ ياساش، سۈرەتكە تارتىش، قارىسىنى ئېلىشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

47–ماددا مۇزېي، كۇتۇپخانا ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى باشقا ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتتىن، ئوغرىلىقتىن، تەبىئىي بۇزۇلۇشتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

48–ماددا 1–دەرىجىلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇزۇلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاش كېرەك. باشقا ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇزۇلغان بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاش كېرەك؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى يىتكەن بولسا، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇن دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە مەسئۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغىمۇ دوكلات قىلىشى كېرەك.

49–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىشىغا، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5–باب ئەل ئىچىدە ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى

50–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىن باشقا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ساقلىسا بولىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلىش؛

(2) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنىدىن سېتىۋېلىش؛

(3) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كىمئارتۇق تىجارىتى كارخانىسىدىن سېتىۋېلىش؛

(4) پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىدارلىقىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئالماشتۇرۇش ياكى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(5) دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا قانۇنلۇق ئۇسۇللار.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇندىن باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ساقلىغان، ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلسا بولىدۇ.

51–ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تۆۋەندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئېلىپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، لېكىن دۆلەت رۇخسەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان قىممەتلىك ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى؛

(3) دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تام رەسىم، ھەيكەل، ئىمارەت بۆلىكى قاتارلىقلار، لېكىن قانۇن بويىچە چېقىۋېتىلگەن تام رەسىم، ھەيكەل، ئىمارەت بۆلىكى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20–ماددىسىنىڭ 4–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇن ساقلايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(4) مەنبەسى مۇشۇ قانۇننىڭ 50–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى.

52–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ يىغىپ ساقلاۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنغا ھەدىيە قىلىشىغا ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇننىڭ كۆرگەزمە ۋە تەتقىقات ئۈچۈن ئارىيەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇن ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىئانە قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوبدان ساقلىشى ۋە كۆرگەزمە قىلىشى كېرەك.

دۆلەت چېگرادىن چىقىرىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، گۆرۈ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

53–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئېچىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق تىجارىتى قىلىشىغا، مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىسى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

54–ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان كىمئارتۇق سودا كارخانىلىرىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودىسى قىلىدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا ئىجازەتنامىسىنى ئېلىشى كېرەك.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېتىش – سېتىۋېلىش تىجارىتى قىلىشىغا، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

55–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىدىكى خادىملارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ئېچىشىغا ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىسى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىسى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

جۇڭگو–چەت ئەل شېرىكچىلىكىدە، جۇڭگو–چەت ئەل ھەمكارلىقىدا ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى شېرىكسىز ھالدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىسى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

تەستىق بىلەن ئېچىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا تىجارىتى قىلىدىغان كىمئارتۇق كارخانىلىرىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىجارىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

56–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېتىشتىن ئىلگىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتۈش كېرەك؛ سېتىش رۇخسەت قىلىنغانلىرىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بەلگە قويۇشى كېرەك.

كىمئارتۇق سودا كارخانىلىرى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېتىشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

57–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېتىۋېلىش – سېتىشتا، كىمئارتۇق سودا كارخانىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئەسلىي تەكشۈرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى، سېتىۋالغۇچى سالاھىيىتىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلسا، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

58–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەكشۈرۈشتە، دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇننى ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا بېكىتسە بولىدۇ. سېتىۋېلىش باھاسىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.

59–ماددا بانكا، مېتال تاۋلاش زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى شۇنىڭدەك كېرەكسىز بۇيۇم يىغقۇچى ئورۇن شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن، كۈمۈش بۇيۇملىرى ۋە كېرەكسىز بۇيۇملار ئىچىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تاللىۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. تاللىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىچىدىكى بانكىنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تارىخىي پۇللارنى خەلق بانكىسى ئېلىپ قالغاندىن سىرت، قالغانلىرىنى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. تاللىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

6–باب مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش–كىرگۈزۈش

60–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قىممەتلىكلىرى ۋە چېگرادىن چىقىرىشنى دۆلەت مەنئى قىلغان باشقا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېگرادىن چىقىرىشقا بولمايدۇ؛ لېكىن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چېگرا سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ياكى ئالاھىدە ئېھتىياج تۈپەيلىدىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرادىن چىقىرىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

61–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش–كىرگۈزۈشنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن پورتتىن چىقىرىلىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، ئۆزى ئېلىپ مېڭىش يولى بىلەن چېگرادىن چىقارماقچى بولسا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ تاموژنا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە قاراپ ماڭدۇرىدۇ.

