تال ياللۇغى

ئادەم بەدىنىدىكى تال

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تال توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا تال چوڭىيىش، تال ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسلىق ئالامىتى تال ئىششىپ چوڭىيىدۇ، تەرىتى قارامتۇل كېلىدۇ، ئورۇقلايدۇ، ھەرىكەت قىيىنلىشىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە قىزىيدۇ
خەنزۇچە نامى 脾脏炎
كېسەللىك ئورنى تال
كېسەللىك سەۋەبى سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
ئۇيغۇر تېبابىتى نامى تال ياللۇغى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل مىكروبلار بىلەن ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تال توقۇلمىلىرىغا بارغاندا تالدىكى تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئۆزىنىڭ غىدىقلاش ۋە يۇقۇملاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن تال توقۇلمىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تال توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا، توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشىگە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قىلىپ توقۇلمىلارنى غىدىقلىشى نەتىجىسىدە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تال توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تال توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان تومۇردا چۆكمىگە چۈشۈپ نۆكچا پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە ماددا ئالمىشىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن نېكروزلىنىشنى كەلتۈرپۈ چىقىرىدۇ ھەمدە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ نورمالنى چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سىرتقى زەربىلەر سەۋەبىدىن تال توقۇلمىلىرى زەخمىلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تال ئىششىپ چوڭىيىدۇ. يەڭگىل بولغاندا قوۋۇرغا ئاستىدىن تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا پۈتۈن قورساق ساھەسىنى ئىگىلەيدۇ. ۋەزنىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، تال ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىمار كۆپ كېكىرىدۇ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، چىرايى قارىدايدۇ ياكى توپا رەڭگە مايىل بولۇپ قالىدۇ، تەرىتى قارامتۇل كېلىدۇ، ئورۇقلايدۇ، ھەرىكەت قىيىنلىشىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە قىزىيدۇ، تال ساھەسىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە، تال بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى چوڭىيىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭايغان تال قولغا ئۇرۇنىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تال ساھەسى ئاغرىش، تال چوڭىيىش، ئىشتىھاسىزلىق، قىزىش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرىكى زەخىملىنىش تارىخى ۋە خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا يولۇقۇش تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايى: ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

2) B تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە، تالنىڭ چوڭايغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن جىگەر، تال ۋە ئومۇمىي بەدنەنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتلىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىر، ئىتتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، ئىتئۈزۈمى، ئىزخىر، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىرىدن 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىرىدن 5~3 كۈن بېرىپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ياكى گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچقا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىرىدن 15~10كۈن ئىچىشكە بېرىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە، كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان يەتتە گرامدىن، گاۋزىبەن، كەرەپشە يىلتىزى، زەنجىۋىل، ئىتئۈزۈمى بەش گرامدىن، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم توققۇز دانە، سېرىق ئەنجۈر ئۈچ دانە ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىرنى 10گرام خېمىرى بىنەپشە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۇزاپ بەرگى 10گرام، ئۆشەك يەتتە گرام، بۆرە ئەرمىنى، پۈدىنە ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ 24مىللىلىتىر سىركىدە يۇغۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ تال ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئاق تۇربۇت، سانا مەككى يەتتە گرامدىن، سېرىق ھېلىلە پوستى 12گرام، خىيارشەنبەر مېغىزى 60گرام، تەرەنجىبىن، قارا شېكەر 48گرام، بادام مېغىزى بەش دانە ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، 40مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سۇزاپ بەرگى، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، شۇمشا، ئەنجۈر، تال ياغىچىنىڭ كۈلى 10گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركىدە يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ تال ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئەنزىرۇت ئالتە گرام، كەتىرا، يۇمىلاق زىراۋەندە 12گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى كونا سىركىدە يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ تال ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئىزخىر يىلتىزى، قامغاق، غاپەس گۈلى، يۇلغۇن مېۋىسى، ئۈستقۇددۇس 15گرامدىن، شاھتەررە 30گرام، ئۆشبە، بەدىيان، رۇم بەدىيان 10گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قايتىلىما تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىرغا تۇربۇت، غارىقۇن، ئايارەج پەيقىرادىن تۆت گرامدىن سېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىلگۈل 15گرامدىن، قۇرۇق يۇمغاقسۈت، يۇلغۇن مونچىقى، كاسىنە ئۇرۇقى، سېرىق ئوت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، سېرىق ھېلىلە توققۇز گرام، زىرىشىك 25گرام، رۇببىسۇس، رەۋەنچىنى بەش گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئاق زىرە، قارا زىرە، بىخ كەبىر ئالتە گرامدىن، شەھبەنزەل، باقىلە ئۈچ گرامدىن، بابۇنە گۈلى توققۇز گرام، سەبرى ئىككى گرام ئېلىپ، سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركىدە يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ تال ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن، قۇرسى غاپەس كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈ دانىدىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن، سىركەنجىۋىل بۇزۇرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، قۇرسى ئاساناسىيا كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن كېسلەلىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن جىگەر، تال ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن مەجۇنى دەبدىل ۋەرىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن، داۋائىلكۇركۇم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، داۋائىمىشكى مۇدىتىل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى خوبسىل ھەدىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدا 10گرادمىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە مايلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، ئىسسىق پەسىلدە ۋە ئىسسىق تاماقنى يېگەندىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، تالغا زەربە تېگىشىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشىتن، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، توغرا ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجگم بولۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەررلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=835

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#