فرانكفۇرت

 فرانكفۇرت غەربىي گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ھەم قاتناش مەركىزى.

نامى فرانكفۇرت
دۆلىتى گىرمانىيە
چەتئەلچە نامى Frankfurt an der Oder
خەنزۇچە نامى 法兰克福
نوپۇسى 630 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيادا فرانكفۇرت نامى بىلەن ئاتىلىدىغان ئۈچ شەھەر بار. ئۇنىڭ بىرى گىرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مېين دەريا بويىغا جايلاشقان، يەنە بىرى گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى ئودېرا دەريا بويىغا جايلاشقان، ئۈچىنچىسى ئا ق ش نىڭ كىنتاكى شتاتىنىڭ ئوتتۇرا شىمال قىسمىغا جايلاشقان. بىز گىرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنى تونۇشتۇرىمىز. فرانكفۇرت غەربىي گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ھەم قاتناش مەركىزى. ئاھالىسى 630 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) ، ئۇ گىرمانىيىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 14-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە گىرمانىيە پادىشاھلىرى تاج كىيىدىغان جاي بولغان. شەھەر مۇنبەت تۇپراقلىق مېين دەريا ۋادىسىغا جايلاشقانلىقتىن، ئىقتىسادىي ھەم سۇ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. 

سانائەتتە خىمىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ئېلېكترون، ئاپتوموبىل، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە گىرمانىيە بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىش باشقۇرۇش ئورنى، چەت ئەل شۆبە بانكىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مائارىپ ئورۇنلىرى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#