نوقۇت دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نوقۇت (خام دورا)
  2. نوقۇت ()
خام دورا
نوقۇت

نوقۇت بولسا ئۇسۇملۇك نوقۇتنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مىۋىسىدۇر، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «نۇقۇت» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تېرىگە جۇلا بېرش، قان تازىلاش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى نۇقۇت
ئەرەبچە نامى ھىمماس
ئىنگلىزچە Gram Chickpea seed
چىقىش ئورنى شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي شەنشى، خېبىيدىن چىقىدۇ
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鹰嘴豆
پارسچە نامى نوخۇد
ئوردۇچە نامى چەنا
ۋاقتى 7-8 ئايلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نوقۇتنوقۇت بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۇسۇملۇك نوقۇتنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مىۋىسىدۇر، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «نۇقۇت» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 7-8 ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا پۈتۈن تۈپى بويىچە ئورۇۋېلىپ، ئۇرۇقى ئايرىپ ئېلىنىدۇ. 

بۆرەك،دوۋساق، باھنى قۇۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، تېرىگە جۇلا بېرش، قان تازىلاش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

خەشخاش،زىرە ،گۇلقەنت،جاۋارىش كۇمۇنى.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

نوقۇتدىن ئايرىۋېلىنغان بىر خىل تەركىپ ۋىتامىن كەملىكنى تۇزەيدۇ،بۇ،تەسىرى ئاچچىق لىمون پوستىنىڭ گىلىكوزىدى بىلەن ئوخشاش.

نوقۇتئۇرۇقىدا تەخمىنەن %20 پىرسەنت ئاقسىل،مەلۇم مىقداردا مايلىق ياغ %44.84-52.80 كراخمال، %5 كىچە كان ماددىلىرى،%10 يىرىك تالالارنى تۇتىدۇ، يېڭى يىغىۋېلىنغان ئۇرۇقىدا (VC،V B1،VE) پانتوتېنىك كىسلاتا، فېتىك كىسلاتا،قاتارلىقلار بار. 

نوقۇت1.ئاقىرقەرھانى سۆئىلەپ بىلەن ھالۋا قىلىپ يەپ بەرسە، جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. نۇقۇت ئۇنىنى سۇغا چىلاپ، سۈزۈلگەن سۈيىنى كۈندە بىر قانچە قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

3. نۇقۇتنى ئاخشىمى سۇغا چىلاپ قويۇپ، يۇمشىغاندا ئەتىگىنى پىشۇرۇپ يېسە ۋە ئۇنىڭ سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، ئاۋازنى ياخشىلايدۇ.

4. قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىشكە بېرىلسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ. سۈيدۈك يولىنى تازىلايدۇ.

5. نۇقۇت ئۇنى بىلەن يۈز ۋە چاچنى يۇسا، يۈزىنى پارقىرىتىدۇ، چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ، چاچقا ۋاقىتسىز ئاق كىرمەيدۇ

دورىلىق ئورنى

ئۇسۇملۇك نوقۇتنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مىۋىسى.

مىقدارى

10-20 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

خەشخاش،زىرە ،گۇلقەنت،جاۋارىش كۇمۇنى.

ئورۇنباسارى

 پۇرچاق، ماش، تۇرمۇس.

لوبوبى كەبىر ،لوبوبى سېغىر، ھالۋا نۇقۇت.

سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، سۆزنەك، باھ ئاجىزلىقى، كەم قۇۋۋەتلىك، ھۆل ۋە قۇرۇق قىچىشقاق، چاچ چۈشۈش، ۋاقىتسىز ئاق كىرىپ كېتىش قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=236

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#