دېڭىز ئىتى

دېڭىز ئىتى

دېڭىز ئىتى (ئىلمىي نامى: Arctocephalinae، ئىنگلىزچە نامى: fur seals) دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئىتقا ئوخشايدۇ، شۇڭا شۇنداق دېڭىز ئىتى ئاتالغان؛ ئىككى ئۇرۇقدىشى 8 تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150-210 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 21-26 كىلوگرام. تېرە بىر قەدەر سىلىق يالتىراق، يۇڭلۇق «يۇڭ-تېرە دېڭىز شىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېنى موكا شەكلىدە. 


ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز ئىتى
ئىنگلىزچە نامى fur seals
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز ئىتى ئۇرۇقدىشى، شىمالىي دېڭىز ئىتى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海狗
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى دېڭىز شىرى ئائىلىسى، ئوتارىيە ئائىلىسى
تۈرى 8 خىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز ئىتىدېڭىز ئىتىنىڭ بەدەن شەكلى خۇددى دېڭىز يىلپىزى ئۇزۇنلۇقى 150-210 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 21-26 كىلوگرام. تېنى موكا شەكلىدە؛ بېشى يۇمىلاق، تۇمشۇقى قىسقا، كۆزى چوڭ، قۇلىقى كىچىك، بەدىنىدىكى تۈكلىرى قىسقا ھەم زىچ يۇڭ بىلەن قاپلانغان، دۈمبە قىسمى كۈلرەڭ قوڭۇر ياكى قارا قوڭۇر رەڭدە، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى سۇس ياكى پۈتۈن بەدىنى ئاق، تۆت پۇتى ئۈزگۈچ شەكلىگە ئۆزگەرگەن، ئارقا پۇتى سۇدا يۆنىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن بولسا ئالدى تەرەپكە ئېگىپ پۇتى بىلەن ئاستا ماڭدۇ. بېشى ئازراق چەمبەرسىمان كېلىدۇ، ياڭاق سۆڭىكى ئېگىز، كۆزى چوڭ، قۇلىقى كىچىك، تىلى قىسقا، يېنىدا ئۇزۇن ساقىلى بار. تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى تىرناقلىق بەش بارمىقى بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بار، نىسبەتەن پالاقچە پۇت، قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا. 

دېڭىز ئىتىدېڭىز ئىتىنىڭ يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش ئادىتى بار، قىش پەسلىدە شىمالىي تىنچ ئوكيان ئارىلىدىكى دېڭىز ئىتى توپ-توپ بۇلۇپ، ئارقا-ئارقىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ، پۈتكۈل شىمالىي تىنچ ئوكيان دېڭىزغا تارقالغان. ياز پەسلى كېلىشى بىلەنلا ھەر قايسى تەرەپلەرگە تارقالغان دېڭىز ئىتى يەنە ئارقا-ئارقىدىن شىمالىي تىنچ ئوكيانغا كۆچۈپ كېلىپ كۆپىيىدۇ. بۇ كۆچۈش جەريانىدا ئۇلار باشتىن-ئاخىر دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئاز دېگەندە ئون ئىنگىلىز مىلى ئارىلىق ساقلاپ تۇرىدۇ، ئەزەلدىن قىرغاققا چىقىپ كەتمەيدۇ.

دېڭىز ئىتىدېڭىز ئىتى قۇرۇقلۇقتا ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن. ئۇلار سۇ ئۈزۈشكە ناھايىتى ماھىر، تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سائىتىگە 15 ئىنگلىزچىسى سۈرئەت بىلەن ئۈزەلەيدۇ، ھەم يوشۇرۇن سۇ ئاستىدىكى ئۈزۈشى 240 ئىنگلىزچىسى. دېڭىز ئىتىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرىكىتى قوپال، سەۋەبى ئالدىنقىسى پالاقچە شەكىللىك پۇتى چوڭراق بولغاچقا، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 5 ئىنگلىز مىلى.

كۈندۈزدە دېڭىزدا ئۈزۈپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، كېچىسى قىرغاققا چىقىپ ئارام ئالىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى ۋە پۇراش سېزىمى سەزگۈر. كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇقىم ماكانى يوق، بىر قېتىم ئوۋلاش ئۈچۈن 1000 كىلومېتىر يول ماڭىدۇ. ئادەتتە كەچقۇرۇن بولغاندا مەلۇم دەرىجىد ئۆزلىرنىڭ كۈشەندىسى تۇتۇپ ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ (مەسلەن: لەھەڭ، كىت، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى قاتارلىق).

دېڭىز ئىتى گۆشخور ھايۋان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەسى ئىنتايىن كەڭ، ئاساسلىقى باش پۇتلۇقلار يۇمشاق تەنلىك ھايۋان، شەرق ترېسكا بېلىقى، ئالياسكا يوغانباش ترېسكا بېلىقى، تروت بېلىقى، يەتتە ساقاقلىق بېلىق، مىنوگا بېلىقى، ئانارىخاس بېلىقى، ھەر خىل دېڭىزدىكى ئاسسىدىيە قاتارلىقلار. 

دېڭىز ئىتى شىمالىي تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىي، كورېلى تاقىم ئاراللىرى، شىمالىي كەڭلىك 35° شىمالىي يېرىم شاردىكى دېڭىز، جۇڭگونىڭ خۇاڭخەي دېڭىزى ۋە دۇڭخەي يەنخەي دېڭىزلىرىدىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. 

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#