قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى 2009-يىلى 23-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغان، 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 23-مارت
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 160-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区政府投资建设项目代建制管理暂行办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 160-نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2009-يىلى 23-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2009-يىل 8-ئاپرېل

1-ماددا بۇ چارە مەبلەغ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغى شۇنداقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەبلىغى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ياكى تۈر ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %80 ىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدىغان تۆۋەندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ:

(1) دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىيتەشكىلاتلارنىڭ ئىشخانا ئىمارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى؛

(2) مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، نوپۇس-پىلانلىق تۇغۇت، تەنتەربىيە، ئوت مۇداپىئە، رادىئو-تېلېۋىزىيە، خەلق ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇش تۈرلىرى؛

(3) قاماقخانا، سولاقخانا، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنى ۋە تۈرمە قاتارلىقلار؛

(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن باشقا تۈرلەر.

ئالدىنقى تارماقتىكى تۈرلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ياكى ئۆزگىچە كەسىپ-تېخنىكا تەلىپىگە چېتىلسا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىخېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئورنى (تۆۋەندە ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇن دەپ قىسقارتىلدى)نى تاللاپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش لازىم:

(1) تۈرلەر بويىچە يولغا قويۇش، تەدرىجىي كېڭەيتىش؛

(2) ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش؛

(3) كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش؛

(4) مەبلەغنى نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش.

5-ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مالىيە، قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە مەمۇرىيتەپتىش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىگە دائىر باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ چارىنىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۈر تەكلىپنامىسى، مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى، تۈرنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ياكى چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت سېلىنما پىلانى تەستىق ھۆججىتىدە شۇ تۈردە ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغان-قويۇلمايدىغانلىقىنى بېكىتىشى؛ ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىرىدا مۇشۇ چارىنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋاكالىتەن قۇرۇشنى تەشكىللەش شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. تەستىق ھۆججىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ۋە قۇرۇلۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا قوشۇمچە ئەۋەتىش لازىم.

7-ماددا ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق بېكىتىدۇ؛ مۇشۇ چارىنىڭ 2-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن تۈرلەردە ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توغرا كەلسە، بىۋاسىتە ھاۋالە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇننى بېكىتىشكە بولىدۇ. ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇننى بېكىتىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى ۋاكالىتەنقۇرىدىغان ئورۇندىن مۇشۇ چارىنىڭ 8-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

8-ماددا ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

(1) قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولۇش؛

(2)A دەرىجىلىك قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىكى،A دەرىجىلىك قۇرۇلۇش لايىھىلەش،A دەرىجىلىك نازارەت قىلىش ۋە 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قۇرۇلۇش قىلىش ئومۇمىي ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق سالاھىيەتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلاش؛

(3) ۋاكالىتەن قۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق مەبلەغ، تەشكىلىي ئاپپارات ۋە تۈر باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش؛

(4) قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

9-ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇننى ئىناۋىتى ۋە نەتىجىسى جەھەتتىن باھالىشى ھەم نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم.

10-ماددا ۋاكالىتەن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە پۈتكۈل جەرياننى ۋاكالىتەن قۇرۇشتەك تەشكىلىي شەكىلنى قوللىنىشقىمۇ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ياكى قۇرۇلۇشنى ۋاكالىتەن قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتەك تەشكىلىي شەكىلنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

پۈتكۈل جەريان بويىچە ۋاكالىتەن قۇرۇشتا، ۋكالىتەن قۇرۇش جاۋابكارلىقى تۈر تەكلىپنامىسى تەستىقلانغان كۈندىن تارتىپ تۈرنى ئاسراش-رېمونت قىلىش مەزگىلىگىچە بولىدۇ؛ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشتا، ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان تۈرنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى ۋە دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قۇرۇلۇشنى ۋاكالىتەن قىلدۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشتا، ۋاكالىتەن قۇرۇش جاۋابكارلىقى دەسلەپكى لايىھىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇشتىن تارتىپ تۈرنىئاسراش-رېمونت قىلىش ئاخىرلاشقىچە بولىدۇ. ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇن ۋاكالىتەن قۇرۇش جاۋابكارلىقى مەزگىلىدە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

11-ماددا قۇرۇلۇش تۈرى ھەققىدە ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم. ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەك.

12-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى جاۋابكارلىقلارنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم:

(1) تۈر تەكلىپنامىسىنى تەييارلاپ يوللاشنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە تەستىقلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىغا قاراپ، تۈرنى ئىشلىتىش فۇنكسىيىسىنى تەقسىملەش ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(2) تۈرنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى ۋە تۈرنىڭ دەسلەپكى لايىھە ھۆججىتىنى تەييارلاپ يوللاشنى ئۇيۇشتۇرۇش؛

(3) ئۆزى غەملەيدىغان مەبلەغنى غەملەشكە مەسئۇل بولۇش ھەمدە ئۇنى ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈر مەخسۇس مەبلىغى ئىسچوتىغاكىرگۈزۈش؛

(4) ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدىكى پۈتۈم ۋە مۇشۇ چارىدىكى باشقا جاۋابكارلىقلارنى ئۈستىگە ئېلىش.

