چۇرگۇل بازىرى

چۇرگۇل بازىرى

چۇرگۇل بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 2018.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چۇرگۇل بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 2018.4 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雀尔沟镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى
نوپۇسى 12516 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۇرگۇل بازىرىچۇرگۇل بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقتە تاشپەلەمپەي يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە ماناس ناھىيەسى نىڭ تاسىرقاي يېزىسى دىكى قوشنا. جەنۇبى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى دافېڭ بازىرى، ۋۇگۇڭتەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. بازار ئومۇمىي يەر شەكلى تار ۋە ئۇزۇن شەكىلدە، رايون ئومۇمىي كۆلىمى 2018.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

چۇرگۇل بازىرىچۇرگۇل بازىرىغا قاراشلىق چۆرگۈل كەنتى، قوشتېرەك كەنتى، قىزىلتاش كەنتى، شىگۇ كەنتى، قارا تۆپە كەنتى، نەنسەن چارۋىچىلىق فېرمىسى قاتارلىق 5 كەنت، بىر مەيدان، جەمئىي 17 رايون بار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23 مىڭ مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق مىڭ 600 مو.

چۇرگۇل بازىرى 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بازار ئومۇمىي ئائىلە سانى 2504 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 12516 ئادەم، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 4. قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %93.2 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

چۇرگۇل بازىرىتاغلىق يەر تۈزۈلۈشى كۆپ، جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700-4000 مېتىرغىچە كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1252 مېتىر. پۈتكۈل تاغ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، يەر شەكلى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بويىچە ئېگىز تاغ بەلۋېغى، ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى، پاكار تاغلىق بەلۋېغىغا بۆلىنىدۇ. 

ئېگىز تاغ بەلۋېغى

ئېگىز تاغ بەلۋېغى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800-4000مېتىر، تاغ ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، سۇ ئېقىمى شىددەتلىك، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، شۇنداقلا ناھىيە بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يايلاق. 

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600-2800 مېتىر، تاغ چوققىلىرى تىك، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن، قويۇق ئۆسكەن تەڭرىتاغ شەمشادى ۋە تاغلىق چىملىقى ئۆسىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

پاكار تاغلىق بەلۋېغى

پاكار تاغلىق بەلۋېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700-1600 مېتىر، يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز، شۇنداقلا پۈتۈن بازار چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي رايونى ھېسابلىنىدۇ. 

چېگرا ئىچىدىكى ھاۋا رايى شارائىتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىگە ئاساسەن چوڭ پەرقلىنىدۇ، ۋېرتىكال ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك. 

ئېگىز تاغ بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرى ئېگىز تاغ بەلۋېغىسوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە، يىل بويى قار قاپلاپ تۇرىدۇ، ھاۋا كىلىماتى سوغۇق؛ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500مىللىمېتىردىن يۇقىرى، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بىر قەدەر ئاجىز؛ كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سائەت سانى 2680.7؛ مۇتلەق قىرو مەزگىلى يوق؛ شامال سۈرئىتى سىكۇنت / مېتىر 5 ~ 7. 

ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرىئوتتۇرا تاغلىق بەلۋېغى كىلىماتى مۆتىدىل ھەم نەم، ياز پەسلىدە سالقىن بۇلىدۇ، قىش پەسلىدە ئانچە سوغۇق ئەمەس، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9 سېلسىيە گىرادۇس؛ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 110-400 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. بىر يىلدا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2915.2 سائەت؛ يىللىق قىروسىز مەزگىل 120 كۈندىن ئاز. 

پاكار تاغلىق بەلۋېغى

چۇرگۇل بازىرى پاكار تاغلىق بەلۋېغىرايونى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغقا تەۋە، تۆت پەسلى روشەن، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9-6.8 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا43.- سېلسىيە گىرادۇس؛ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 185مىللىمېتىر، ھورلىنىشى؛ يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3104.1 سائەت؛ يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 129-176 كۈن، توڭ چوڭقۇرلۇقى 146 سانتىمېتىر؛ كۆپىنچە قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدۇ، تېزلىكى 20 مېتىر / سېكۇنت. 

تەۋەسىدە چۇئېرگۇ دەرياسى بولۇپ، بۇ دەريا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى گاز ئالاھىدە داۋان باشلىنىدۇ، چۇئېرگۇ دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ دەريادا  يىل بويى سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. تەۋەسىدىكى يەر ئاستى سۈيى مولراق.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#