يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش

يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش

يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش — ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 8-ئارمىيىنىڭ جەڭگە قاتناشتۇرغان ھەربىي كۈچى ئەڭ كۆپ، تەشكىلىي كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

نامى يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو 8–ئارمىيە (پېڭ دېخۇەي)
ھەربىي كۈچ 8-ئارمىيە 400000 ئادەم
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى 8-ئارمىيىدىن 17000 ئادەم
خەنزۇچە نامى 百团大战
باش قوماندان پېڭ دېخۇەي، زوچۇەن
ئورنى سەنشى چاخار خېبېي چېگرا رايونى (خېبېي ئۆلكىسى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ)
ۋاقتى 1940-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 15-كۈنگىچە
نەتىجىسى ياپونىيە ئارمىيىسىدىن 20645 ئادەم، قورچاق ئارمىيىدىن 5155 ئادەم يارلاندى، ئۆلدى.
ئۇرۇشقا قاتناشقان قىسىم 129-شى، 120-شى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش1940-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 8-ئارمىيە پېڭ دېخۇەينىڭ قوماندانلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 105 تۇەننى تەشكىللەپ، تەخمىنەن 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ 2500 كىلومېتىرلىق ئۇرۇش سېپىدە ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە ۋە قورچاق ئارمىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، «تازىلاش» قا قارشى تۇردى. 1940-يىلىدىن كېيىن، ياپونىيە ، ياۋروپا داۋالغۇش بۇلۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئالداپ مەجبۇرلاپ گومىنداڭ تەسلىم بولغان. بىر تەرەپتىن دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنى «تازىلاش» قارشى ئۇرۇش ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا بەرپا قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋەيران قىلىنىپ ياپونىيە ئارمىيەسى شىمالىي جۇڭگو قاتناش لىنىيەسى، ئايرۇدروملارنى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ، تارىختا  «100 تۈەنلىك ئۇرۇش» دەپ ئاتالدى.

بۇ قېتىملىق ئۇرۇش جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈندى.

 1-باسقۇچ

9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ ئاساسلىقى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىسى قاتناش لىنىيىسىنى ۋەيران قىلىش ئىدى.

 2-باسقۇچ

10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچتا 8-ئارمىيە قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە تايانچ بازىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ياپونىيە ۋە قورچاق ئارمىيىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى.

 3-باسقۇچ

12-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچتا «تازىلاش» قا قارشى تۇرۇش مەركىزىي ۋەزىپە قىلىندى.

يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش 100 تۇەنلىك ئۇرۇش ئۈچ يېرىم ئاي داۋاملاشتى، جەمئىي 1824 قېتىم چوڭ-كىچىك جەڭ بولدى، بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسى ۋە قورچاق ئارمىيىدىن ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەر 40 مىڭدىن ئاشتى، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋە قورچاق ئارمىيىنىڭ 3000 چە تايانچ بازىسى پاچاقلاپ تاشلاندى، دۈشمەننىڭ 480 نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول لىنىيىسى، 1500 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيول لىنىيىسى بۇزۇپ تاشلاندى. 260 تىن ئارتۇق ۋوگزال، كۆۋرۈك، تونىل ۋەيران قىلىندى. 8-ئارمىيە دۈشمەننىڭ نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا، ماددىي ئەشيالىرىنى غەنىيمەت ئالدى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#