ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى

ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى

بۇ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى(ئالدىنقى توققۇز نۆۋەتلىكتە ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى بىرلەشمىسى دەپ ئاتالغان) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن ئارىلىق تاشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1990-يىلى11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەت قىتئە دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشىدۇر .

ئۇيغۇرچە نامى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى
خەنزۇچە نامى 亚洲运动会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى يىراق شەرق تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە غەربىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. يىراق شەرق تەنھەرىكەت يىغىنى1913-يىلىدىن باشلاپ جەمئىي10 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. 1934-يىلى يىراق شەرق تەنھەرىكەت يىغىنى توختىتىلىپ، شۇ يىلى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك غەربىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. 2-نۆۋەتلىك غەربىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنى1938-يىلى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا دەل2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنى1949-يىل2-ئايدا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن1951-يىلىغا كېچىككەن. ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئولىمپىك تۈرلىرىگە ئوخشاش، ئەمما بەلگىلىمىلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭكىدەك قاتتىق ئەمەس. ھەر نۆۋەتلىكتە بىرقەدەر كەڭ قانات يايغان يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پۇتبولغا ئوخشاش تۈرلەردىن باشقا، ساھىبخان دۆلەت ئەھۋالغا قاراپ بىر قىسىم تۈرلەرنى قوشسا ياكى ئازايتسا بولىدۇ. 1990-يىلىدىكى بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا جەمئىي27 تۈردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىئېلىمىزنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا رەسمىي قاتنىشىشى7-نۆۋەتلىكتىن باشلانغان. 1982-يىلى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن9-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز61 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئىسىم تەرتىپىدە ئالدىغا ئۆتكەن. 1986-يىلى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن10-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز ئالتۇن مېدالدىن93 كە، ساھىبخان دۆلەت كورېيە92 گە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز ئالدىنقى ئورۇننى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا جەمئىي310 دانە ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئېلىمىز ئالتۇن مېدالنىڭ ئەڭ كۆپىنى، يەنى183 ىنى ئالغان.


ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى 
ئېلىمىزنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى
ئېلىمىزنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#