جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى

چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» 2012–يىلى 6–ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012–يىلى 6–ئاينىڭ 30–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国出境入境管理法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó chū jìng rù jìng guǎn lǐ fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى ئالاقە ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈتىلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (57-نۇمۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» 2012–يىلى 6–ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىلى 6–ئاينىڭ 30–كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى ئالاقە ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشىنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا شۇنىڭدەك قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشىنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا دۆلەت جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشتىكى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىقى، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزماسلىقى كېرەك.

4-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چېگرادىن چىقىش-كىرىشكە دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەرگە چېگرا سىرتىدا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئورگان دېيىلىدۇ) مەسئۇل بولىدۇ. چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش، ۋاقىتلىق تۇرۇش، تۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقىغا مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشتا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشى، مەسئۇلىيىتى بويىچە، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا بىنائەن يۈرگۈزۈشى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

5-ماددا دۆلەت چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى بىر تۇتاش بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئېچىۋېتىلگەن پورتلاردا چېگرادىن چىقىش– كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى قۇرىدۇ.

جۇڭگو پۇقرالىرى، چەت ئەللىكلەر شۇنىڭدەك قاتناش–تىرانسپورت قوراللىرى ئېچىۋېتىلگەن پورت ئارقىلىق چېگرادىن چىقىشى-كىرىشى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋالدا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق تەستىقلىغان جاي ئارقىلىق چېگرادىن چىقسا، كىرسە بولىدۇ. چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغانلار ۋە قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى چېگرادىن چىقىش-كىرىشتە چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى پورتتىكى چەك قويۇلغان دائىرىنى باشقۇرىدۇ. چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغانلار ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملارنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن چىقىدىغان، كىرىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىدىكى يۈكنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن، تاموژنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

7-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، چېگرادىن چىقىش– كىرىشنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگرادىن چىققان، كىرگەنلەرنىڭ بارماق ئىزى قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىيو پەرق ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش، چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ كېلىدىغان تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

8-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق ۋە ئاپپارات ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پۇقراغا قولايلىق، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى، بىخەتەر، قولايلىق بولغان چېگرادىن چىقىش-كىرىش تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

2-باب جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشى-كىرىشى

9-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن چىقىش-كىرىشتە، قانۇن بويىچە پاسپورت ياكى باشقا ساياھەت گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشى كېرەك.

جۇڭگو پۇقرالىرى باشقا دۆلەت ياكى رايونغا بېرىشتا، بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ ۋىزىسى ياكى باشقا چېگرادىن كىرىش ئىجازەت ئىسپاتىنىمۇ ئېلىشى كېرەك. لېكىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى تۈزگەن ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.

جۇڭگو پۇقرالىرىدىن دېڭىزچى سالاھىيىتى بىلەن چېگرادىن چىقىدىغان، كىرىدىغانلىرى ۋە چەت ئەل كېمە-پاراخوتلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرى قانۇن بويىچە دېڭىزچىلىق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشى كېرەك.

10-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئارا باردى-كەلدى قىلىدىغانلىرى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونى ئارا باردى-كەلدى قىلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە يول خېتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

11-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن چىقىش-كىرىشتە، پاسپورتى ياكى باشقا ساياھەت گۇۋاھنامىلىرى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا تەكشۈرتۈشى، بەلگىلەنگەن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن چېگرادىن چىقىشى-كىرىشى كېرەك.

شارائىتى بار پورت ۋە چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشى ئۈچۈن مەخسۇس يول ئېچىپ بېرىشتەك قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

12-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ:

(1) كۈچكە ئىگە چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بولمىغانلار ياكى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار؛

(2) بېرىلگەن جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولمىغانلار ياكى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار، جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛

(3) ھەق تەلەپ دېلوسى ئاخىرلاشمىغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلغانلار؛

(4) دۆلەت چېگراسى (چېگرا)نى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈپ جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى چېگرادىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشلىگەنلىكتىن باشقا دۆلەت ياكى رايون قايتۇرۇۋېتىپ، چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىق يىل چېكى توشمىغانلار؛

(5) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى چېگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلغانلار؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىق بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

13-ماددا چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىرى چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئۆزى ياكى دۆلەت ئىچىدىكى تۇغقانلىرى ئولتۇراقلاشماقچى بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلار تارمىقىغا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

14-ماددا چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو پۇقرالىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، داۋالاش، قاتناش، تېلېگراف، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مال-مۈلۈك تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىشتە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا، سالاھىيىتىنى پاسپورتى بىلەن ئىسپاتلىسا بولىدۇ.

