- شازاندىرا (ئۆسۈملۈك)
- شازاندىرا ()
شازاندىرا
شازاندىرا شاكال بەدىيان ئائىلىسىدىكى ياغاچسىمان پېلەك غوللۇق يۇپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، شازاندىرانىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شازاندىرا يۇپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچسىمان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، يۇمران يوپۇرماقلىرىنىڭ سىرتىدا يۇمشاق تۈكلۈك؛ يۇمران شاخلىرى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، كونا شاخلىرى كۈل رەڭ قوڭۇر ، يوپۇرمىقى نېپىز، سوقىچاق ، ياكى يۇمىلاقراق، ئۇزۇنلۇقى 3 - 14 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 2 - 9 سانتىمېتىر ، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، يۇپۇرماق قىرغاقلىرى ھەرە چىشىسىمان؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1-4 سانتىمېتىر ، ئاتىلىق گۈل چېچەك سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 4-8 سانتىمېتىر ، ئوتتۇر بۈلىكىنىڭ ئاستى قىسمى سايمانلىرى تار تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولىدۇ، گۈل يېپىنچە ياپراقچىلىرى ئاق ياكى ھال رەڭ، شەكلى سوقىچاق ياكى ئېللىپسسىمان سوقىچاق ، ئۇزۇنلۇقى 6-11 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر.
غۇژمەك مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5-8.5 سانتىمېتىر، مېۋە سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.5 - 6.5 سانتىمېتىر؛ مېۋىسى كىچىك شىرنىلىك، قىزىل رەڭلىك ، شارسىمان ياكى تەتۈر تۇخۇمسىمان شەكىلدە ، دىئامېتىرى 6-8 مىللىمېتىر، مېۋە پوستى نىپىز . 2-تال ئۇرۇقى بار، 4-5 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5 - 3 مىللىمېتىر، ئاچ قوڭۇر رەڭلىك.
شازاندىرادېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 - 1200 مېتىر ئېگىزلىكىتىكى جىلغا يانباغىرلىردا، ئېرىق بويىدا ، تاغ باغىرلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.
شىزاندارا ئاجىز كىسلاتالىق چىرىندى تۇپراقتا، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئۆسۈشى تاغلىق رايوندىكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماندا ، ئورمان بويلىرىدا ياكى تاغ جىلغىلىرىدا چاتقال ئىچىلىرىدە ئۆسىدۇ، قۇرغاقچىلىققا بولغان چىدامچانلىقى بىرقەدەر ناچار . تەبىئىي شارائىت ئاستىدا مۇنبەت ، سۇ چىقىرىشى ياخشى بولسا، تۇپراقنىڭ نەملىك تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتە يېتىلىشى ياخشى.
دورىلىق قىممىتى
شازاندىرانىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، مەنىي كۆپەيتىش، روھىنى، مېڭە ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار. يۆتەل، دەم سىقىش، كۆپ تەرلەش، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز قۇرۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر كېسەللىكى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
خېيلۇڭجياڭ دەريا بويلىرىدىن، جى لىن، لىياۋ نېڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، سەنشى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ، گەنسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 - 1200 مېتىر ئېگىزلىكىتىكى جىلغىلىرىدا، ئېرىق بويى، تاغ يانباغىرلىرىغا تارقالغان ، چاۋشيەن ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردىن، رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.