شىنجاڭنىڭ دەريا سۈيى بايلىقى

 شىنجاڭنىڭ دەريا سۈيى بايلىقىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارى يەنى دەريالارنىڭ ئومۇمىي سىرغىم مىقدارى 88 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دەريالار 11 چوڭ دەريانىڭ سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دەريا سۈيى بايلىقى مىقدارىنىڭ %63.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەريا

شىنجاڭنىڭ دەريا سۈيى بايلىقىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارى يەنى دەريالارنىڭ ئومۇمىي سىرغىم مىقدارى 88 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. 

سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دەريالاردىن تۆۋەندىكىلەر بار : ئېرىتىش دەرياسى 11 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى 1 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر، ئىلى دەرياسى 16 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر، ماناس دەرياسى 1 مىليارد 280 مىليون كۇب مېتىر، يەكەن دەرياسى 6 مىليارد 460 مىليون كۇب مېتىر، قىزىل دەرياسى 2 مىليارد 167 مىليون كۇب مېتىر، گەز دەرياسى 1 مىليارد 132 مىليون كۇب مېتىر، ئاقسۇ دەرياسى 2 مىليارد 230 مىليون كۇب مېتىر، قارا شەھەر دەرياسى 3 مىليارد 304 مىليون كۇب مېتىر، خوتەن دەرياسى 4 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىر.

 يۇقىرىقى 11 چوڭ دەريانىڭ سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دەريا سۈيى بايلىقى مىقدارىنىڭ %63.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

باشقا 550 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريالارنىڭ سۇ بايلىقى مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ دەريا سۈيى بايلىقى مىقدارىنىڭ %34.7 ىنى ئىگىلەيدۇ. چوڭ دەريالارنىڭ ئېقىم مىقدارى زور، ئېقىش مۇساپىسى ئۇزۇن، پەسىيىش پەرقى چوڭ، ئۆز–ئۆزىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا ۋە تەكرار ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق. 

ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى بولۇپ، ئېقىم مىقدارى ئاز، ئېقىش مۇساپىسى قىسقا، ئۇشتۇمتۇت كەلكۈن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ، ئۆز–ئۆزىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، ئېچىپ پايدىلىنىش قۇلايسىز.

 شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ھەر يىلى دۆلەت سىرتىغا ۋە ئاپتونوم رايون سىرتىغا ئېقىپ چىقىپ كەتكەن 24 مىليارد 40 مىليون كۇب مېتىر سۈيىدىن باشقا، نۆۋەتتە ھەر يىلى تەخمىنەن 42–40 مىليارد كۇب مېتىر دەريا سىرغىمى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق سۇغىرىش رايونلىرىغا باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رولى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556566.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#