3-باب چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشى-چىقىشى

1-پاراگراف ۋىزا ئېلىش

15– ماددا چەت ئەللىكلەر چېگرادىن كىرىشتە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئاپپاراتقا ئىلتىماس قىلىپ ۋىزا ئېلىشى كېرەك، لېكىن، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

16-ماددا ۋىزا دىپلوماتىيە ۋىزىسى، ھۆرمەت ۋىزىسى، ھۆكۈمەت ئىشى ۋىزىسى، ئادەتتىكى ۋىزا دەپ ئايرىلىدۇ.

دىپلوماتىيە ئىشى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چېگرادىن كىرىدىغان چەت ئەللىكلەرگە دىپلوماتىيە، ھۆكۈمەت ئىشى ۋىزىسى بېرىلىدۇ؛ سالاھىيىتى ئالاھىدە بولۇپ، ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك بولغان چەت ئەللىكلەرگە ھۆرمەت ۋىزىسى بېرىلىدۇ. دىپلوماتىيە ۋىزىسى، ھۆرمەت ۋىزىسى، ھۆكۈمەت ئىشى ۋىزىسىنى بېرىش دائىرىسى ۋە بېرىش چارىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.

ئىشلەش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سەۋەبى قاتارلىق دىپلوماتىيە ئىشى ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدىن باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن چېگرادىن كىرىدىغان چەت ئەللىكلەرگە مۇناسىپ تۈردىكى ئادەتتىكى ۋىزا بېرىلىدۇ. ئادەتتىكى ۋىزىنىڭ تۈرى ۋە ئۇنى بېرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

17-ماددا ۋىزا بېرىشتە ۋىزىنىڭ تۈرى، ۋىزا ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، چېگرادىن كىرگەن قېتىم سانى، چېگرادىن كىرىشنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتى، ۋىزا بەرگەن ۋاقىت، جاي ۋە پاسپورت نومۇرى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلار تىزىملىنىدۇ.

18-ماددا چەت ئەللىكلەر ۋىزا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئورگانغا پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسى شۇنىڭدەك ئىلتىماس سەۋەبىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئورگاننىڭ تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى، يۇزتۈرا سۆزلىشىشى كېرەك.

19–ماددا چەت ئەللىكلەر ۋىزا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ تەكلىپنامىسىنى بېرىشى زۆرۈر بولۇپ قالسا، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئورگاننىڭ تەلىپى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. تەكلىپنامە ئەۋەتكەن ئورۇن ياكى شەخس تەكلىپ مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

20-ماددا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چېگرادىن جىددىي كىرىدىغان، تەكلىپكە بىنائەن چېگرادىن كىرىپ سودا ئىشلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىدىغان، قۇرۇلۇشنى جىددىي رېمونت قىلىدىغان ياكى باشقا ئىش بىلەن چېگرادىن جىددىي كىرىش زۆرۈر بولۇپ قالغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقنىڭ پورتتا ۋىزا ئېلىشقا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى بار چەت ئەللىكلەر گوۋۇيۈەن پورت ۋىزىسى بېرىشنى تەستىقلىغان پورتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگان (تۆۋەندە پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگان دېيىلىدۇ)غا پورت ۋىزىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيدىغانلىرى پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگانغا كوللېكتىپ ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەر پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگانغا ۋىزا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى شۇنىڭدەك ئىلتىماس سەۋەبىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگاننىڭ تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى ھەمدە ۋىزا ئىلتىماس قىلغان پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىشى كېرەك.

پورت ۋىزىسى بەرگۈچى ئورگان بەرگەن ۋىزا بىلەن چېگرادىن بىرلا قېتىم كىرىشكە بولىدۇ، ۋىزىدا ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

21-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان چەت ئەللىكلەرگە ۋىزا بېرىلمەيدۇ:

(1) چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارار قىلىنغان، چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق مۇددىتى توشمىغانلار؛

(2) ئېغىر روھىي كېسىلى، يۇقۇملۇق ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بارلار ياكى جامائەت ساغلاملىقىغا زور خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار؛

(3) جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىمالى بولغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى ھەرىكەتلەردە بولغانلار؛

(4) ۋىزا ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغان ياكى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرغان مەزگىلدىكى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلار؛

(5) ۋىزا بەرگۈچى ئورگان تەلەپ قىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرالمىغانلار؛

(6) ۋىزا بەرگۈچى ئورگان ۋىزا بېرىشكە بولمايدۇ دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.

ۋىزا بەرگۈچى ئورگان ۋىزا بەرمەسلىك سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىسىمۇ بولىدۇ.

