گۇەندۇ ئۇرۇشى

گۇەندۇ ئۇرۇشى

گۇەندۇ ئۇرۇشى ئېلىمىز تارىخىدىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ مۆجىزە ياراتقان بىر قېتىملىق مەشھۇر ئۇرۇش. ساۋ ساۋ گۇەندۇ جېڭىدە يۈەن شاۋ قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

نامى گۇەندۇ ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار يۈەن شاۋ قوشۇنى؛ ساۋ ساۋ قوشۇنى
نەتىجىسى ساۋ ساۋ غەلىبە قىلدى
باش قوماندان يۈەن شاۋ، يەن لياڭ، ۋېن چۇنى،جۈي شۇ يۈەن، شۈي يۇ، ساۋ ساۋ،
ئورنى گۇەندۇ (بۈگۈنكى خېنەندىكى جۇڭمۇنىڭ شەرقىي شىمالى)
ئۇرۇش ۋاقتى بىر يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۇەندۇ ئۇرۇشىگۇەندۇ ئۇرۇشى ئېلىمىز تارىخىدىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ مۆجىزە ياراتقان بىر قېتىملىق مەشھۇر ئۇرۇش. 

شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مىلىتارىستلارنىڭ يېغىلىقلىرى ئەۋج ئالدى. ساۋ ساۋ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىگىلەپ، خەن شيەندىنى تىزگىنلەپ، پادىشاھنى ئارىغا ئېلىپ بەگلىكلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە ئۇستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئەمەلىي كۈچىنى تېزلىكتە زورايتتى. مىلادىيە199-يىلى شىمالدىكى ئەڭ چوڭ مىلىتارىست يۈەن شاۋ 100 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ شۈي (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى شۈيچاڭنىڭ شەرقىدە) گە ھۇجۇم قىلىپ، ساۋ ساۋنى بىر يولىلا يوقىتىشقا ئۇرۇندى.

مىلادىيە 199-يىلى (جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 4-يىلى) 6-ئاي ___ مىلادىيە 200 - يىلى (جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 5-يىلى) 10-ئاي.

يۈەن شاۋ قوشۇنى تەخمىنەن 110000 ئادەم ساۋ ساۋ قوشۇنى تەخمىنەن 20000 ئادەم.

يۈەن قوشۇنى تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم، ساۋ ساۋ قوشۇنى تەخمىنەن 8 مىڭ ئادەم.

ئالدىنقى دەۋر 

 ئەينى چاغدا، ساۋ ساۋنىڭ لەشكىرى ئاز، قابىل سەركەردىلىرى يوق بولۇپ، 20 مىڭ كىشىلىك ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ شىمالغا ئاتلىنىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى. 

تىركىشىش 

گۇەندۇ ئۇرۇشىكېيىنكى يىلى يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى گۇەندۇدا(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى جۇڭمۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تىركەشتى، ھەل قىلغۇچ جەڭ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى. ئەينى چاغدا يۈەن شاۋنىڭ قوشۇنلىرى روشەن ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى. ساۋ ساۋ شەرقتىن شەپە بېرىپ غەربتىن زەربە بېرىش، دۈشمەننى بىر-بىرلەپ يوقىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بەيمادىكى(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى خۇاشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) يۈەن شاۋ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى يەن لياڭنى ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا ساۋ ساۋ يەنە دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈپ، يۈەن شاۋنىڭ ئۇلۇغ سانغۇننى ۋېن چۇنى ئۆلتۈردى.

تۇيۇقسىز ھۇجۇم

گۇەندۇ ئۇرۇشى شۈي يۇ تەدبىرى قوبۇل قىلىنمايلا قالماي، بەلكى يۈەن شاۋنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغاچقا، ساۋ ساۋ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ساۋساۋغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يۈەن شاۋ ئوزۇق-تۈلۈك ساقلايدىغان ۋۇچاۋ(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى يەنجىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) غا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ناۋادا مۇشۇ ھۇجۇم غەلىبىلىك بولسا ئۈچ كۈنگە قالماي يۈەن شاۋ قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ، دېدى. شۇ يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە10-ئايدا ساۋ ساۋ5000 لەشكەرنى باشلاپ يۈەن شاۋ قوشۇنلىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ۋۇچاۋغا يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. يۈەن شاۋ قوشۇنلىرى ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بىردىنلا پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى، ساۋ ساۋ قوشۇنى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يۈەن شاۋ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ70 نەچچە مىڭ لەشكىرىنى يوقاتتى، يۈەن شاۋ پەقەت800 ئاتلىق لەشكىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.

گۇەندۇ ئۇرۇشىيۈەن شاۋ ھەر ئىككى قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئىككى ئۇلۇغ سانغۇنىدىن ئايرىلغاچقا، قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى، بىراق يۈەن شاۋ ئۆزىنىڭ لەشكەرلىرى كۆپ، ئوزۇق-تۈلۈكىنىڭ موللۇقىغا تايىنىپ ساۋ ساۋ بىلەن ھايات-ماماتلىق جېڭى قىلىش قارارىغا كەلدى. لەشكىرىي نازىر جۈي شۇ يۈەن شاۋغا ساۋ ساۋنىڭ لەشكىرى ئاز، ئوزۇق-تۈلۈكى كەمچىل، تېز جەڭ قىلىشقا موھتاج، ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى، ساۋ ساۋ قوشۇنى بىلەن ئۇزاققىچە تىركىشىپ، ساۋ ساۋ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر چارچاپ، ئاشلىقى تۈگىگەندە ئاندىن ھۇجۇم قىلساق، دەپ نەسىھەت قىلدى. يۈەن شاۋ بۇ گەپكە قۇلاق سالماي، تېز ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. مۇشاۋىر شۈي يۇ پىلان كۆرسىتىپ:» ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى گۇەندۇنى مەھكەم قوغداۋاتىدۇ، ئارقا سېپى جەزمەن قۇرۇق، قوشۇننى بۆلۈپ شۈيگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلساق، جەزمەن غەلىبە قازىنالايمىز، دېدى. يۈەن شاۋ يەنىلا قۇلاق سالماي، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. 

گۇەندۇ ئۇرۇشىگۇەندۇ ئۇرۇشى بىر يىلدىن كۆپرەك تىركىشىپ شۇنىڭ بىلەن ساۋ ساۋنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ساۋ ساۋ يىگىرمە مىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكەرلىرى ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن يۈەن شاۋنىڭ  110 مىڭغا يېقىن قوشۇننى تارمار قىلىپ غەلىبە قىلدى. بۇ ئۇرۇش مىساللىرى بـۇ جـەڭ جـۇڭـگـو تارىخىدىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ساۋ ساۋ ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ھەربىي ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق ھەربىي سەھىپە. مىلادىيە 202-يىلى (جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 7-يىلى) يۈەن شاۋ مەغلۇپ بولغانلىقتىن ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. مىلادىيە 207-يىلى (جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 12-يىلى)، ساۋ ساۋ ئوغان يەنە دىنىي ئۇرۇش تۇغى ئاستىكى مۇشۇ ۋاقىتتىكى توختىمغىلى خېلى بولغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىكى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ساۋ ساۋ گۇەندۇ جېڭىدە يۈەن شاۋ قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#