كابۇل دەرياسى
كابۇل دەرياسى ئافغانىستاندىكى دەريا. ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 560 كىلومېتىر ئافغانىستانغا، قالغان قىسمى پاكىستانغا توغرا كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافغانىستاندىكى دەريا. ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 560 كىلومېتىر ئافغانىستانغا، قالغان قىسمى پاكىستانغا توغرا كېلىدۇ. باش قىسمى ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىپ، ئافغانىستاننىڭ قابۇل، جالالئاباد شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كېبىر تاغ ئېغىزىنىڭ شىمالىدىكى تاغ ۋادىسى ئارقىلىق پاكىستانغا ئېقىپ كىرىدۇ، پېشاۋار، ئىسلامئابادنىڭ غەربىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھىندى دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا سۈيى جالالئاباد بىلەن پېشاۋار قاتارلىق جايلاردا سۇغىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. دەريا ۋادىسى مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ، دەريانىڭ قابۇل شەھىرىدىن تۆۋەن قىسمىدا قېيىق بىلەن قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، مۇھىم تارماقلىرى لاۋگار، پەنجە، سېرلاردىن ئىبارەت.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.