22-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان چەت ئەللىكلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ:

(1) جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تۈزگەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى بويىچە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار؛

(2) كۈچكە ئىگە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بار چەت ئەللىكلەر؛

(3) ئۇلانما مۇساپىلىك بېلەت ئېلىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى، كېمە-پاراخوت، پويىزلارغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئارقىلىق، 3-بىر دۆلەت ياكى رايونغا بارىدىغان، جۇڭگودا ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋاقتى 24 سائەتتىن ئاشمايدىغان ھەم پورتتىن ئايرىلمايدىغانلار ياكى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مۇئەييەن رايوندا تۇرۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلار؛

(4) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

23-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغان، چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىپ تۇرىدىغان چەت ئەللىكلەر چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك:

(1) چەت ئەل كېمىچىلىرى شۇنىڭدەك بىللە ماڭغان ئائىلە تەۋەلىرىدىن پورت بار جايدىكى شەھەرگە بارىدىغانلىرى؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 3-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەردىن پورتتىن ئايرىلىدىغانلىرى؛

(3) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ياكى جىددىي سەۋەبلەر بىلەن چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىدىغانلار.

چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىپ تۇرۇش ۋاقتىنى 15 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق كىرىپ تۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى شۇ چەت ئەللىكتىن ۋە ئۇ چېگرادىن كىرىشتە ئولتۇرغان قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلىدىن ياكى قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش كەسپىي ۋاكالەت ئورنىدىن زۆرۈر كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

2-پاراگراف چېگرادىن كىرىش-چىقىش

24-ماددا چەت ئەللىكلەر چېگرادىن كىرىشتە چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى، ۋىزىسى ياكى باشقا چېگرادىن كىرىش ئىجازەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇپ، بەلگىلەنگەن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن چېگرادىن كىرىشى كېرەك.

25-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ:

(1) كۈچكە ئىگە چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بولمىغان ياكى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (4) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلار؛

(3) چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن ۋىزا تۈرىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىش ئېھتىمالى بولغانلار؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىسىمۇ بولىدۇ.

26-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان چەت ئەللىكنى قايتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قايتقىلى ئۇنىمىغانلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ قايتىش ئالدىدا بەلگىلەنگەن رايوندىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

27-ماددا چەت ئەللىكلەر چېگرادىن چىقىشتا، پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا تەكشۈرتۈپ، بەلگىلەنگەن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، رۇخسەت قىلىنغاندا چېگرادىن چىقىشى كېرەك.

28-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ:

(1) بېرىلگەن جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان ياكى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار، جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار، لېكىن جۇڭگو بىلەن چەت ئەل تۈزۈشكەن ئالاقىدار كېلىشىم بويىچە، جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) ھەق تەلەپ دېلوسى ئاخىرلاشمىغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلغانلار؛

(3) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قىلغانلىقتىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلغانلار؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىق بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

4-باب چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشى

1-پاراگراف ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش

29-ماددا چەت ئەللىكلەردىن ۋىزىسىدا ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتى 180 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋىزىسى ۋە ۋىزىسىدا ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىگە ئاساسەن ۋاقىتلىق تۇرىدۇ.(بېشى 5-بەتتە)

ۋىزىسىدىكى ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلەر ۋىزىسىدا ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتى توشۇشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن، ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماسقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەلەپ بويىچە تاپشۇرىدۇ. تەكشۈرۈشتە ئۇزارتىش سەۋەبى ئورۇنلۇق، تولۇق بولغانلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ؛ ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولمايدىغانلار چېگرادىن ۋاقتىدا چىقىپ كېتىشى كېرەك.

ۋىزىدىكى ئۇزارتىلغان ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىنىڭ يىغىندىسى ۋىزىدا ئەسلىي ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

30-ماددا چەت ئەللىكلەردىن ۋىزىسىدا چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنلىرى چېگرادىن كىرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تۇرماقچى بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنى شۇنىڭدەك ئىلتىماسقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى ھەمدە بارماق ئىزى قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىيو پەرق ئۇچۇرىنى قالدۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى، چەت ئەللىكلەرگە تۇرۇش سەۋەبىگە قاراپ، مۇناسىپ تۈر ۋە مۇددەتتىكى تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.

چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت تۈرىدىكى تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قىسقا بولغاندا 90 كۈن، ئۇزاق بولغاندا بەش يىل بولىدۇ؛ خىزمەتتىن باشقا تۈردىكى تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قىسقا بولغاندا 180 كۈن، ئۇزاق بولغاندا بەش يىل بولىدۇ.

31-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېرىلمەيدۇ:

(1) ۋىزىسىنىڭ تۈرى چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېرىشكە توغرا كەلمەيدىغانلار؛

(2) ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

(3) بەلگىلەنگەن مۇناسىپ ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرەلمىگەنلەر؛

(4) جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرسا بولمايدىغانلار؛

(5) گۇۋاھنامە بەرگۈچى ئورگان چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېرىشكە بولمايدۇ دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.

چەت ئەللىكلەردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى تۇرۇش گۇۋاھنامىسىگە ئۆزگەرتىدىغانلىرى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرسە بولىدۇ.