62–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىپ كۆرگەزمە قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ 1–دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ساندىن ئېشىپ كەتسە، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش كېرەك.

1–دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يېگانىلىرى ۋە ئاسان بۇزۇلىدىغانلىرىنى چېگرادىن چىقىرىپ كۆرگەزمە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

چېگرا سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش – كىرگۈزۈشنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرىدۇ ۋە تىزىملايدۇ. تاموژنا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىق ھۆججىتىگە قاراپ ماڭدۇرىدۇ. چېگرا سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن قايتۇرۇپ كىرىشتە، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش–كىرگۈزۈشنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرىدۇ.

63–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرگۈزۈشتە، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش–كىرگۈزۈشنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا تەكشۈرتۈش ۋە تىزىملىتىش كېرەك.

چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن قايتا چىقىرىشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش – كىرگۈزۈشنى ئەسلىي تەكشۈرگەن، تىزىملىغان ئاپپارات تەكشۈرۈشى شەرت؛ تەكشۈرۈشتە توغرا چىقسا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. تاموژنا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چېگرادىن چىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە قاراپ ماڭدۇرىدۇ.

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى، قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلار؛

(2) دۆلەت قوغدايدىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىك بىلەن بۇزغانلار؛

(3) دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ساتقان ياكى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئۆز ئالدىغا بەرگەنلەر؛

(4) دۆلەت چېگرادىن چىقىرىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆز ئالدىغا ساتقانلار ياكى بەرگەنلەر؛

(5) دۆلەت سېتىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ھايىنىغا ساتقانلار؛

(6) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلار؛

(7) دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغان، بۇلىغان، بۆلۈشۈۋالغان ياكى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلار؛

(8) جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقۇرۇشقا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشنى سادىر قىلغانلار.

65–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يوقىتىپ قويغان، بۇزۇپ قويغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتكەسچىلىك قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى تاموژنا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.

66 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ساپانامىسىنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

(1) قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغان ياكى پارتلىتىش، بۇرغىلاش، قېزىش مەشغۇلاتى قىلغانلار؛

(2) قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىكى قۇرۇلۇش كونترول دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلغان، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارمىقىغا تەستىقلاتماي، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ تارىخىي قىياپىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛

(3) يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەن، چېقىۋەتكەنلەر؛

(4) يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رېمونت قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى بەكرەك ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(5) پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئەسلىي جايىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قايتا ياساپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛

(6) قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ساپانامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رېمونت قىلغان، يۆتكىگەن، قايتا ياسىغانلىرى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئويۇش، بوياش ياكى بۇزۇش قىلمىشى ئېغىر بولمىغانلار ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىلغان، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ بەلگىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار ئورۇن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

67–ماددا قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە ياكى قۇرۇلۇش كونترول دائىرىسىدە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇھىتىنى بۇلغايدىغان ئەسلىھەلەرنى قۇرغان ياكى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى بۇلغايدىغان ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ياخشىلىمىغانلارنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.

68–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى رەنە قويغان ۋە ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كارخانا مۈلكى قاتارىدا تىجارەت قىلغانلار؛

(2) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى رەنە قويغانلار؛

(3) قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر.

