چۇمپاق بازىرى
چۇمپاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۇمپاق بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ھازىر بار بولغان دېھقان-چارۋىچىلار 2395 ئائىلە، نوپۇسى 10100 ئادەم، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 95 مىڭ مو. خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، ئۆزبېك قاتارلىق تۆت مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئامما ئومۇمىي ئاھالىنىڭ % 97 ىنى ئىگىلەيدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
چۇمپاق بازىرىپۈتۈن بازار قارمىقىدا 7مەمۇرىي كەنت، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 10 پارتىيە ياچېيكىسى، 7 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، يەتتە ئىتتىپاق باش ياچېيكىسى، 27 ئىتتىپاق ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزالىرى 337 نەپەر. 2000-يىلى 7-ئايدا، ئاپتونۇم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بازار تەسىس قىلىنغان.
چۇمپاق بازىرىتېرىلغۇ يەر كۆلىمى 34 مىڭ مو. يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك چوڭ بازارى، ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار؛ مۇھىم ئىقتسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق دان، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. 2001-يىلى يېڭى بىنا قىلىنغان باغ 10 مىڭ 800 مو، 2001-يىلى بۇ بازار 8106942 كىلوگرام ئاشلىق، 1 مىليون 860 مىڭ كىلوگرام پاختا ھوسۇل ئالغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2686 يۈەن بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.