32-ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەردىن تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن 30 كۈن بۇرۇن، تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى، ئىلتىماسقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەلەپ بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە، ئۇزارتىش سەۋەبى ئورۇنلۇق، تولۇق بولسا، تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ؛ تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىپ بېرىلمىگەنلەر چېگرادىن ۋاقتىدا چىقىپ كېتىشى كېرەك.

33-ماددا چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇرۇش گۇۋاھنامىسىگە گۇۋاھنامە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇرۇش سەۋەبى، تۇرۇش مۇددىتى، گۇۋاھنامە بەرگەن ۋاقىت، گۇۋاھنامە بەرگەن جاي ۋە پاسپورت ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلار تىزىملىنىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇرۇش گۇۋاھنامىسىگە تىزىملانغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، گۇۋاھنامە ئىگىسى تىزىملانغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

34-ماددا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىدىغان چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋىزىسىز ۋاقىتلىق تۇرۇش مۇددىتىدىن ئارتۇق تۇرماقچى بولسا، چەت ئەل كېمىچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە كەلگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرىدىغان بولۇپ قېلىپ، پورت بار جايدىكى شەھەردىن ئايرىلماقچى بولسا ياكى چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بولسا، بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشى كېرەك.

چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۇزاق بولغاندا 180 كۈن بولىدۇ.

35-ماددا چەت ئەللىكلەر چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتىكى ۋىزىسى، ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى كاردىن چىققان، يوقاپ كەتكەن، ئوغرىلانغان، بۇلانغان بولسا ياكى ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش سەۋەبى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولسا، ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ۋە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

36-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى چىقارغان ئادەتتىكى ۋىزىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتماسلىق، ئالماشتۇرماسلىق، تولۇقلىماسلىق، چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش، تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرمەسلىك، تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتماسلىق قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

37-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرغان ۋە تۇرغاندا، ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن چېگرادىن چىقىپ كېتىشى كېرەك.

38-ماددا 16 ياشقا توشقان چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ۋە تۇرىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن، پاسپورتى ياكى باشقا خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسى ۋە ياكى چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

 39-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مېھمانخانىدا قونىدىغانلىرىنى مېھمانخانا ئامانلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن تىزىملىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا چەت ئەللىكلەرنىڭ قونالغۇ تىزىم ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك.

چەت ئەللىكلەردىن مېھمانخانىدىن باشقا جايغا چۈشكەن ياكى قونغانلىرى 24 سائەت ئىچىدە ئۆزى ياكى قوندۇرۇۋالغۇچى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تىزىملىتىشى كېرەك.

40-ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇغۇلغان چەت ئەللىك بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ۋاكالەتچىسى بوۋاق تۇغۇلۇپ 60 كۈن ئىچىدە، شۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىسى ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ۋە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ، ۋاقىتلىق تۇرۇش ياكى تۇرۇشنى تىزىملىتىشى كېرەك.

چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ۋەسىيسى ياكى ۋاكالەتچىسى بەلگىلىمە بويىچە شۇ چەت ئەللىكنىڭ ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇپ، چەت ئەللىكنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلدۇرۇشى كېرەك.

41-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلەۋاتقانلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەش ئىجازىتى ۋە ئىشلەش تۈرىدىكى تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىشلەش ئىجازىتى ۋە ئىشلەش تۈرىدىكى تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان چەت ئەللىكنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

چەت ئەللىكنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسئۇل تارمىقى، چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىغا بولغان تەلەپكە قاراپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسىنى تۈزىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئىش ئورنى دائىرىسى ۋە ۋاقىت چېكى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

43-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى قانۇنسىز ئىشلىگەنلەر بولىدۇ:

(1) ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ۋە ئىشلەش گۇۋاھنامىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالماي تۇرۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلىگەنلىرى؛

(2) ئىشلەش ئىجازىتىدە چەك قويۇلغان دائىرىدىن ھالقىپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلىگەنلىرى؛

(3) چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن ئىش ئورنى دائىرىسى ياكى ۋاقىت چېكىدىن ھالقىپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلىگەنلىرى.

44-ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ بەزى رايونلاردا تۇرالغۇ ياكى خىزمەت سورۇنى تەسىس قىلىشىغا چەك قويسا بولىدۇ؛ تەسىس قىلىپ بولغانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە كۆچۈرۈۋەتسە بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەر چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىشىگە چەك قويۇلغان رايونغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ كىرسە بولمايدۇ.

45-ماددا چەت ئەللىكلەرنى ئىشلەتكەن ياكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئالغان ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش، قانۇنسىز تۇرۇش، قانۇنسىز ئىشلەش ئەھۋالىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

46-ماددا مۇساپىرلىقنى ئىلتىماس قىلغان چەت ئەللىكلەر مۇساپىرلىقى بېكىتىلگىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرسا بولىدۇ؛ مۇساپىر دەپ بېكىتىلگەن چەت ئەللىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن مۇساپىرلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرسا ۋە تۇرسا بولىدۇ.

