ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىمى ئەيلېر 1707-يىلى شىۋېتسارىيە دىكى داڭلىق شەھەر بازېلدا دۇنياغا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەيلېر
دۆلەت تەۋەلىكى شىۋېتسارىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1707-يىلى
كەسپى ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىمى
ئىنگىلىزچە نامى Leonhard Euler
خەنزۇچە ئىسمى 欧拉
يۇرتى شىۋېتسارىيە بازېل شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1783-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى باسېل ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىتقادى خرىستىئان دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 1783-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى فرانسىيە لىك مېنگور ئاكا-ئۇكىلار ئىككىنچى قېتىملىق ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇش سىنىقىنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ سان پېتېربۇرگدا بىر ئەما بوۋاي دوستلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى ھېسابلىغان شارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش فورمۇلىسىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۇ، كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇراننىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاشقا كېتىدۇ، توساتتىن ئۇنىڭ قولىدىكى غاڭزىسى يەرگە چۈشۈپ، بوۋاينىڭ ئىككى كۆزى يۇمۇلۇپ قايتا ئېچىلمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلغان بۇ ئەما ياۋروپادىكى مەشھۇر ماتېماتىك شىۋېتسارىيەلىك ئەيلېر ئىدى. 

ئەيلېر 1707-يىلى شىۋېتسارىيەدىكى داڭلىق شەھەر بازېلدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، ئۇ  13 يېشىدىلا بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان، ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى ئەلا بولغان. 17 يېشىدا بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار تارىخىدىكى ئەڭ ياش ماگستىرغا ئايلانغان. 18 يېشىدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 19 يېشىدا يازغان كېمە ماچتىسى توغرىسىدىكى ماقالە پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەيلېرنىڭ ئاممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە ساقلاش كۈچى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلىشى، شاۋقۇن-سۈرەننىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغانلىقى، ئېغىر-بېسىقلىقى، ھارماي-تالماي ئىشلىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.

   1727-يىلى ئەيلېر، تەكلىپكە بىنائەن، رۇسىيە نىڭ سان پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلىگەن، 1733-يىلى  26 يېشىدا دوتسېنتلىققا ۋە ماتېماتىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن، 28 يېشىدا ئوڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. 1741-يىلدىن  1766-يىلغىچە ئەيلېر بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پرۇسسىيە پادىشاھلىقى ئۈچۈن 25 يىل خىزمەت قىلغان. 1766-يىلى روسىيە ئايال پادىشاھى يېكاتېرىنا Ⅱ  ئەيلېرنىڭ سان پېتېربۇرگقا قايتىشىنى ئۆزى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەيلېرنىڭ خىزمەت شارائىتى جىق ياخشىلانغان بولسىمۇ، خىزمەت سىجىللىقى ئۇنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ سول كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئارقىدىنلا ئوت ئاپىتى بولۇپ، ساقلىغان كۆپ قىسىم كىتابلىرى ۋە قوليازمىلىرى كۆيۈپ كەتكەن. بىراق، ئەيلېر بۇنىڭلىق بىلەن تىز پۈكمىگەن، ئۇ: «ئەگەر تەقدىر ئۇيۇلتاش بولسا، مەن بازغانغا ئايلىنىپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىمەن! » دەيدۇ. ئەيلېر ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قېرىلىق ۋە زۇلمەت بىلەن 17 يىل ئېلىشقان، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتىغىچە ياردەمچىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى تاماملىغان.

ئەيلېر ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، بىناكارلىق، ھەتتا مۇزىكا، پەلسەپە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ماتېماتىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەيلېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان فورمۇلا، تېئورېما ۋە مۇھىم تۇراقلىق سانلارنى ئۇچرىتىمىز، ھازىرقى ماتېماتىكا كىتابىمىزدىكى i (يەنى،)، (x (f (فۇنكسىيە بەلگىسى) (يىغىندى بەلگىسى)، nis، soc (ترىگونومېترىيەلىك فۇنكسىيە بەلگىسى) قاتارلىقلارنى ئۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە ئومۇملاشتۇرغان. گولدباخ قىياسىمۇ ئۇ گولدباخقا يازغان خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەيلېر يەنە تۇنجى بولۇپ، ئاي شارى نىڭ يەر شارى نى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىنچىكە نەزەرىيەنى تاماملاپ، ئانالىتىك مېخانىكا، قاتتىق جىسىم مېخانىكىسى قاتارلىق مېخانىكا پەنلىرىنى بەرپا قىلغان، تېلېسكوپ، مىكروسكوپنى لايىھىلەش، ھېسابلاش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#