ئىچئېرىق يېزىسى

ئىچئېرىق يېزىسى

ئىچئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، دۆلەت يولى 314 - لىنىيەسى بويى ۋە كۇچا، شايار، توقسۇ ئۈچ ناھىيە چېگرىسىدىن شەكىللەنگەن ئۈچ بۇرجەك بەلۋاغ، پۈتۈن يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىچئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 137 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 依其艾日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 29991 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىچئېرىق يېزىسىئىچئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، دۆلەت يولى 314 - لىنىيەسى بويى ۋە كۇچا، شايار، توقسۇ ئۈچ ناھىيەسى چېگرىسىدىن شەكىللەنگەن ئۈچ بۇرجەك بەلۋاغ، پۈتۈن يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، بىر يىلدا ئوتتۇرىچە قىراۋسىز مەزگىلى 200 كۈن، ھۆل-يېغىن ئاز، قىش پەسلى قۇرغاق سوغۇق، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك. توقسۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ.پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 137 كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 29991؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى21160 ئادەم.دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. 

ئىچئېرىق يېزىسىئىچئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 21 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار : ئۇزۇنكوچا كەنتى، ئىچئېرىق كەنتى، تۆتتاش كەنتى، توغراقۇم كەنتى، يانداق كەنتى، ئاقيار كەنتى، توقىچەك كەنتى، ئويمەھەللە كەنتى، يۇقىرىقى يېڭىئاۋات كەنتى، جاي كەنتى، يۇقىرىقى مەھەللە كەنتى، يېڭى مەھەللە كەنتى، قىزىلنۇر كەنتى، قاراتاش كەنتى، مۇنار كەنتى، قىزىلتام كەنتى، چاشەنبە بازار كەنتى، ئويباغ يېزىسى، تىگىن كەنتى، توما كەنتى، پايىس كەنتى، شال تېرىقچىلىق مەيدانى. جەمئىي 74 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

ئىچئېرىق يېزىسىئىچئېرىق يېزىسىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ناھايىتى ياخشى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 63315مو ، 2003-يىلى ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 27000 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت 21140، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 21140 مو، ئىنتايىن كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بولغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئاشلىق-پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ يېزىسى بولۇپ، پاختا، بۇغداي، قوناق، ياغلىق دان زىرائەتلىرى ۋە قىزىل مۇناقى ئۈزۈم، قەغەز ياڭاق، ئاق چولپان ئۈرۈك قاتارلىقلار چىقىدۇ. يېزا بويىچە قىزىل ئۈزۈم ۋە ئاق چولپان ئۈرۈكنىڭ ھەرقايسىدىن 10 مىڭ مو كېلىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتۈرۈلگەن.

قىزىل ئۈزۈمنىڭ دانىسى چوڭ، تەملىك،ساقلاش، يۆتكەش ئاسان؛ نېپىز پوستلۇق ياڭاقنىڭ پوستى نېپىز، مېۋە ئېتى قېلىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؛ئاق چولپان ئۆرۈك مېۋىسىنىڭ دانىسى چوڭ، ساقلاش ئاسان، تەمى تاتلىق، يېيىشلىك بۇلۇپ، ناھىيە ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقى بار.

ئىچئېرىق يېزىسى2003-يىلى ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 7348.2 تۈمەن يۈەن بۇلۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.6 ئاشقان،بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 4880.5 تۈمەن يۈەن، چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 1721.98 تۈمەن يۈەن، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 443.65 تۈمەن يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1937.8 يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 337.9 يۈەن ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 363.24 تۈمەن يۈەن؛ 3-كەسىپنىڭ كىرىمى266.97 تۈمەن يۈەن؛ سىرتقا چىقىپ ئەمگەك قىلىش ئومۇمىي كىرىمى 585 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

پۈتۈن يېزىدىكى يېزا-بازار كارخانىسى 305كە يىتىپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 11152 تۈمەن يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، كۆپەيمە قىممىتى 162 تۈمەن يۈەن، 2004-يىلى يېڭى تەرەققىي قىلغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر 70، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 260 مىڭ يۈەن، كەسىپي خادىملار 98 ئادەمگە يەتكەن.

ئىچئېرىق يېزىسىمائارىپ- مەدەنىيەت-سەھىيە : ئىچئېرىق يېزىسى بويىچە 11 مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 9، ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 4707، جەمئىي 40 تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 1642، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %99 ۋە %95 تىن يۇقىرى بولغان. 

بىر يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى تەسىس قىلىنغان،21 كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلغان، پەن- تېخنىكا، تەنتەربىيە،سەھىيە، تەربىيلىنىش، يېزا ئىقتىسادى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ھەر خىل كىتاب 160 مىڭ پارچە. رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#