2-پاراگراف مەڭگۈ تۇرۇش

47-ماددا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەر ياكى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇش شەرتىگە توشىدىغان باشقا چەت ئەللىكلەر ئۆزىنىڭ ئىلتىماسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشىنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش چارىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

48-ماددا مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن چەت ئەللىكلەر مەڭگۈ تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرسا ۋە ئىشلىسە بولىدۇ، پاسپورتى ۋە مەڭگۈ تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىلەن چېگرادىن چىقسا، كىرسە بولىدۇ.

49-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارار قىلىدۇ:

(1) جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلگەنلەر؛

(3) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ساختىپەزلىك بىلەن ئېرىشىۋالغانلار؛

(4) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىگە يەتمىگەنلەر؛

(5) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

5-باب چېگرادىن چىققان، كىرگەن قاتناش-تىرانسپورت قورالىنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش

50-ماددا چېگرادىن چىقىدىغان، كىرىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قورالى پورتتىن ئايرىلغاندا، پورتقا يېتىپ كەلگەندە، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرتۈشى كېرەك. قاتناش تىرانسپورت قورالىنى باشتا يېتىپ كەلگەن پورتتا چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرتۈش؛ ئەڭ ئاخىرى ئايرىلغان پورتتا چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئالاقىدار مەسئۇل ئورگان بېكىتكەن جايدا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ.

چېگرادىن چىقىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قورالى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ چېگرادىن چىققۇچە، چېگرادىن كىرىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قورالى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ چېگرادىن كىرگىچە، چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى چېگرا مۇداپىئەسى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالماي تۇرۇپ، ئادەم سېلىشقا، چۈشۈرۈشكە، يۈك ياكى نەرسىنى قاچىلاش، چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

51-ماددا قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى ياكى قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىي ۋاكالەت ئورنى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا بەلگىلىمە بويىچە قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ پورتقا يېتىپ بارىدىغان، پورتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقتى ۋە ۋاقىتلىق توختاش ئورنىنى ئالدىن دوكلات قىلىشى، خىزمەتچىلەر، يولۇچىلار، يۈك ياكى نەرسە قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

52-ماددا قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى، قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىي ۋاكالەت ئورنى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىسا، دەرھال دوكلات قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

چېگرادىن كىرگەن قاتناش-تىرانسپورت قورالىدا چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئادەم بار بولسا، قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى قايتۇرۇپ كېتىشى كېرەك.

53-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن كىرگەن، چىققان قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىدۇ:

(1) چېگرادىن چىقىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قورالى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش باشلىنىپ چېگرادىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، چېگرادىن كىرگەن قاتناش تىرانسپورت قورالى چېگرادىن كىرىپ چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ بولغىچە؛

(2) چەت ئەلنىڭ كېمە-پاراخوتى جۇڭگونىڭ ئىچكى دەرياسىدا يۈرگەن مەزگىلدە؛

(3) نازارەت قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا ئەھۋاللار.

54-ماددا قاچىلاش-چۈشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن چەت ئەلنىڭ كېمە-پاراخوتىغا چىقىپ چۈشىدىغانلار چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ پاراخوتقا چىقىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

جۇڭگونىڭ كېمە-پاراخوتى بىلەن چەت ئەلنىڭ كېمە-پاراخوتى ياكى چەت ئەلنىڭ كېمە-پاراخوتلىرى يېقىن تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش زۆرۈر بولسا، كاپىتانلار ياكى قاتناش-تىرانسپورت قورالىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىي ۋاكالەت ئورنى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ، كېمە-پاراخوت يېقىنلىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

55-ماددا چەت ئەلنىڭ كېمە-پاراخوتى ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بەلگىلەنگەن يول، لىنىيە بويىچە يۈرۈشى كېرەك.

چېگرادىن چىققان، كىرگەن كېمە-پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن باشقا جايغا كىرسە بولمايدۇ. مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان جىددىي ئەھۋالدا ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا كىرگەنلەر يېقىن جايدىكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ياكى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى كېرەك.

56-ماددا قاتناش قوراللىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ پورتتىن ئايرىلغان بولسا، قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ:

(1) پورتتىن ئايرىلغان، پورتقا كەلگەندە، تەكشۈرتمەي، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، چېگرادىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىققان، كىرگەنلىرى؛

(2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغان پورتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلىرى؛

(3) چېگرادىن چىقىشقا، كىرىشكە بولمايدىغان كىشىلەر بارلىقى گۇمان قىلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش زۆرۈر بولغانلىرى؛

(4) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، مەنپەئىتىگە ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇم بارلىقى گۇمان قىلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش زۆرۈر بولغانلىرى؛

(5) چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشىنى رەت قىلغان باشقا ئەھۋاللار.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللار تۈگىگەندىن كېيىن، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى ئالاقىدار قاتناش قورالىنى دەرھال ئۆتكۈزۈۋېتىشى كېرەك.

