بېرلىن جېڭى
بېرلىن جېڭى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش داۋامىدا، سوۋېت ئارمىيەسى ئىجرا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قىلىش جېڭى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1945-يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى شەرق ۋە غەرب تەرەپتە گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى. 4-ئاينىڭ باشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى بېرلىن مەركەز قىلىنغان گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تار ۋە ئۇزۇن جايغا يىغىلىپ قېلىپ، قېچىپ قۇتۇلالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. لېكىن گىتلېر ئۆلۈم ئالدىدا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن، بارلىق ئەسلىھەرلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، «خارابىگە ئايلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونغا ئايرىۋېتىپ، ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ ئۆزى بېرلىننى چىڭ ساقلاپ ياتتى. بېرلىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ 1 مىليون ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ بېرلىن ئەتراپىدا ئۈچ قەۋەت مۇداپىئە چەمبىرىكى ياسىدى ھەمدە 3300 ئايروپىلان، 1500 دىن ئارتۇق تانكا، 10 مىڭ زەمبىرەك ۋە مىناميوت توپلاپ، بېرلىننى چىڭ ساقلىماقچى بولدى.
بېرلىننى ئېلىش ۋەزىپىسىنى سوۋېت ئارمىيىسى ئۈستىگە ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم، 41 مىڭ 600 زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 6250 تانكا ۋە زەمبىرەك، 7500 ئايروپىلان سەرپ قىلدى، بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارشالى ژۇكوۋ قوماندانلىق قىلدى. 4
-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە بېرلىن ئۇرۇشى باشلاندى، 19-كۈنى «بېرلىننىڭ قۇلۇپى» دەپ ئاتىلىدىغان زىلوف ئېگىزلىكىنى ئېلىپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش دەرۋازىسىنى ئاچتى. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىننىڭ شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، كوچا ئۇرۇشى قىلدى. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بىلوروسىيىنىڭ 1-يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە ئۇكرائىنانىڭ1-يۆنىلىش ئارمىيىسى بېرلىن ئەتراپىدىكى پوتىسدامدا ئۇچرىشىپ، بېرلىنغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى. شۇ كۈنى ئۇكرائىنا1-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر يول قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 9-جۈنتۇەنى ئېلبېدا ئۇچرىشىپ، پۈتكۈل گېرمانىيە ئارمىيىسىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي بۆلەككە ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئارمىيىسى بارلىق كۈچىنى توپلاپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىن شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان كەسكىن كوچا ئۇرۇشىنى ئۆيمۇئۆي ھەم كۆچىمۇكوچا قىلدى، بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى. ئۇلار پارلامېنت بىناسىغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى پارلامېنت بىناسى قولغا چۈشتى. بىر سائەتتىن كېيىن، گىتلېر زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈۋالدى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىننى قوغدىغۇچى قىسىم تەسلىم بولدى.
سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېرلىننى ئېلىشى ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيە جەڭ مەيدانلىرىدا ئارقا ئارقىدىن تەسلىم بولۇشقا باشلىدى. 7-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش سەنمۇجاڭى يودېر ئامېرىكا-ئەنگلىيە بىلەن تەسلىمنامە ئىمزالىدى. 8-كۈنى يېرىم كېچىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى كېتىر قاتارلىق كىشىلەر بېرلىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى سوۋېت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت ۋەكىللىرى ئالدىدا تەسلىمنامىگە شەرتسىز ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشى فاشىستىك گېرمانىيىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ
سوۋېت ئارمىيەسى : بېلورۇسىيە بىرىنچى يۆنىلىش ئارمىيەسى، بېلارۇسىيە 2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى، ئۇكرائىنانىڭ 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى، جەمئىي 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە پولشا ئارمىيىسى 156 مىڭ كىشى جەڭ قىلغۇچى قىسىم، 6250 دانە تانكا ۋە ھۇجۇمچى زەمبىرەك، 41 مىڭ 600 زەمبىرەك، 7500 ئايروپىلان.
بۇ بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئارمىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ 70 پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسى يوقاتتى، 23 بىرونە دېۋىزىيەسى ۋە موتورلاشقان شىنىڭ 100 نەچچە مىڭ كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسىرگە چۈشكەن گېرمانىيە ئارمىيەسى 480 مىڭ ئادەم، ھەر ئىككى گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىچىدە بىر ئادەم سوۋېت ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. 15 مىڭ تانكا ۋە زەمبىرەك، 45 ئايروپىلان ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك قولغا چۈشكەن؛ سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىن ئۇرۇشىدا غايەت زور بەدەل تۆلىگەن، 304 مىڭ ئادەم يارلانغان ۋە ئۆلگەن، 2156 دانە تانكا، زەمبىرەك 1220 دانە، 527 ئايروپىلان زىيانغا ئۇچىرغان.
مۇداپىئەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش
بېرلىن ئۇرۇشى جەريانىدا مۇداپىئە بۆسۈش ھاسىل قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە : كەڭ ئىجابىي جەھەتتە كېچىدە شارائىت ئىشلىتىپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، زەمبىرەك ئوت كۈچى ھازىرلىقى ۋە ھۇجۇمغا ئۆتۈش، دەريا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ھەرقايسى كۆپ قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان باشقا قاتناشتى، يەنە تۆت تانكا ئارمىيەسى ۋە تانكا ماشىنىلاشقان جۈن قىسمى.
كېچىسى كۆپ جەڭ قىلىش
بېرلىن ئۇرۇشى جەريانىدا، كېچە جېڭى ئارمىيە ئەڭ كۆپ قوللانغان جەڭ. ھەر جەڭ داۋامىدا، توپچى قىسىمنىڭ زىچلىقى ئېشىپ، ئۇرۇش يىللىرىدا ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتتى، تۈزۈش ۋە تاكتىكا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك 87 توپچى قىسىملار گۇرۇپپىسى ( تۈەن، ئوقۇتقۇچى، ئارمىيە ۋە ئارمىيە ) نىڭ پىرىنسىپىنى ئەڭ تولۇق نامايان بولدى.
مەركەزلىك قوماندانلىق قىلىش
ئارمىيە قوماندانلىق قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنى ئىمكانقەدەر يېقىن يەردە. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 16 ئارمىيىسى مەركەزلەشكەن رادارلىق يېتەكلەش تۈگۈنى سىستېمىسى ئورناتتى، ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرى قوماندانلىق جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا بۇلاڭچىلىق قىرغىن قىلىش ئەھۋالى نەچچە ھەپتە داۋاملاشتى. بۇ ھەرىكىتىنى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، ھەتتا گېرمانىيە ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ زورلۇق زومبۇرلۇق ئىشلەتتى، ھەربىي تەرەپ بىلەن سوۋېت مەخپىي ساقچى تەشكىلاتى بۇ ۋەقەنى توسۇشقا باشلىدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.