قارا داغ كېسلى

قارا داغ كېسلى

بۇ تېرىگە قارا داغ چۈشۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما تېرە كېسەللىكىدۇر.

بۇ كېسەل خاراكتېر جەھەتتىن ئاقكېسەلنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «بەرەس ئەسۋەد» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى قارا داغ كېسلى
تەۋە بۆلۈم تېرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 黑变病
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 سەۋدا خىلىتى مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىش سەۋەبى 

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتسە، بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ ماددا ئالمىشىشى ئاستىلىتىدۇ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتف سۇيۇق تەركىبلىرىنى قۇرۇتۇپ قويۇلۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ نورمالسىز سەۋدا خىلىتى تېرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا يىغىلىپ تەدرىجىي قويۇلۇپ چۆكمىگە چۈشۈپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 كۆيگەن سەۋدا سەۋەبى 

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆيۈپ قويۇقلىشىشى يۈز بەرگەندە بۇ خىل نورمالسىز سەۋدا خىلىتى ۋەزىن جەھەتتىن ئېغىر چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولغاچقا، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا بارغاندا يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈپ تېرە توقۇلمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قارا داغلار بولۇپ، كىچىكلىرى چېكىتسىمان، چوڭلىرى ياپىلاق شەكىلدە بولۇپ، ساق تېرە بىلەن چېگرىسى ئېنىق بولىدۇ. تېرىنىڭ ھەممە ئورنىدا پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ يۈز ۋە قولغا ئوخشاش كۈن نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ئىپادىلىنىدۇ.

بىر خىلى، قارا كېپەكلىشىدىغان داغ تىپى بولۇپ، داغ پەيدا بولغان ئورۇننىڭ تېرىسى ساق تېرە بىلەن بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ. داغ بار ئورۇننىڭ يۈزى قۇرۇق، يېرىق بولۇپ كېپەكلىشىدۇ. قىچىشىش تىپىك بولمايدۇ، قارا داغ سۇس قارا بولىدۇ.

يەنە بىر خىلى، تېرە قېلىنلىشىپ، قىچىشىدىغان تىپى بولۇپ، قارا داغ بار ئورۇننىڭ تېرىسى قېلىنلىشىپ قىچىشىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ سېزىمچانىقى نىسبەتەن تۆۋەنلەيدۇ. كۆپىنچە ياشانغان كىشىلەردە كۆپ بولىدۇ.

تېرىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ساق تېرە بىلەن چېگرىسى ئېنىق قارامتۇل داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى، داغ پەيدا بولغان ئورۇننىڭ تېرىسىدە كېپەكلىشىش ياكى قېلىنلاپ قىچىشىشنىڭ بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قارا گۈللۈك تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قارا گۈللۈك تەمرەتكىدە، داغ بار ئورۇننى ئۇۋىلىغاندا كېپەككە ئوخشاش نېپىز قاسىراق ئاجرىلىپ چۈشىدۇ. پوستى ئاجرالغان ئورۇن بىر ئاز قىزىرىپ قالىدۇ. ئەمما تەمرەتكە بار ئورۇننىڭ تېرىسى ساق تېرىدىن كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلۈپ چىقمايدۇ. بەدەننىڭ خالىغان يېرىدە پەيدا بولىدۇ. مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە زەمبۇرۇغ چىقىدۇ.

سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بەدەن تەرىپىدە سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغلار بولىدۇ. يەرلىك ئورۇننى ئەينەك بىلەن باسقاندا يوقىمايدۇ. ئاپتاپتا قېنىقلىشىدۇ. قاسىراق ۋە كېپەكلەر بولمايدۇ. ياش ئاياللاردا يۈز قىسىم تېرىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

داغ ۋە سەپكۈندىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

داغ يۈز تېرىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۆزى ساپ، سۈزۈك، دائىرىسى كەڭرى بولۇپ، كېپەكلەشمەيدۇ، قىچىشمايدۇ، ساق تېرە تەكشىلىكىدە بولىدۇ.

سەپكۈن يۈز تېرىسىدە پەيدا بولىدىغان قارا چېكىتلىك داغ ياكى قىزىلغا مايىل يۇمىلاق چېكىتسىمان داغ بولۇپ، تېرە تەكشىلىكىدە بولىدۇ. يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى جەھەتتىن ئارتىپ كېتىشى ياكى كۆيگەن خىلىتىغا قارىتا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ماددىنى پىشۇرۇش مەقسىتىدە خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەتبۇخ ئەفتىمۇن ياكى مەتبۇخى مائۇلجەبەن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ئۇيۇپ قالغان سەۋدا خىلىتىنى ئېرىتىش، تېرىنىڭ قۇۋۋىتىنى دافىئە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېرە توقۇلما ئارىلىقىدىكى قويۇق سەۋدا خىلىتىنى سىرتقا چىقىرىش رولى بولغان دورىلاردىن ئىترىفىل كەبىر 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئىترىفىل سانا ئون گرامدىن ئىككى ۋاخ، ئىترىفىل ئەفتىمۇن 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، قۇرسى شاھتەررە 5~3 دانىدىن ئۈچ ۋاخ، ئامىلە نۇشدارى لۆلۋى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ قاتارلىقلار تاللاپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتىدىن خەربەق سىياھ، زەرنىخ، زاك، گۈڭگۈرت، تۇرۇپ ئۇرۇقى، بىستىپايەج، كۈندۈش، ئاچچىق قۇستە ۋە زاغۇنلارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مەلۇم مىقداردىكى سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق ئوماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، قارا داغ بار ئورۇنغا سۈرتىلىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، كۆپرەك ھۆل ئىسسىق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە لازا، ئاچچىقسۇ، قازان نېنى، ھاراق، تاماكا ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك ۋە چېكىملەردىن پەرھىز قىلدۇرۇپ، قوي گۆشى، توخۇ گۆشى شورپىلىرى، ھەسەل، مۇرابباسى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

ياز كۈنلىرى ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ بىلەن يۇيۇنۇپ بەرگەندە ھەمدە يېمەك-ئىچمەك تەرتىپىگە دىققەت قىلىپ مىزاجنىڭ نىسپىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەندە قارا داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەر ھەم سىڭىشى تەس بولغان، يەل قوزغايدىغان غەلىتە غىزالاردىن پەرھىز تۇتۇپ، ھۆل ئىسسىق كەيپىياتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=914

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=914

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#