57-ماددا قاتناش قورالىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىي ۋاكالەت ئورنى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. كەسپىي ۋاكالەتچىلەرنى ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

6-باب تەكشۈرۈش ۋە قايتۇرۇۋېتىش

58-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن نەق مەيداندا گەپ سوراش، داۋاملىق گەپ سوراش، توختىتپ قويۇپ تەكشۈرۈش، ھەرىكەت دائىرىسىگە چەك قويۇش، چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەدبىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قوللىنىدۇ.

59-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەردىن نەق مەيداندا گەپ سوراشقا بولىدۇ؛ نەق مەيداندا گەپ سوراش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقى سېزىلسە، قانۇن بويىچە داۋاملىق گەپ سوراشقا بولىدۇ:

(1) چېگرادىن قانۇنسىز چىققان، كىرگەن دەپ گۇمان قىلىنغانلار؛

(2) باشقىلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىش-كىرىشىگە ھەمكارلاشقان دەپ گۇمان قىلىنغانلار؛

(3) چەت ئەللىكلەردىن قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشلىگەن دەپ گۇمان قىلىنغانلىرى؛

(4) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزدى، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزدى ياكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنغانلار؛

نەق مەيداندا گەپ سوراش، داۋاملىق گەپ سوراش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى چاقىرتماقچى بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.

60-ماددا چەت ئەللىكلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 59-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى نەق مەيداندا گەپ سورالغان ياكى داۋاملىق گەپ سورالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا گۇمان تۈگىمەي، ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلسە بولىدۇ.

تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش قارارنامىسىنى كۆرسىتىش ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە گەپ سوراش كېرەك. تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى بايقالسا، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشنى دەرھال بىكار قىلىش كېرەك.

تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى 30 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىرىدا بىر دەرىجە يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن، 60 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان چەت ئەللىكنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، سالاھىيىتى ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

61-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىغا توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلمايدۇ، ھەرىكەت دائىرىسىگە چەك قويۇلسا بولىدۇ:

(1) ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلار؛

(2) ھامىلىدار ياكى ئۆزىنىڭ ئىمىتىۋاتقان بالىسى بىر ياشقا توشمىغانلار؛

(3) 16 ياشقا توشمىغانلار ياكى 70 ياشقا توشقانلار؛

(4) توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

ھەرىكەت دائىرىسگە چەك قويۇلغان چەت ئەللىكلەر تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈشكە بويسۇنۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز چەك قويۇلغان رايوندىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. ھەرىكەت دائىرىسىگە چەك قويۇش مۇددىتىنى 60 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان چەت ئەللىكنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىگە چەك قويۇش مۇددىتى ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، سالاھىيىتى ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

62-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ:

(1) چېگرادىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چىقىپ كېتىش جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چىقىپ كەتمىگەنلەر؛

(2) چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئەھۋال بارلار؛

(3) قانۇنسىز تۇرغانلار، قانۇنسىز ئىشلىگەنلەر؛

(4) مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، چېگرادىن چىقىرىۋېتىش زۆرۈر بولغانلار.

چېگرا سىرتىدىكى باشقا كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى قانۇن بويىچە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ.

چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىلەر چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ، بىر يىلدىن بەش يىلغىچە چېگرادىن كىرسە بولمايدۇ.

63-ماددا توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ياكى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارار قىلىنغان، لېكىن، دەرھال ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان كىشىلەرنى توختىتىپ قويۇش ئورنىدا ياكى قايتۇرۇۋېتىش سورۇنىدا قاماپ تۇرۇش كېرەك.

64-ماددا چەت ئەللىكلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن داۋاملىق گەپ سوراش، توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش، ھەرىكەت دائىرىسىگە چەك قويۇش، چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەدبىرىگە قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى باشقا كىشىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەدبىرىگە قايىل بولماي مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

65-ماددا قانۇن بويىچە چېگرادىن چىقىش-كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى قارار قىلىنغان كىشىلەرنى قارار قىلغۇچى ئورگان بەلگىلىمە بويىچە، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ چېگرادىن چىقىش-كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، قارار قىلغۇچى ئورگان چېگرادىن چىقىش-كىرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق قارارىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى ھەمدە چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

66-ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە چېگرادىن چىقىش– كىرىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش ئېھتىياجى بىلەن، زۆرۈر تېپىلغاندا، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. يېنىنى تەكشۈرۈش ئىشىنى تەكشۈرۈلگۈچى بىلەن ئوخشاش جىنىستىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش خادىمىدىن ئىككىسى قىلىشى كېرەك.

