لوڭجۇ تېغىدىكى لەخمە خارابىسى

186-مەزكۇر تۈەن لوڭجۇ تېغىدىكى لەخمە ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، 2013–يىلى 6 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ لوڭجۇ تېغىدىكى لەخمە خارابىسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 186–تۈەن ‹‹ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ساياھىتىگە تايىنىپ، مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنى بەرپا قىلىش، باشتىن كەچۈرۈش ساياھىتىنى ئېچىش، چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش›› تىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مەزكۇر تۈەن لوڭجۇ تېغىدىكى لەخمە ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، 2013–يىلى 6 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ لوڭجۇ تېغىدىكى لەخمە خارابىسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 2014–يىلى 5–ئايدا لوڭجۇ تېغى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن، 2014–يىلى 11–ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر 25 مىڭ ئادەم/ قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان.

مەزكۇر تۈەن ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى پېيگېن مۇنداق دىگەن: 2015–يىلى 186–تۈەن لوڭجۇ تېغى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىغا يەنە 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، كۆزىتىش مۇنارى ياساپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قۇرۇشقا كۈچىدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو – سوۋېت جېنباۋ ئارىلى ئۇرۇشىدىن كېيىن، 186 – تۈەن چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ‹‹لەخمىنى چوڭقۇر كولاپ، ئاشلىق توپلاپ، زومىگەرلىك قىلماسلىق››، ‹‹ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ ئاشلىق توپلاش خەلق ئۈچۈندۇر›› دېگەن يوليۇرۇقنىڭ روھىغا ئاساسەن، پۈتۈن تۈەندىكى ئەر – ئايال، قېرى – ياش ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. 1970 – يىلى 1 – ئايغا قەدەر، ھاۋا مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدىن 300 نەچچىنى، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش لەخمىسىدىن 2880 مېتىر كولىغان ۋە 20 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆستەڭنى تازىلاپ ئۇرۇش ئاكوپى قىلغان، لەخمە لوڭجۇ تېغىغىچە كولانغان. بۇ لەخمىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى پاناھلىنالايدۇ؛ ئۆڭكۈر ئىچىدە يەنە ئاشلىق ئامبىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ئاشخانىسى، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشخانىسى، خەلق ئەسكەرلىرى ياتىقى قاتارلىق توققۇز ئۆڭكۈر بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#