13-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى لازىم:

(1) قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىرلىكتە تۈرنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى ۋە دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش؛

(2) تۈر يىرىك پىلانى ئىجازىتى، قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنى لايىھىلەش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش قاتارلىقرەسمىيەتلەرنى بېجىرىش؛

(3) تۈرنى تەكشۈرۈش، لايىھىلەش، نازارەت قىلىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش، ئاساسلىق ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىقلاردا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما دوكلات ۋە خېرىدار بولۇش توختامىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات ۋە قۇرۇلۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارغا رويخەتكە ئالدۇرۇش؛

(4) تۈردە قۇرۇلۇش قىلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق توختاملارنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(5) تەستىقلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىغا قاراپ، يىللىق ئاساسىي چىقىم خام چوتىنى تۈزۈپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، مالىيە مەسئۇل تارمىقىغا پۇل بۇيرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

(6) ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا تۈرنىڭ سۈرئىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى ۋە ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە يوللاش؛

(7) تۈرنى پۈتتۈرۈشكە كېتىدىغان مالىيە نەق چوتىنى تۈزۈپ، مالىيە مەسئۇل تارمىقىغا يوللاش؛

(8) قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە ئارخىپىنى رەتلەش، جەملەش ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(9) ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدا پۈتۈشكەن شۇنداقلا مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

14-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇننىڭ خېرىدار چىققۇچى ئورۇن بىلەن تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ياكى باشقا پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا بولمايدۇ، ۋاكالىتەن قۇرۇش خىزمىتىنى باشقا ئورۇنغا بېرىشكە بولمايدۇ.

15-ماددا ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈردە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كاپالەت پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كونكرېت ئىشلارنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن توختامدا پۈتۈشىدۇ.

ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامى بويىچە قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ۋە تەخمىنچوت مەبلىغىنى باشقۇرۇپ، تۈر ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنى تىزگىنلەپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

16-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن ۋاكالىتەن قۇرۇشنىڭ تەشكىلىي شەكلىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى ۋە مالىيە مەسئۇل تارمىقىغا «تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت سۈرئىتى ئايلىق مەلۇماتى» ياكى «تۈر سۈرئىتى ئايلىق مەلۇماتى» نى ھەر ئايدا يوللىشى لازىم.

17-ماددا ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش؛ لاياقەتلىك بولغانلىرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش لازىم.

قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈرلەرنىڭ سۈرئىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشى ھەمدە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىشى لازىم.

18-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە، قۇرۇلۇشنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاكالىتەن قۇرۇلغان تۈرلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم:

(1) ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان بولسا، تۈرنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تۈرنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ۋاكالەتچىلىك خىزمىتىگە دائىر بارلىق ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(2) تۈرنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان بولسا ياكى قۇرۇلۇش قىلىشنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان بولسا، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن مۈلۈك قىممىتى بويىچە مۈلۈكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى ۋە ۋاكالىتەن قۇرۇش خىزمىتىگە دائىر بارلىق ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

19-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن تۈرلەرنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ھۆججەتلەرنى توپلايدۇ، تۈرگە ئايرىيدۇ، رەتلەيدۇ ۋە ئارخىپقا سالىدۇ ھەمدە تۈر مەبلىغىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئالاقىدار تارماققا قۇرۇلۇش ئارخىپى، مالىيەئارخىپى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

20-ماددا ۋاكالىتەن قۇرۇشنى باشقۇرۇش خىراجىتى ئاساسىي قۇرۇلۇش مالىيە تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ باشقۇرۇش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىپ، تۈر قۇرۇلۇش تەننەرخىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇنغا بۇيرۇپ بېرىلىدۇ.

21-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرى مالىيە بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەرنى ۋاكالىتەن قۇرۇشتۈزۈمىدىكى مالىيە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشى لازىم.

22-ماددا ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدىكى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە مالىيە نەق چوتى تەستىقلانغان ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، نەق چوت مەبلىغى ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدا پۈتۈشكەن مەبلەغدىن ئېشىپ قالسا، تېجەپ قېلىنغان مەبلەغنىڭ %20 ىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇننى مۇكاپاتلاشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ يۇقىرىبولغاندا 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈرنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ئەھۋاللارغا ئاساسەن، كونكرېت ئىشلار ۋاكالىتەن قۇرىدىغان تۈرنىڭ خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش ھۆججىتى ياكى ۋاكالىتەن قۇرۇش توختامىدابېكىتىلسە بولىدۇ.

ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇننىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى سەۋەبى تۈپەيلىدىن سېلىنما كۆپىيىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن مەبلەغنى ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

23-ماددا ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن مۇشۇ چارىنىڭ 15-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ۋە تەخمىنچوت مەبلىغىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ زىيان سالسا ياكى مەبلەغنى كۆپەيتىۋەتسە، ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن توختام كاپالەت پۇلىدىن تولۇقلايدۇ؛ توختام كاپالەت پۇلى يېتىشمىسە، ۋاكالىتەن قۇرۇلىدىغان تۈرنىڭ باشقۇرۇش خىراجىتىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ؛ ۋاكالىتەن قۇرۇلىدىغان تۈرنىڭ باشقۇرۇش خىراجىتى يېتىشمىسە، ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن ئۆز مەبلىغىدىن چىقىم قىلىدۇ.

ۋاكالىتەن قۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەرنى ۋاكالىتەن قۇرۇشقا ئۈچ يىلغىچە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

24-ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە ۋە قۇرۇلۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار شۇنداقلا ئۇنىڭ خادىملىرى ۋاكالىتەن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى جەريانىدا ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانسا، بىپەرۋالىق ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، پارا تەلەپ قىلسا ۋە پارا ئالسا، ئۆز تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىقانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

25-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

26-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ.

27-ماددا بۇ چارە 2009-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553385.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#