67-ماددا ۋىزا، چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى كاردىن چىققان، يوقاپ كەتكەن، ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى كېيىن گۇۋاھنامە ئىگىسىدە شەرتكە توشمايدىغان ئەھۋال بايقالغان بولسا، بەرگۈچى ئورگان شۇ چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى گۇۋاھنامە بەرگۈچى ئورگان بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ياكى باشقىلار ئىشلىتىۋالغان چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتسە ياكى يىغىۋالسا بولىدۇ.

68-ماددا باشقىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز چىقىش-كىرىشكە ئۇيۇشتۇرۇش، توشۇش ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە ئىشلىتىلگەن قاتناش-تىرانسپورت قورالى، شۇنىڭدەك دېلو بېجىرىشتە دەلىل-ئىسپات بولىدىغان بۇيۇمنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

قولغا چۈشكەن مەنئى بۇيۇم، دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال، شۇنىڭدەك چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىدىغان قورال-سايمان قاتارلىقلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

69-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنىڭ راسىت– يالغانلىقىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

70-ماددا بۇ بابتا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ بابتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى بېكىتىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى ياكى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتسە بولىدۇ.

71-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بىلەن چېگرادىن چىققان ۋە كىرگەنلەر؛

(2) باشقىلارنىڭ چېگرادىن چىقىش– كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىپ چېگرادىن چىققان ۋە كىرگەنلەر؛

(3) چېگرادىن چىقىش-كىرىشتە چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشتىن قاچقانلار؛

(4) باشقا ئۇسۇل بىلەن چېگرادىن قانۇنسىز چىققان-كىرگەنلەر.

72-ماددا باشقىلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىش-كىرىشىگە ياردەملەشكەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

73-ماددا ۋىزا، ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ساختىپەزلىك قىلىپ ئېلىۋالغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

74-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرگە تەكلىپنامە ياكى باشقا ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بەرگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە تەكلىپ قىلغان چەت ئەللىكنىڭ چېگرادىن چىقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ھەمدە تەكلىپ قىلغان چەت ئەللىكنىڭ چېگرادىن چىقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

75-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن چېگرادىن چىقىپ باشقا دۆلەتلەرگە ياكى جايلارغا قانۇنسىز بېرىپ قايتۇرۇلغانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى يىغىۋېلىشى، چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بەرگەن ئورگان ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بەرمەسلىكى كېرەك.

76-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) چەت ئەللىكلەردىن جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلىرى؛

(2) چەت ئەللىكلەردىن تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىرى؛

(3) چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تىزىملاش، ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) چەت ئەللىكلەر تۇرۇش گۇۋاھنامىسى تىزىمىدىكى ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، بەلگىلىمە بويىچە تىزىم ئۆزگەرتكۈزمىگەنلەر؛

(5) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەردىن باشقىلارنىڭ چېگرادىن چىقىش– كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىۋالغانلىرى؛

(6) تىزىملىتىشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

مېھمانخانىلاردىن مېھمانخانىدا قونىدىغان چەت ئەللىكلەرنى تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ قونۇش ئۇچۇرىنى جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنىغا يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

77-ماددا چەت ئەللىكلەردىن تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىشىگە چەك قويۇلغان رايونغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەنلىرى دەرھال چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. چەت ئەللىكلەر قانۇنسىز ئېرىشكەن يازما خاتىرە، ئۈن-سىن ماتېرىيالى، ئېلېكتىرونلۇق مەلۇمات ۋە باشقا بۇيۇملار يىغىۋېلىنىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن سايمانلار يىغىۋېلىنىدۇ.

چەت ئەللىكلەردىن ۋە چەت ئەل ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چىقىپ كېتىش قارارىنى ئىجرا قىلمىغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل خادىمغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

78-ماددا چەت ئەللىكلەردىن قانۇنسىز تۇرغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قانۇنسىز تۇرغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن 500 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

ۋەسىيلەر ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى بار باشقا كىشىلەر مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي، 16 ياشقا توشمىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنسىز تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، ۋەسىيلەر ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى بار باشقا كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

79-ماددا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن، چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تۇرغان چەت ئەللىكلەرنى ئېلىپ قالغان، يوشۇرغان، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن، چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تۇرغان چەت ئەللىكلەرنىڭ تەكشۈرۈشتىن قېچىشىغا ياردەملەشكەنلەر ياكى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تۇرغان چەت ئەللىكلەرگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن چىقىش– كىرىش گۇۋاھنامىسى ھازىرلاپ بەرگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

80-ماددا چەت ئەللىكلەردىن قانۇنسىز ئىشلىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنى قانۇنسىز ھالدا ئىشقا تونۇشتۇرغان شەخسكە قانۇنسىز تونۇشتۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 5000 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئورۇنغا قانۇنسىز تونۇشتۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 5000 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەرگە قانۇنسىز ئىشلەتكەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