69–ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى، مۇھىتى، تارىخىي قىياپىتى قاتارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى دېگەن نامىنى بىكار قىلىدۇ؛ تارىخىي مەدەنىيەت بازىرى، كوچىسى، كەنتىنىڭ ئورۇنلىشىشى، مۇھىتى، تارىخىي قىياپىتى قاتارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، كەنتى دېگەن نامىنى بىكار قىلىدۇ؛ مەسئۇل جاۋابكارلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

70–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوتتىن، ئوغرىلىقتىن، تەبىئىي بۇزۇلۇشتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلىمىغانلىرى؛

(2) دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغاندا، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارخىپتىكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىرى ياكى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىلەن ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپتىكىسىگە ئوخشىمىغانلىرى؛

(3) دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقا ئورۇنلارغا، شەخسلەرگە ھەدىيە قىلغان، ئىجارە بەرگەن ياكى سېتىۋەتكەنلەر؛

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 40–، 41–، 45– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى نېرى – بېرى قىلىۋەتكەنلەر؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 43– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قانۇن بويىچە يۆتكەپ، ئالماشتۇرۇپ، ئىجارە بېرىپ ئېرىشكەن تولۇقلىما پۇلنى ئىشلىتىۋالغان ياكى ئىگىلىۋالغانلار.

71–ماددا دۆلەت ئېلىپ–سېتىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئېلىپ – ساتقان ياكى چېگرادىن چىقىرىش مەنئى قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، گۆرۈ قويغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

72–ماددا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق تىجارىتى قىلىدىغان كارخانا ئاچقان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىجارىتى قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە توسىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنسىز ھالدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىجارىتى قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

73–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنسىز ھالدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىجارىتى قىلغان، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنلىرىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقانلار؛

(2) مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق تىجارىتى كارخانىلىرىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېتىش – سېتىۋېلىش تىجارىتى قىلغانلىرى؛

(3) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنىدا سېتىلىدىغان، كىمئارتۇق سودا كارخانىسىدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەكشۈرتمىگەنلەر؛

(4) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى سودا تىجارىتى قىلغانلىرى.

74–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە يىغىۋالىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى بايقىغان تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلار ياكى يۇقىرىغا تاپشۇرمىغانلار؛

(2) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، تاللىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلەر.

75–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) دۆلەت ئىلكىدىكى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ بېكىتىلمىگەن يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەنلەر ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار؛

(2) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، رەنە قويغان ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛

(3) دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن قانۇن بويىچە رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى؛

(4) ئارخېئولوگىيەلىك قازغۇچى ئورۇنلاردىن تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قازغانلىرى ياكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىسىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغانلىرى؛

(5) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىرى بويىچە ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپى تۇرغۇزمىغان، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغان ياكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخىپىنى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرى؛

(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 38–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەنلەر؛

(7) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىن ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇزۇلۇپ كەتسىمۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغان يوللىمىغان ياكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئوغرىلانغان، بۇلاپ كېتىلگەن ياكى يوقاپ كەتكەندە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلىرى؛

(8) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ساتقاندا ياكى كىمئارتۇق سودا كارخانىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خاتىرە قالدۇرمىغانلار ياكى خاتىرىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار.

76–ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرى قانۇن بويىچە خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ ياكى كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاش ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزگەندە بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى؛

(2) مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن ياكى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىرى؛

(3) مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماگىزىنى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى كىمئارتۇق تىجارىتى قىلىدىغان كىمئارتۇق كارخانىسى ئاچقان ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقانلىرى؛

(4) مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

(5) مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىراجىتىگە خىيانەت قىلغان، ئۇنى ئىشلىتىۋالغانلار.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خىزمەتتىن ھەيدەلگەن ياكى كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان خادىملارنىڭ خىزمەتتىن ھەيدەلگەن ياكى كەسىپكارلىق سالاھىيتى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئون يىلغىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىجارىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

77–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 66–، 68–، 70–، 71–، 74– ۋە 75– ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان مەسئۇل جاۋابكارلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار دۆلەت مەمۇرلىرى بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

78–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، تاموژنا، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارماقلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ قوغدىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ياكى يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان مەسئۇل جاۋابكارلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

79–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تاموژنا ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تىزىملاپ ئوبدان ساقلىشى، دېلو ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقىغا ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، ئۇنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىپ ساقلاش ئورنى ساقلايدۇ.

8–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

80–ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/45407.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#