81-ماددا چەت ئەللىكلەردىن ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش سەۋەبىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىرى ياكى جۇڭگونىڭ قانۇن– نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە داۋاملىق ۋاقىتلىق تۇرسا ۋە تۇرسا بولمايدىغان ئەھۋال بولغانلىرىغا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېگرادىن چىقىرىۋېتىش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىلمىشى ئېغىر بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىش جازاسى بەرسە بولىدۇ. جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جازا قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئون يىلغىچە چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

82-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) پورتتىكى چەك قويۇلغان رايوننى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛

(2) چەت ئەل كېمىچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە ماڭغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي تۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىققانلىرى؛

(3) پاراخوتقا چىقىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، چەت ئەل كېمە– پاراخوتىغا چىققان ۋە چۈشكەنلەر.

ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قوشۇمچە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.

83-ماددا قاتناش-تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەسئۇلىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرادىن چىققان-كىرگەن ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغان پورتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(2) خىزمەتچىلەر، يولۇچىلار، يۈك ياكى بۇيۇمغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئەينەن مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشنى رەت قىلغانلار؛

(3) چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئادەم سالغان-چۈشۈرگەن، يۈك ياكى بۇيۇم قاچىلىغان-چۈشۈرگەنلەر.

چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغان قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى چېگرادىن چىقىش-كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلارنى چېگرادىن ئېلىپ چىققان– ئېلىپ كىرگەن بولسا، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

84-ماددا قاتناش-تىرانسپورت قورالىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەسئۇلىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) جۇڭگو ياكى چەت ئەل كېمە-پاراخوتلىرى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چەت ئەل كېمە– پاراخوتىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېقىنلاشقان بولسا؛

(2) چەت ئەل كېمە– پاراخوتلىرى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بەلگىلەنگەن دېڭىز يولى، ئۇچۇش لىنىيەسى بويىچە ھەيدىمىگەن بولسا؛

(3) چېگرادىن چىقىدىغان-كىرىدىغان كېمە-پاراخوت ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن باشقا رايونلارغا كىرگەن بولسا.

85-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خادىملاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان چەت ئەللىكلەرگە ۋىزا، چەت ئەللىكلەر ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ھالدا بەرگەنلەر؛

(2) تەكشۈرۈشتە بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمىغان كىشلەر ياكى قاتناش– تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشىگە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ھالدا رۇخسەت قىلغانلار؛

(3) چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىلىپ قالغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(4) قانۇن بويىچە ئالغان خىراجەت، يىغىۋالغان جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت، قانۇنسىز پۇل-مالنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان، تۇتۇپ قېلىنغان پۇل-مال ياكى يېغىۋېلىنغان خىراجەتنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە– كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

86-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا توغرا كەلسە، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى نەق مەيداندا جازا قارارى چىقارسا بولىدۇ.

87-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە قويۇلغاندا، جازا بېرىلگۈچىلەر جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، بېكىتىلگەن بانكىغا جەرىمانىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. جازا بېرىلگۈچىلەردىن شۇ جايدا مۇقىم تۇرار جايى بولماي، جەرىمانىنى نەق مەيداندا ئالمىغاندا كېيىن ئالغىلى بولمايدىغان ياكى پورتتىكى بېكىتىلگەن بانكىغا تاپشۇرۇشى ھەقىقەتەن قېيىن بولسا نەق مەيداندا ئېلىنسا بولىدۇ.

88-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

89-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز– ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

چېگرادىن چىقىش جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىن باشقا دۆلەت ياكى رايونلارغا چىقىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا چىقىش، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن تەيۋەن رايونىغا چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

چېگرادىن كىرىش باشقا دۆلەت ياكى رايونلاردىن جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرىش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرىش، تەيۋەن رايونىدىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

چەت ئەللىكلەر جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمىغان كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.

90-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن چېگرا باشقۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت چېگرالىنىدىغان جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ بېرىش-كېلىشى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

91-ماددا چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى دىپلوماتىيە ۋەكىل ئاپپاراتىنىڭ، كونسۇل ئورگىنىنىڭ خادىملىرى، شۇنىڭدەك ئىمتىيازغا ۋە كەچۈرۈم ھوقۇقىغا ئىگە باشقا چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش، ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇشىنى باشقۇرۇش ھەققىدە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

92-ماددا چەت ئەللىكلەردىن ۋىزا، ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ياكى گۇۋاھنامە ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى بەلگىلىمە بويىچە ۋىزا ھەققى، گۇۋاھنامە ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

93-ماددا بۇ قانۇن 2013–يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش–چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8892818.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#